دوختۇرلار تورى

تەن ساقلىق زور بايلىق

بالىلارنىڭ شالۋىقى ئاقسا قانداق قىلىش كېرەك

شالۋاقنى ئېغىز بوشلۇقىدىكى ئۈچ شالۋاق بېزى ئاجىرىتىپ چىقىرىدۇ شالۋاقنىڭ يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىش، مىكروب ئۆلتۈرۈشتەك روللىرى بار لېكىن بوۋاقلارنىڭ مېڭىسى تولۇق يېتىلىپ بولالمىغاچقا شالۋىقىنى كونترول قىلىشى ئاجىز بولىدۇ ۋە ئېغىز بوشلۇقىنىڭ سىغىمچانلىقى كىچىك، يۇتۇش، تەڭشەش رولى ناچار بولغانلىقتىن ئاغزىنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋېتىپ قالىدۇ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بۇخىل ئەھۋال ئۆزلىكىدىن يوقاپ كېتىدۇ

بالىلارنىڭ شالۋىقى ئاقسا قانداق قىلىش كېرەك

بىراق سۈت چىشى چىقىدىغان چاغدا شالۋاق بېزى غىدىقلانغانلىقتىن شالۋاق ئاجىرىتىپ چىقىرىش مىقدارى ۋاقىتلىق ئاشىدۇ.بۇلارنىڭ ھەممىسى نورمال ئەھۋال.لېكىن بەزى كېسەللىكلەر مەسلەن، ھەرخىل سەۋەبتىن بولغان ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغى، تىل ياللۇغى، يۇتقۇنچاق ياللۇغى، قالقانسىمان بەز ياللۇغى قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولغاندىمۇ شالۋاق ئاقىدۇ،كېسەل ساقايغاندىن كېيىن شالۋاقمۇ ئۆزلىكىدىن توختايدۇ. ئۇزۇن مۇددەت شالۋاق ئېقىش بولسا مېڭە كېسەللىكلىرى مەسىلەن، مېڭە سىستېمىسى تۇغما تەرەققى قىلمىغان، مېڭە ياللۇغى ياكى مېڭە پەردە ياللۇغى قاتارلىقلاردىن بىشارەتتۇر.

مەيلى ئۇزۇن مەزگىللىك ياك قىسقا مەزگىللىك شال ئېقىش بولسۇن، ئىككى جاۋغاينى شەلۋەرىتىۋەتكەندىن باشقا ئىڭەك كۆپىنچە ھۆل ھالەتتە تۇرغاچقا، تېرىنى قىزارتىپ ھۆل تەمرەتكە ياكى يۈز تېرىسى شەلۋەرەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىشنى تېزلىتىۋېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شۇ جايلارنىڭ قۇرغاق تۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، دائىم مايلاپ تۇرۇش كېرەك.

مەزكۈر مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-10-15

مەزكۈر مەزمون ئاخىرقى قېتىم يېڭىلانغان ۋاقىت: 2020-10-06 / 01:43:13

سەمىمىي ئەسكەرتىش
بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمۇنلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

نۇر دوختۇر Doctor Nur
نۇر دوختۇر Doctor Nurhttp://dohturlar.com
تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ!

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

قالدۇرۇلغان باھالار

سۆز قالدۇرۇش

Please enter your comment!
Please enter your name here

سوتسىيال تاراتقۇلىرىمىز

1,686FansLike
697FollowersFollow
1,870SubscribersSubscribe

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر