ساغلاملىق زور بايلىق
ساغلاملىق زور بايلىق

بالىلارغا چىش چىققاندا

بالىلارغا ئادەتتە ئالتە–يەتتە ئايلىقتىن باشلاپ چىش چىقىشقا باشلايدۇ بەزى بالىلارنىڭ سەل بالدۇر بولۇپ ئۈچ–تۆت ئايلىق بولغاندىلا چىش چىقىدۇ ئىككى ياش ئەتراپىدا 20تال سۈت چىشى چىقىپ بولىدۇ

چىش چىقىشتا ئالدى بىلەن ئاستى–ئۈستى ئوتتۇر چىش چىقىدۇ. ئاندىن يېنىدىكى چىشلار تارتىپ بويىچە چىقىدۇ. بەزى بالىلارنىڭ بۇنداق بولماي قېلىشىمۇ مۇمكىن.

بالىلارغا چىش چىقىشنىڭ ئىلگىرى كېيىنلىكى بالىلارنىڭ سۆڭىكىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، چىش چىقىش بەك كېچىكىپ كەتسە، دوختۇرغا ئاپىرىپ قالقان بەز ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىش ئەھۋالى ياكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئەھۋاللىرى بارمۇ–يوق تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك.

كۆپىنچە بالىلارغا چىش چىققاندا باشقا ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ، لېكىن بەزىلىرىدە ئازراق قىزىش، جىلىخو بولۇپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. بەزىلىرى بىر نەرسىلەرنى چىشلەشنى ياخشى كۆرىدۇ. بالىلارنىڭ يۈتۈش ئىقتىدارى تازا تولۇق يېتىلىپ بولالمىغاچقا بەزىلىرىنىڭ ئاغزىدىن توختىماي شال ئاقىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى نورمال ئەھۋال بولۇپ چىشى چىقىپ بولغاندىن كېيىن ئوڭشىلىپ قالىدۇ.

‹‹ شىنجاڭ ئاياللىرى ›› ژۇرنىلىدىن

سەمىمىي ئەسكەرتىش


  1. بىكەتتىكى مەزمونلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما 100 دە 100 لىق دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. چۈنكى بىر ئادەمنىڭ كېسەل ئالامىتى يەنە بىر ئادەمنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم، دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، مۇنتىزىم دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
  2. ياكى تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقى توغرىسىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئۇيغۇر ئۇيغۇرنى قوللاپ، ئۇيغۇرنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى قوغدىشى، قىممىتىنى نامايەن قىلىشى كېرەك. بىكەتتىكى ھەربىرماقالە دوختۇرلىرىمىزنىڭ كىچە كىچە ئولتۇرۇپ، ئايرىم ۋاقىت چىقىرىپ يېزىلغان، قان تەرىگە كەلگەن ئەمگەك مىۋىسىدۇر . ئەگەر سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، بېكىتىمىزنىڭ مەسئۇللىرى ياكى ئەسلى ئاپتور يازار بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
نۇر دوختۇر Doctor Nurhttp://www.dohturlar.com
تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ!

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

قالدۇرۇلغان باھالار

سۆز قالدۇرۇش

Please enter your comment!
Please enter your name here

سوتسىيال تاراتقۇلىرىمىز

1,249FansLike
163FollowersFollow
1,600SubscribersSubscribe

يېڭى مەزمونلار

spot_img