ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربالىلار كېسەللىكلىرىبالىلارغا سۇ چېچەك چىقسا قانداق قىلىش كېرەك؟

بالىلارغا سۇ چېچەك چىقسا قانداق قىلىش كېرەك؟

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

سۇ چېچەكسۇ چېچەك ۋىرۇسىدىن بولىدىغان بىر خىل ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ، سۇ چېچەك ئۆمۈرلۈك ئىممۇنىتېتلانغاچقا ئىككىنچى قېتىم قوزغىلىشى ئىنتايى ئاز كۆرۈلىدۇ سۇ چېچەكنىڭ يۇقۇملاندۇرۇشى بەك كۈچلۈك، ئالتە ئايلىقتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلاردا كۆپ كۆرىلىدۇ بىر يىلنىڭ تۆتىلا پەسلىدە يۇقىدۇ

بالىلارغا سۇ چېچەك چىقسا قانداق قىلىش كېرەك؟

كېسەلنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئازراق قىزىيدۇ، بىر قىسىملار ئوتتۇراھال قىزىيدۇ، چۈشكۈرىدۇ، ماڭقىسى ئاقىدۇ، يۆتىلىدۇ، بەدىنى ئارامسىزلىنىدۇ، بىر نەرسە يېگۈسى كەلمەيدۇ، بىر–ئىككى كۈندىن كېيىن تاشما چىقىدۇ، تاشما ئاساسەن يۈز قىسمى ۋە گەۋدىدە كۆرۈلىدۇ، پۇت–قولدا ئاز بولىدۇ.

دەسلەپتە دۆڭچە ئەسۋە، داغلىق ئەسۋەدىن باشلىنىپ بىر قانچە سائەتتىن كېيىن ئۇچۇققا ئۆزگىرىدۇ، ئۇچۇق سۇ تامچىسىدەك سۈزۈك بولۇپ، ئۇنىڭ چۆرىسى قىزىل بولىدۇ ۋە قىچىشىدۇ، بىر كۈندىن ئۈچ كۈنگىچە ئۆتكەندىن كېيىن سۇ چېچەك قۇرۇپ، تارىيىپ قاقاچ بولىدۇ. تاشما تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ چىقىدۇ، ئادەتتە داغلىق ئەسۋە، دۆڭچە ئەسۋە، ئۇچۇق، قاقاچ قاتارلىقلار بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۇت بولىدۇ.

قاقاچ چۈشۈپ كەتكەن قىسقا مۇددەت ئىچىدە سۇس تاتۇق بولىدۇ. بىر كۈندىن كېيىن تاتۇق ئىزى قالمايدۇ، بىراق سۇ چېچەك بەك قىچىشقاچقا، بىمار بەك بىئارام بولۇپ تاتىلاپ ئۇچىنى بۇزۇۋېتىپ، قايتا يۇقۇملاندۇرىدۇ، سۇ چېچەك يىرىڭ چېچەككە ئۆزگىرىپ، قىزىل دائىرىسى كېڭىيىدۇ، كېسەل تېرە يۈزىدىن ئۆتۈپ قاقاچنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى كېچىكتۈرىدۇ، قاقاچ چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن تاتۇق بولىدۇ.

سۇ چېچەكتىن تاتۇق بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇنداق قىلىش كېرەك:

بىرىنچى، تېرىنى پاكىز تۇتۇش، ئىچ كىيىمنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، باكتېرىيە بىلەن قايتا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

ئىككىنچى، تېرە قىچىشسا فلور فېنىرامىن ھەم مۇۋاپىق مىقداردا ئوسما يىلتىزى ئىستېمال قىلىش ھەمدە بىر–ئىككى پىرسەنتلىك گېنتئان ۋىئولېت سۈرۈش لازىم.

ئۈچىنچى، بالىنىڭ قولىنى پاكىز يۇيۇش، تىرنىقىنى ئېلىۋېتىش ۋە كېچىدە قولىنى ئوراپ قويۇپ، چىچەكنى تاتىلاپ ئۇچىنى بۇزۇۋېتىشتىن ساقلىنىش لازىم. تۆتىنچى، ئىككىنچى قېتىم يۇقۇملىنىپ ھۆكۈنەك توقۇلما ياللۇغى ۋە سېپتىتسېمىيە بولسا، ۋاقتىدا كېسەلگە قارشى دورا بىلەن داۋالاش لازىم.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-10-22

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-10-19 / 04:22:55

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ