بالىلار چوقۇق بولۇپ قالسا

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

چوقۇق ھەر قانداق ياشتىكى بالىلاردا كۆرۈلىدۇ، ئادەتتە چوقۇق يىرىق يانتۇ چوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ، كۆپ ساندىكىلىرى بوۋاقلىق مەزگىلىدىن باشلىنىدۇ

يەنى قورساق بوشلۇقىدىكى بىر بۆلەك ئۈچەي تولۇق يېتىلمىگەن بوشلۇق (يىرىق يانتۇ كانىلى)ئارقىلىق ئۇرۇقدان خالتىسىغا كىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، يىرىقنىڭ بىر تەرىپىدە تۈگۈنچەك پەيدا بولىدۇ، تۈگۈنچەكنىڭ بەزىلىرى ياڭاقتەك، بەزىلىرى كىچىك بولۇپ، سىلىسا قولغا يۇمشاق ئۇرۇنىدۇ، تۇتسا ئاغرىيدۇ، بەزىلىرى ئۇرۇقدان خالتىسىنىڭ ئاستىغا ساڭگىلايدۇ، بالا تۈز ياتقان ياكى ئۇخلىغاندا تۈگۈنچەك قورساق بوشلۇقىغا كىرىپ كېتىدۇ ياكى بوشراق باسسا قورساق بوشلۇقىغا كىرىپ كېتىدۇ ھەم گىرىچ قىلغان ئاۋاز چىقىدۇ.

بالىلار چوقۇق بولۇپ قالسا

ئەگەر ئورنىدىن تۇرسا، يۆتەلسە ياكى يىغلىسا، قورساقنىڭ بېسىمى ئاشقاندا تۈگۈنچەك قايتا پەيدا بولىدۇ. مۇشۇنداق ئالامەتلەرگە ئاساسەن بالىنىڭ چۇقۇق بولغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. چۇقۇق خالتىسىدىكى ئىنچىكە ئۈچەي، قارىغۇ ئۈچەي، سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياكى چاۋا بولۇشى مۇمكىن.

بالىنىڭ يىرىقى ياكى ئۇرۇقدان خالتىسىدا تۈگۈنچەك پەيدا بولغاندا تۈز ياتسا ۋە باسسىمۇ قورساق بوشلۇقىغا كىرىپ كەتمىسە ھەم بالا توختىماي يىغلىسا، چۇقۇقنىڭ كەپلىشىپ قالغانلىقى بولۇپ، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈش ۋە ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش لازىم. ئۇنداق بولمىسا، ئۈچەي ئاشۇ بوشلۇقتا ئۇزاق مۇددەت تۇرغاندىن كېيىن، چۇقۇق ئىچىدىكى ئۈچەيگە قان يېتىشمەي نېكروزلىنىدۇ ھەم ئۈچەي توسۇلغاندەك ئالامەت كۆرۈلىدۇ، قۇسىدۇ، چوڭ تەرەت ئازلايدۇ، ئوپېراتسىيە قىلغاندا ئۈچەينى ئېلىۋېتىش زۆرۈر. ئىششىق تۈگۈنچەكنى قول بىلەن بېسىشقا ھەرگىز بولمايدۇ.

ئەگەر باسسا ئۈچەي يېرىلىپ كەتسە، قورساق پەردىسى ياللۇغى پەيدا بولۇپ، ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزىدۇ، ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا بۇ خىل كېسەل بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، ئاغرىمايدۇ، كەڭرەك لاتا بىلەن كۆتۈرۈپ قويسا بولىدۇ. بالىلاردىكى چوقۇقنى ئىككى ياش ئەتراپىدا ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان ياخشى.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-11-21

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-11-18 / 12:43:22

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ