ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇقبالىلارغا مېۋە–چېۋە بەرگەندە...

بالىلارغا مېۋە–چېۋە بەرگەندە…

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

مېۋە يېيىشتىكى ئەڭ ياخشى ۋاقىت ، ئىككى ۋاخ تاماقنىڭ ئارىلىقىدا بولۇپ ، بالىلارغا چۈشلۈك ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا بىرەر تال ئالما ياكى ماندارىن بېرىش كېرەك

مېۋە يېيىشتىكى ئەڭ ياخشى ۋاقىت ، ئىككى ۋاخ تاماقنىڭ ئارىلىقىدا بولۇپ ، بالىلارغا چۈشلۈك ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا بىرەر تال ئالما ياكى ماندارىن بېرىش كېرەك .
بەدەن تىپىگە ماس كېلىش . ئىسسىقچان ، ئاسانلا قەۋزىيەت بولۇپ قالىدىغان بالىلارغا ئەڭ ياخشىسى تەبئىيىتى سوغۇق مېۋىلەردىن نەشپۈت ، تاۋۇز ، بانان، مايمۇن شاپتۇلى قاتارلىقلارنى بېرىش كېرەك . ۋىتامىن A ، ۋىتامىن C غا ئېھتىياجلىق بالىلارغا كۆپرەك ئۆرۈك ، قوغۇن ، ئاپلېسىن بېرىش كېرەك .

زۇكام بولۇپ يۆتىلىپ قالغاندا ، نەشپۈتنى ناۋات بىلەن قوشۇپ ، دۈملەپ پىشۇرۇپ سۈيىنى ئىچكۈزۈش كېرەك ، ئەمما ئىچى سۈرۈپ قالغاندا ، نەشپۈت بېرىشكە بولمايدۇ . بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن بالىلارغا مېۋىنى جىق بەرمەسلىك ياكى شېكەر مىقدارى تۆۋەن مېۋىلەرنى تاللاپ بېرىش كېرەك .

بىر قېتىمدا جىق يىگۈزمەسلىك . مېۋە تەركىبىدە شېكەر كۆپ بولغاچقا ، جىق ئىستېمال قىلىۋەتسە ئىشتىھا تۇتۇلۇپ ، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىدۇ . شۇڭا ھەر كۈنى ئىستېمال قىلىدىغان مېۋىنىڭ تۈرى ئۈچ خىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك .

تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش . مېۋىلەرنى يېيىشتىن بۇرۇن پاكىز يۇيۇۋېتىپ سۇدا 30 مىنۇت تۇرغۇزۇش ياكى ئازراق تۇز سېلىنغان سۇدا 20 مىنۇت تۇرغۇزۇپ ، ئاندىن يۇيۇۋېتىپ بېرىش ، ئاقلاپ يەيدىغان مېۋىلەرنى پاكىز ئاقلاپ بېرىش كېرەك .

مۇھەممەت قادىر تەييارلىغان

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-01-25

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-01-01 / 05:53:08

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ