ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربالىلار كېسەللىكلىرىبالىلارنىڭ بۇرنى قاناش سەۋەبلىرى ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرى

بالىلارنىڭ بۇرنى قاناش سەۋەبلىرى ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بالىلارنىڭ بۇرنى قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك:

بىرىنچى: بالىلارنىڭ بۇرۇن شىللىق پەردىسى ئىنتايىن يۇمران بولۇپ، شىللىق پەردىدە قىل قان تومۇرلار بەك كۆپ بولىدۇ. بۇرۇن توسمىسى (ئىككى بۇرۇن تۆشۈكىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى تام)نىڭ ئالدى ۋە ئاستى تەرىپىدە تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقا بۇرۇن ئاسانلا سىرتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ ۋە بۇرۇن قاناشنىڭ90 پىرسەنتى مۇشۇ ئورۇندىن بولىدۇ.

ئەگەر ھاۋا قۇرغاق ياكى ئۆينىڭ نەملىكى يېتەرلىك بولمىسا، بالىلارنىڭ بۇرۇن شىللىق پەردىسى قۇرۇپ يېرىلىدۇ–دە، قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛

ئىككىنچى، بۇرۇن شىللىق پەردىسىنىڭ زەخىملىنىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان بۇرۇن قاناش؛

ئۈچىنچى، بالىلارنىڭ بۇرنىنى تاشلاش ئۇسۇلىنىڭ توغرا بولماسلىقى يەنى بۇرۇننىڭ ئىككى تۆشۈكىنى چىڭ قىسىۋېلىپ ماڭقىسىنى تاشلىغاندا بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ ئىچ بېسىمى ئۆرلەپ، بۇرۇن شىللىق پەردىسىنىڭ يېرىلىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان بۇرۇن قاناش؛

تۆتىنچى، بۇرۇننى كولاپ بۇرۇن شىللىق پەردىسىنى زەخىملەندۈرۈشتىن كېلىپ چىقىدىغان بۇرۇن قاناش؛

بەشىنچى، بەدەندىكى كېسەللىكلەردىن كېلىپ چىقىدىغان بۇرۇن قاناش. مەسىلەن، قان كېسىلى، يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇرۇن قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بالىلارنىڭ بۇرنى قاناپ كەتكەندە ئاتا–ئانىلار بەك ھودۇقۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، بولمىسا بالا تېخىمۇ جىددىيلىشىپ، قان تېخىمۇ كۆپ چىقىپ كېتىدۇ.

بۇنداق ۋاقىتتا ئاتا–ئانىلار ئالدى بىلەن بالىنىڭ بۇرۇنىنىڭ قايسى تەرىپىدىن قان چىققانلىقىنى ئېنىقلىۋېلىپ، ئاندىن قول بىلەن بۇرۇننىڭ ئىككى تەرىپىدىن بوش سىقىپ بېرىشى كېرەك.

مۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت بۇرۇن تۆشۈكلىرى ئارىسىدىكى ئاسان قانايدىغان شىللىق پەردىنىڭ ئورنىنى بېسىپ تۇرۇش بولۇپ، ئادەتتە ئۈچ مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە بېسىپ بەرسە قان ئۆزلۈكىدىن توختايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بالىنى ئولتۇرغۇزۇپ ياكى يېرىم ئولتۇرغۇزۇپ بەرسىمۇ بۇرۇننىڭ قان بېسىمى تۆۋەنلەپ قان توختايدۇ. ئەگەر قان بەك كۆپ چىقىپ كەتسە، بالىنىڭ پېشانىسىگە سوغۇق سۇ سېپىش ياكى لۆڭگىگە مۇز ئوراپ يېقىپ بەرسىمۇ يۈز قىسمىدىكى تومۇرلار تارىيىپ بۇرۇنغا بارىدىغان قان ئازلايدۇ ۋە ئىككى–ئۈچ مىنۇتتىن كېيىن قان كۆرۈنەرلىك ئازلايدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بالىلارنىڭ بۇرنى قانىغاندا بالىنىڭ بېشىنى پەس قىلىپ، ئۈستىگە قاراتماسلىق كېرەك. بولمىسا قان بالىنىڭ يۇتقۇنچىقى ئارقىلىق نەپەس يولىغا ئۆتۈپ كېتىپ تۇنجۇقۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ناۋادا يۇقىرىقى ئۇسۇللارنى قوللىنىپمۇ قان يەنە توختىمىسا بالىنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-12-02

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-11-30 / 07:32:03

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ