ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربالىلار كېسەللىكلىرىبالىلار ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ناچار ئادەتلەر

بالىلار ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ناچار ئادەتلەر

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

نۇرغۇن بالىدا ئۇنداق ياكى مۇنداق ناچار ئادەت بولىدۇ بۇنى ۋاقتىدا تۈزەتمىگەندە، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە تەسىر يېتىدۇ

1 . باشنى چۈمكەپ ئۇخلاش. بەزى بالىلار بېشىنى چۈمكەپ ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق ئۇخلىغاندا، ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، نەپەستىن چىققان كاربون(IV) ئوكسىدى كۆپىيىپ، ئوكسىگېن ئازىيىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانچە باش چىڭقىلىش، باش ئاغرىش، باش قېيىش، روھسىزلىنىشتەك كېسەل ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ.

2 . سول يېنىنى بېسىپ ياكى دۈم يېتىپ ئۇخلاش. سول يېنىنى بېسىپ ياتقاندا، يۈرەك بېسىلىپ، نورمال نەپەسلىنىش تەسىرگە ئۇچرايدۇ ۋە قول – بىلەكلەر ئۇيۇشۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئوڭ يېنىنى بېسىپ يېتىش كېرەك.

3 . ئەتىگەنلىك تاماق يېمەسلىك. بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقاچقا، ئەتىگەندە ئوزۇقلىنىشى يېتەرلىك بولمىسا، قاندىكى شېكەر مىقدارى تۆۋەنلەپ، روھسىزلىنىش ۋە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىكتەك ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.
4 . ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئۇششاق – چۈششەك نەرسە يېيىش، چىش چوتكىلىماسلىق. ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتا شۆلگەي ئىشلەش ئازىيىدۇ. بىر نەرسە يەپ، چىشنى چوتكىلىماي ئۇخلىغاندا باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىگە شارائىت يارىتىلىپ، چىشقا ئاسانلا زىيان يېتىدۇ. شۇڭا ئەتىگەن ۋە كەچتە چىشنى چوتكىلاش لازىم.

5 . تاماق تاللاش. ھەرخىل يېمەكلىكلەردە ئوخشاش بولمىغان ئوزۇقلۇق ماددىلار بولىدۇ. تاماق تاللاش، تاماق يېمەسلىك، بەزىدە بەك تويۇپ كېتىش ئاسانلا ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

6 . تاماقتىن ئىلگىرى قولنى يۇيماسلىق. قولدا كېسەل مىكروبلىرى كۆپ بولىدۇ، قولنى يۇيماي تاماق يېگەندە، كېسەل ئېغىزدىن كىرىپ ئاسانلا يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ.

7 . تاماق يېۋېتىپ پاراڭ سېلىش. يېمەكلىكلەردىكى قاتتىق – قۇرۇق نەرسىلەر ياكى بېلىق قىلتىرىقى ئاسانلا قىزىلئۆڭگەچتىن كىرىپ كېتىدۇ ياكى قىزىلئۆڭگەچكە سانجىلىپ قالىدۇ. شۇڭا تاماق يېگەندە، ياخشىسى، پاراڭ سالماسلىق كېرەك.

8 . ناننى چىلاپ يېيىش. ناننى قايناق سۇغا چىلاپ يۇمشىتىپ، چاينىماي يۇتقاندا، يېمەكلىكتە شۆلگەي بولمىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشقازان سۇيۇقلۇقى سۇيۇلۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئاشقازان – ئۈچەيلەرنىڭ ھەزىم قىلىشىغا تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا ناننى ئۆز پېتى، تولۇق چايناپ يېيىش لازىم.

9 . تاماقنىڭ ئالدى – كەينىدە قايناق سۇ ئىچىش. بۇنداق قىلغاندا ئاشقازان سۇيۇقلۇقى سۇيۇلۇپ، ھەزىم قىلىشقا تەسىر يېتىدۇ – دە، ئاشقازان كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ.

10 . خاسىڭ مېغىزىنى ئاقلاپ يېيىش. بەزى بالىلار خاسىڭنى پوستىدىن ئايرىپ يەيدۇ. خاسىڭ پوستىنىڭ قان تولۇقلاش رولى بولۇپ، ئۇنى پوستى بىلەن قوشۇپ يېيىش كېرەك.

11 . كۆپ تۈكۈرۈش. كۆپ تۈكۈرۈش ئەدەپسىزلىك بولىدۇ ھەم ئۇ سالامەتلىككە پايدىسىز. چۈنكى شۆلگەينىڭ يېمەكلىكنى ھەزىم قىلىش، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش، چىش چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار.

12 . بارماق ۋە تىرناقلارنى چىشلەش. قول ۋە تىرناقتا كۆپ خىل باكتېرىيە ۋە پارازىت قۇرت بولىدۇ. شۇڭا بارماق ۋە تىرناقلارنى چىشلىگەندە ئۈچەي يۇقۇملۇق كېسىلى ۋە پارازىت قۇرت كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ.

13 . قۇلاق كولاش. قۇلاقنى قالايمىقان كولىغاندا قۇلاق تۆشۈكى زەخىملىنىپ يەللىكلىنىدۇ. قۇلاق پەردىسى تېشىلىپ قالسا، ئاڭلاش ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىدۇ. قۇلاق كىرىنىڭ سالامەتلىكنى ئاسراش رولى بولۇپ، ئۇششاق قۇرتلارنىڭ قۇلاق ئىچىگە كىرىپ كېتىشىنى توسىدۇ. قۇلاق كىرى تەبىئىي ھەرىكەت ئارقىلىق ئۆزلۈكىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ.

14 . بۇرۇننى كولاش. بۇرۇننى دائىم كولىغاندا، بۇرۇن پەردىسى زەخىملىنىپ، قان تومۇر يېرىلىپ يۇقۇملىنىدۇ. ئېغىر بولغاندا باكتېرىيە قان تومۇرلار ئارقىلىق مېڭىگە چىقىپ، مېڭە ئىچى يەللىكلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

15 . كۆز ئۇۋۇلاش. كۆزنى ئۇۋۇلىغاندا، كېسەل پەيدا قىلىدىغان مىكرو جانلىقلار كۆز ئىچىگە كىرىپ كېتىپ تىراخوما ۋە يىڭناسقۇچ قاتارلىق كۆز كېسەللىرىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا كۆزدىكى چاپاق ۋە ياشنى سۈرتكەندە پاكىز قولياغلىق ئىشلىتىش كېرەك.

16 . كىتابقا مەستانە بولۇش. كىتاب كۆرۈش ۋاقتى بەك ئۇزاق بولۇپ كەتسە ياكى غۇۋا يورۇق يەردە كىتاب كۆرگەندە كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا كىتاب كۆرۈش ۋاقتى بەك ئۇزاق بولۇپ كەتمەسلىكى، كىتاب كۆرگەندە مۇۋاپىق يورۇقلۇق بولۇشى كېرەك.

17 . تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە ئولتۇرۇش قائىدىسى توغرا بولماسلىق. ئۆسمۈرلەر ئۆسۈۋاتقان بولغاچقا، ئۇزاق مۇددەت دۈمچىيىپ ئولتۇرغاندا ئومۇرتقا شەكلى ئۆزگىرىپ، دۈمچەك بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سالامەتلىككە ۋە بەدەن گۈزەللىكىگە تەسىر يېتىدۇ.

مۇنىرە توختى تەييارلىغان

( مۇھەررىر : بۇئايشەم )

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-03-07

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-02-06 / 10:15:10

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ