ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاق بالىلار ساغلاملىقىبالىلارنىڭ شالۋاق ئاقسا قانداق قىلىش كېرەك

بالىلارنىڭ شالۋاق ئاقسا قانداق قىلىش كېرەك

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

شالۋاقنى ئېغىز بوشلۇقىدىكى ئۈچ شالۋاق بېزى ئاجىرىتىپ چىقىرىدۇ. شالۋاقنىڭ يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىش، مىكروب ئۆلتۈرۈشتەك روللىرى بار. لېكىن بوۋاقلارنىڭ مېڭىسى تولۇق يېتىلىپ بولالمىغاچقا شالۋىقىنى كونترول قىلىشى ئاجىز بولىدۇ ۋە ئېغىز بوشلۇقىنىڭ سىغىمچانلىقى كىچىك، يۇتۇش، تەڭشەش رولى ناچار بولغانلىقتىن ئاغزىنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋېتىپ قالىدۇ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بۇخىل ئەھۋال ئۆزلىكىدىن يوقاپ كېتىدۇ.

بىراق سۈت چىشى چىقىدىغان چاغدا شالۋاق بېزى غىدىقلانغانلىقتىن شالۋاق ئاجىرىتىپ چىقىرىش مىقدارى ۋاقىتلىق ئاشىدۇ.بۇلارنىڭ ھەممىسى نورمال ئەھۋال.لېكىن بەزى كېسەللىكلەر مەسلەن، ھەرخىل سەۋەبتىن بولغان ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغى، تىل ياللۇغى، يۇتقۇنچاق ياللۇغى، قالقانسىمان بەز ياللۇغى قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولغاندىمۇ شالۋاق ئاقىدۇ،كېسەل ساقايغاندىن كېيىن شالۋاقمۇ ئۆزلىكىدىن توختايدۇ. ئۇزۇن مۇددەت شالۋاق ئېقىش بولسا مېڭە كېسەللىكلىرى مەسىلەن، مېڭە سىستېمىسى تۇغما تەرەققى قىلمىغان، مېڭە ياللۇغى ياكى مېڭە پەردە ياللۇغى قاتارلىقلاردىن بىشارەتتۇر.

مەيلى ئۇزۇن مەزگىللىك ياك قىسقا مەزگىللىك شال ئېقىش بولسۇن، ئىككى جاۋغاينى شەلۋەرىتىۋەتكەندىن باشقا ئىڭەك كۆپىنچە ھۆل ھالەتتە تۇرغاچقا، تېرىنى قىزارتىپ ھۆل تەمرەتكە ياكى يۈز تېرىسى شەلۋەرەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىشنى تېزلىتىۋېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شۇ جايلارنىڭ قۇرغاق تۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، دائىم مايلاپ تۇرۇش كېرەك.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-02-13

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-02-06 / 10:17:18

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ