ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربالىلار كېسەللىكلىرىبالىلارنىڭ چوڭ تەرىتىدىن كېسەلنى پەرق ئېتىش

بالىلارنىڭ چوڭ تەرىتىدىن كېسەلنى پەرق ئېتىش

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ئانا سۈتى بىلەن باققان بالىنىڭ چوڭ تەرىتى سارغۇچ ياكى سېرىق رەڭدە بولۇپ، سېسىق پۇراق چىقمايدۇ كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن بەش قېتىمغىچە، چىش پاستىسى ھالىتىدە كېلىدۇ

ئانا سۈتى بىلەن باققان بالىنىڭ چوڭ تەرىتى سارغۇچ ياكى سېرىق رەڭدە بولۇپ، سېسىق پۇراق چىقمايدۇ. كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن بەش قېتىمغىچە، چىش پاستىسى ھالىتىدە كېلىدۇ. كالا سۈتى ياكى سۈت پاراشوكى بىلەن باققان بالىنىڭ چوڭ تەرىتى سۇس سېرىق ھەم ئازراق سېسىق بولۇپ، ئانا سۈتى بىلەن باققان بالىنىڭ كۈنىگە بىر-ئىككى قېتىم كېلىدۇ، لېكىن قاتتىق، مىقدارى كۆپ بولىدۇ.

بالىلارنىڭ چوڭ تەرىتىدىن كېسەلنى پەرق ئېتىش

چوڭ تەرەتنىڭ نورمالسىزلىقى تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا كۆرۈلىدۇ:

1. بالا چوڭ تەرەت قىلغاندا چىڭقىلىپ يىغلىسا، تەرىتى قۇرغاق، قاتتىق ھەم ئاز بولسا قەۋزىيەت بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

2. چوڭ تەرەتنىڭ مىقدارى ئاز، ئەمما قېتىم سانى كۆپ يەنى كۈنىگە 10-20 قېتىم كەلسە ، شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا، بالا قىزىسا ۋىرۇس ياكى باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملانغان بولىدۇ.
3. چوڭ تەرەتنىڭ قېتىم سانى كۆپ، رەڭگى سېرىق ياكى سارغۇچ يېشىل، پۇرىقى سېسىقراق، شىلىمشىق، ياكى كۆپۈك شەكىلدە بولسا، بالىغا سوغۇق ئۆتكەن-ئۆتمىگەنلىكى ياكى ھەزىم قىلىشىنىڭ بۇزۇلغان-بۇزۇلمىغانلىقىنى ئويلىشىش كېرەك.

4. چوڭ تەرەت قان ئارىلاش، شىلىمشىق، مېۋە شىرنىسىگە ئوخشاش ھالەتتە كەلسە، ئۈچىيىنىڭ كىرىشىپ قېلىشىغا دىققەت قىلىش لازىم. چوڭ تەرەت قان-يىرىڭ ئارىلاش كەلسە، تولغاقتىن گۇمانلىنىش قىزىل رەڭلىك پۇرچاق شورپىسىغا ئوخشاش كەلسە، نېكروزلۇق ئىنچىكە ئۈچەي بوغماق ئۈچەي ياللۇغى دەپ ئويلاش كېرەك. ئەگەر چوڭ تەرەتتىن كېيىن بىر قانچە تامچە قان كەلسە، مەقئەت ئېغىزى يېرىلغان ياكى تۈز ئۈچەيدىكى مونچاق گۆش دەپ قاراش كېرەك.

5. ئۈچەي يولى ئىچى-سىرتى يۇقۇملانغاندا زەھەر غىدىقلاش رولىنى ئويناپ، ئۈچەي ھەرىكىتى كۈچىيىدۇ. بۇ ۋاقىتتا چوڭ تەرەت يېشىل رەڭدە كېلىدۇ. بۇنى ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ تامامەن پارچىلىنىپ بولالمىغانلىقى ياكى قورساق ئاچ ۋاقىتتا ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ تامامەن پارچىلىنىپ بولالمىغانلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6. چوڭ تەرەتنىڭ رەڭگى دېڭىز سۈيىدەك كۆك رەڭدە كەلسە، ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە خاراكتېرلىك ئۈچەي ياللۇغىنىڭ چوڭ تەرەتتە ئىپادىلىنىشى بولىدۇ.

7. ئاق رەڭلىك چوڭ تەرەت زەمبۇرۇغلۇق ئۈچەي ياللۇغىدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە جاۋغاي ياللۇغى قاتارلىقلار بىلەن بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۇت بولىدۇ. ھەزىم قىلىش ياخشى بولمىغاندا، چوڭ تەرەت ئۇيۇپ قالغان سۈتكە، تۇغما خاراكتېرلىك ئۆت يولى توسۇلۇشتا چوڭ تەرەت ئاق رەڭلىك ساپال لېيىغا ئوخشايدۇ. يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغى بولغاندا چوڭ تەرەت كۆكۈچ رەڭدە بولىدۇ.

8. قارا رەڭلىك ياكى قارامايغا ئوخشاش چوڭ تەرەت يۇقىرى ھەزىم يولى قانىغانلىقى ياكى قانلىق ماددىنىڭ ئۇزاق ۋاقىت تۇرۇپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى بار دورىلارنى ئىستېمال قىلسىمۇ تەرەت قارا كېلىدۇ.

‹‹ شىنجاڭ ئاياللىرى›› ژۇرنىلىدىن ئېلىندى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-10-11

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-10-06 / 01:44:38

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ