بىر قىسىم ئاتا -ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن ئەنسىرەپ، ھەمىشە ئېلاننىڭ قىزىقتۇرىشى بىلەن دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئالماي بالىلىرىغا خالىغانچە ھەر خىل قۇۋۋەت دورىلىرىنى ئېلىپ بېرىدۇ.بۇ گەرچە بالىغا كۆيۈنگەنلىك بولسىمۇ،ئەمىلىيەتتە بۇ خىل <ياخشى كۆڭۈل> ھەمىشە ئەكسىچە نەتىجە ئېلىپ كېلىدۇ.
ئاتا-ئانىلار بالىلار بەدەن ئەزالىرىنىڭ تېخى پىشىپ يېتىلمىگەنلىكىنى، ھەر كۈنى مۇۋاپىق ئوزۇقلۇق ماددىلارغا ،يەنى ئاقسىل، ماي،كاربون سۇ بىرىكمىسى،ۋىتامىن قاترلىقلارغا ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك.پەقەت ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار مۇۋاپىق بېرىلسە بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ.
ئەگەر دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئالماي،تەكشۈرتمەي بالىلارغا ھەر خىل قۇۋۋەت دورىلىرىنى ئېلىپ بەرگەندە ، بالىلار ئۈچۈن ھىچقانداق پايدىسى بولمايلا قالماي، يەنى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ نورماللىقىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ،ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش،ئىچى سۈرۈش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش توسقۇنلۇققا ئۇچراش ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.شۇڭا، ئەگەر دوختۇر بۇيرىمىغان بولسا قۇۋۋەت دورىلىرىنى بالىىلارغا قالايمىقان ئىچكۈزمەڭ.