ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاق بالىلار ساغلاملىقىبالىلارنى دۆتلەشتۈرىۋېتىدىغان 8 ئامىل

بالىلارنى دۆتلەشتۈرىۋېتىدىغان 8 ئامىل

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بالىلارنى دۆتلەشتۈرىۋېتىدىغان 8 ئامىل

балиларни дөтләштүриветидиған 8 амил

ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ ئەۋلاتىنىڭ ساغلام، ئەقىللىق، زېرەك بولۇپ چوڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. تۆۋەندە بىز بىرقانچە بالىلارنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدىغان ئامىللارنى دەپ ئۆتىمىز.

  1. ئۇزۇن مۇددەت زىيادە تويۇنۇپ غىزالىنىش: تاماق يەپ تويۇنغاندىن كېيىن ، چوڭ مېڭىدىكى بەزى ماددىلار كۆرۈنەرلىك كۆپىيىپ كېتىدىكەن . بۇ ماددىلار قىلقان تومۇرلاردا ياغ كۆپىيىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قېلىپ، ئارتېرىيە تومۇرىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشى يۈز بېرىدىكەن . ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت تويۇپ غىزالانغاندا ، نېرۋا ئارتېرىيەسىنىڭ قېتىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى بالدۇرلا چېكىندۈرۈپ قويىدىكەن.

 

  1. بالىلارنىڭ ئەتىگەنلىك تامىقىغا سەل قاراش: ئەتىگەنلىك تاماق يېمىگەن كىشىنىڭ قان شېكىرىنىڭ تۆۋەنلەپ، بەدەننىڭ بولۇپمۇ مېڭىنىڭ ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشى يېتەرسىز بولىدىكەن، بۇ ئۇزاققا سوزۇلسا چوڭ مېڭىنىڭ نورمال تەرەققىي قىلىشىغا زىيانلىق ئىكەن . ئۇنىڭدىن باشقا، ئەتىگەنلىك تاماقنىڭ سۈپىتى ۋە مىقدارى ئەقلى ئىقتىدارنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن . تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا ، ئادەتتە يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى ناشتىلىق قىلغان بالىلارنىڭ دەرسخانىدىكى تەپەككۇرى ئۇزاققىچە ئەڭ ياخشى بولىدىكەن. بىراق، دانلىق ئاشلىق بالىلارنىڭ كەيپىياتى ۋە زېھنى كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن .

 

  1. تاتلىق يېمەكلىكنىڭ مىقدارى ئېشىپ كېتىش: تاتلىق يىمەكلىكنىڭ مىقدارى ئېشىپ كەتكەن بالىلارنىڭ كۆپ ھاللاردا ئەقىل بۆلۈنمىسى ۋە تەرەققىي قىلىشى نىسبەتەن تۆۋەن بولىدىكەن. تاتلىق يېمەكلىكلەر ئىشتىھانى تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن. بۇ سەۋەبلىك مېڭىگە كېرەكلىك بولغان باشقا ئوزۇقلۇقلارنى قوبۇل قىلىشقا تەسىر يېتىدىكەن. شۇڭا كۈندىلىك تۇرمۇشتا تاتلىق يېمەكلىكلەرنىڭ مىقتارىنى كونترول قىلىش كېرەككەن.

 

  1. ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولماسلىق: چوڭ مېڭىنىڭ ھارغىنلىقىنى تۈگىتىشتىكى ئاساسلىق ئۇسۇل— ئۇيقۇ. ئۇيقۇ ئۇزۇن مۇددەت يېتەرسىز ۋە سۈپىتى تۆۋەن بولسا، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ چېكىنىشىنى تېزلىتىۋېتىدىكەن . ئەقىللىق كىشىلەرنىمۇ گالۋاڭلاشتۇرىۋېتىدىكەن .

 

  1. ئاز گەپ قىلىش: چوڭ مېڭىدە مەخسۇس تىل– تاۋۇش رايونى بولۇپ ، دائىم گەپ قىلىش چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىنى تېزلىتىپ ، چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرىدىكەن . سۆزنىڭ مەزمۇنىنى موللاشتۇرۇپ ، پەلسەپىۋىلىك ۋە لوگىكىلىقى بىر قەدەر كۈچىيىدىكەن. كۈندە جىمغۇر، كۈلمەيدىغان بالىلارنىڭ ئەقىللىق بولۇشى ناياتىن ئىكەن .

 

  1. بۇلغانغان ھاۋا: چوڭ مېڭە پۈتۈن بەدەندىكى ئوكسىگېننى خورىتىدىغان ئەڭ چوڭ ئەزا بولۇپ، پۈتۈن بەدەنگەك كېتىدىغان ئوكسىگىننىڭ 20% دىن ئارتۇقراقىنى مېڭە ئىشلىتىدىكەن. پەقەت يېتەرلىك ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەنگەندە چوڭ مېڭىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن. مېڭە ئىشلىتىش ۋاقتىغا، ئۆگىنىش مۇھىتىنىڭ ھاۋا تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش كېرەككەن.

 

  1. مېڭە ئىشلىتىشنى خالىماسلىق: پىكىر يۈرگۈزۈش—چوڭ مېڭىنى چېنىقتۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى. مېڭىنى كۆپرەك ئىشلىتىش، پات- پات پىكىر يۈرگۈزۈش بالىلارنى ئەقىللىق قىلىدىكەن. ھېساپ ئىشلەش، رەسىم شەكىللەرنى سىزىش بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇللاردۇر. ئەكسىچە، مېڭىنى ئىشلەتمەسلىك ئەھۋالى چوڭ مېڭىنىڭ چېكىنىشىنى تېزلىتىۋېتىدىكەن. ئەقىللىق بالىلارنىمۇ دۆتلەشتۈرىۋېتىدىكەن.

 

  1. كېسەل تۇرۇپمۇ مېڭە ئىشلىتىش: تەن بىتاپ، ياكى ئاغرىپ قالغان ۋاقىتتا، زورمۇ- زور ئۆگىنىش ياكى خىزمەت قىلغاندا، ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى چوڭ مېڭە ئاسانلا زەخىمگە ئۇچرايدىكەن.

 

يۇقارىدا بالىلارنى دۆتلەشتۈرىۋېتىدىغان بەزى ئامىللارنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتۇق. بالىڭىزنى تېخىمۇ ئەقىللىق بولسۇن دىسىڭىز، ئەتراپتىكى بۇ ئامىللارنى تېپىپ چىقىڭ ۋە ياخشىلاشقا تىرىشىڭ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-12-11

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-11 / 03:21:17

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ