ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاق بالىلار ساغلاملىقىبالام ساغلام بولسۇن دېسىڭىز تۆۋەندىكى 20 ئىشنى بىلىۋېلىڭ

بالام ساغلام بولسۇن دېسىڭىز تۆۋەندىكى 20 ئىشنى بىلىۋېلىڭ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

1. بالىنى يۇمشاق سافا، كارۋاتتا ئۇخلاتماڭ.چۈنكى ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بالىنىڭ سۈڭىكى تېخى قاتمىغان بولغاچقا ، ئاسانلا شەكىل ئۆزگىرىش كېلىپ چىقىدۇ.

2.بالىنى قورقۇتۇش ئارقىلىق ئۇخلاتماڭ. بۇنداقتا بالىنىڭ يېتىلىۋاتقان نېرۋا سىستېمىسىنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ ، چۆچۆپ ياخشى ئۇخلىيالمايدۇ، قورقۇنچاق بولۇپ قالىدۇ.

بالام ساغلام بولسۇن دېسىڭىز تۆۋەندىكى 20 ئىشنى بىلىۋېلىڭ

3.بالىنى دۈم ياتقۇزۇپ ئۇخلاتماڭ. بۇنىڭدا يۇمشاق ئومۇرۇتقا سۈڭەك ئېگىلىپ قېلىپ نەپەس قىيىنلىشىدۇ.بىر قىسىم ئىچكى ئەزالار بېسىمغا ئۇچىرايدۇ.
4.بالىنىڭ بېشىنى پۈركەپ ئۇخلاتماڭ.بۇنىڭدا ساپ ھاۋا يېتىشمەيدۇ.

5. بالىنى يوتقىنىڭزدا ياتقۇزماڭ. چۈنكى چوڭلارنىڭ تىنىقىدىن چىققان كېرەكسىز ھاۋادا بالا ياخشى ئۇخلىيالمايدۇ ياكى كېسەللىك مېكىروبى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ.

6.بالىنى ۋاقتى – ۋاقتىدا تاھارەت قىلىشقا ئادەتلەندۈرۈڭ.

7.تىرناق ، قېرىنداشلارنى چىشلەشتىن چەكلەڭ.بۇتازىلىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولمىغان ناچار ئادەت بولۇپ،بالا ئاسانلا كېسەللىك مېكىروبى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ.

8.چىش چوتكىلاشقا ئادەتلەندۈرۈڭ. بۇ چىش ئاغىرىش ، چىشنى قۇرۇت يىيش، چىش چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

9.تۇزسىزراق تاماق يىيشنى ئۈگۈتىڭ.بۇنىڭدا كېيىن ،يۈرەك ، قان تومۇر كېسەللىكىگە ئاسان گىرىپدار بولمايدۇ.

10.كۆزىنى ئۇۋىلاشتىن ساقلىنىشنى جېكىلەڭ. بولمىسا بالىڭىز كۆز ياللوغلىنىش ۋە كۆز كېسەللىكىدىن خالىي بولالمايدۇ.

11.ئەتىگەندە ياخشى ئوزۇقلاندۇرۇڭ.تاماق تاللىمىسۇن، سەي،كۆكتات،مېۋىلەرنى كۆپىرەك بېرىڭ،شۇنداق قىلسىڭىز ئاشقازان كېسىلى، ھەر خىل ۋېتامىن ۋە مېنىرال ماددىلارنىڭ يېتىشمەسلىكىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىكلەردىن ساقلىنالايدۇ.

12.ئېغىزىنى يۇمۇپ ئۇخلاشقا ئادەتلەندۈرۈڭ.بۇنىڭدا ئېغىزغا چاڭ -توزان ، مېكىرۇپ كىرىپ كېتىش ياكى چىش شالاڭشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

13.قۇلاقنى تولا كولاشقا ئادەتلەندۈرمەڭ.بۇنىڭدا قۇلاق كېسەللىكلىرىدىن ساقلىنالايدۇ.

14.چوڭ -كىچىك تەرەتتىن كېيىن قول يۇيۇشقا ئادەتلەندۈرۈڭ. يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنالايدۇ.

15.كەمپۈت ، شاكىلات ۋەباشقا ئۇششاق – چۈششەك نەرسىلەرنى كۆپ بەرمەڭ.

16.بۇرۇن كولاشتىن چەكلەڭ.بۇنىڭدا بۇرۇن قاناش ، بۇرۇن ياللوغى ، بۇرۇن شەكىلى ئۆزگىرىپ كېتىشلەردىن ساقلىنىدۇ.

17.پالەكنى ئاز بېرىڭ. كالتىسى يېتىشمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

18.تېلېۋىزورنى ئاز ۋە توغرا كۆرۈشكە ئادەتلەندۈرۈڭ. شۇنىڭدا چارچىمايدۇ، يىراق – يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسەللىكىدىن خالىي بولالايدۇ.

19.بەك نېپىز، بەك قېلىن كىيدۈرۈۋەتمەڭ.شۇنىڭدا ئاسان زۇكام بولمايدۇ، ئۆپكىگە سوغۇق تېگىشتىن ساقلىنالايدۇ.

20.تۆمۈر، ئەسكى – تۈسكىلەرنى ، مىخ يىڭنە قاتارلىق خەتەرلىك نەرسىلەرنى ئويناشتىن چەكلەڭ. ھەر خىل كېلىشمەسلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-10-28

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-10-27 / 04:15:43

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ