ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربالىلار تەربىيىسىبالىڭىز بىلەن جىنسىيەت توغرىسىدا قانچە بۇرۇن سۆزلەشسىڭىز شۇنچە ياخشى

بالىڭىز بىلەن جىنسىيەت توغرىسىدا قانچە بۇرۇن سۆزلەشسىڭىز شۇنچە ياخشى

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

بالىڭىز سىزدىن بىرىنچى قېتىم مەن قەيەردىن تۇغۇلغان دەپ سورىسا، ئانا بولغۇچى ھەرگىزمۇ سەن كىندىكىمدىن تۇغۇلغان ياكى تاش ئىچىدىن چىققان دىمەسلىكى كېرەك بۇنداق قىلىش جىنسىيەتنى سىرلىقلاشتۇرىۋەتكەنلىك بولىدۇ

توغرا ئۇسۇل ئاشكارا ھالدا بالىغا ئانىنىڭ قورسىقىدا بالىنىڭ ئوردىسى بالىنىڭ ئوردىسى دېيىلىدىغان بىر يەر بار، ئۇنى بالىياتقۇ دەپ ئاتايمىز، سەن شۇ يەردە ئاستا-ئاستا چوڭىيىپ، 10ئاي بولغاندا تۇغۇلغان دەپ ئېنىق چۈشەنچە بېرىش، ئۇنىڭدىن باشقا، بالىغا چۈشەندۈرىۋاتقاندىكى پوزىتسىيە ئوچۇق-يورۇق، تەبىئىي بولۇش، بالا سورىغان باشقا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغىمۇ بىرەر قانائەتلىنەرلىك چۈشەنچە بېرىش كېرەك.

مەسلەن: بالا، دادام تۇغامدۇ دەپ سورىسا، ئاپىسى:‹‹ داداڭنىڭ قورسىقىدا بالىياتقۇ يوق، شۇڭلاشقا داداڭ تۇغمايدۇ. بىراق بالىدا دادىنىڭمۇ ھەسسىسى بولىدۇ، دادا بولغۇچىدا بىرخىل ‹‹ئىسپىرما›› دەپ ئاتىلىدىغان،كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان، كىچىك قۇمۇچاقنى ئانىنىڭ بالىياتقۇسىغا كىرگۈزۈپ، بالىياتقۇدا بىرخىل سۈزۈك نېپىز توخۇنىڭ تۇخۇمىغا ئوخشايدىغان نەرسە بولۇپ تۇخۇم دىيىلىدۇ، ئىسپىرما تۇخۇم بىلەن بىرىكىپ كۈندىن-كۈنگە چوڭىيىپ،ئاخىرىدا ساڭا ئايلىنىدۇ.شۇڭلاشقا سەن داداڭ،ئاپاڭنىڭ بالىسى،كۆزۈڭ داداڭغا، بۇرنۇڭ،ئېغىزىڭ ئاپاڭغا ئوخشايدۇ›› دىيىش كېرەك.

بۇلارنى سۆزلەۋاتقاندا بالىنىڭ قۇبۇل قىلىش ئىقتىدارىغا قاراش كېرەك، بالىنىڭ يېشى كىچىك بولسا ئابىستىراكىت تەپەككۈر ئىقتىدارى بولمىغاچقا، ئائىلە باشلىقى بىرتەرەپتىن سۆزلىگەچ يەنە بىرتەرەپتىن رەسىم سىزىپ چۈشەندۈرسە، بالا ئاسان چۈشىنەلەيدۇ.

ئەگەر ئائىلە باشلىقى بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىيات ئادەتتىكىچە ياكى سوغۇق بولسا، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئەسلا ئاز بولىدۇ ھەتتا گەپ قىلمىسا بولمايدىغان ئىشلاردىن باشقا ۋاقىتتا بىر قەدەرئىلگىرلىگەن پىكىر ئالماشتۇرۇش بولمايدۇ. جىنسىيەت تەربىيىسى ئېلىپ بارغىلى تېخىمۇ بولمايدۇ ياكى جىنسىي تەربىيىنىڭ پۈتكۈل مەزمۇنىغا ئەگەر مەن سېنى ئاشۇ ئوغۇللار بىلەن (ياكى قىزلار) بىلەن كۆرۈپ قالسام، پۇتۇڭنى ئۇرۇپ چېقىۋېتىمەن دېگەن بولۇپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا ئائىلە باشلىقى بالىلار بىلەن نورمال ھېسسىيات مۇناسىۋىتى تۇرغۇزۇش كېرەك. مۇشۇ ئاساستا ئاندىن جىنسىيەت تەربىيىسى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. بالىلارغا جىنسىيەت تەربىيىسى ئېلىپ بارغاندا، ئائىلە باشلىقى ئۆزىنىڭ كونا ئىدىيە كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىش كېرەك، بۇ جىنسىي تەربىيىدىكى ئاچقۇچلۇق مەسلە.

جىنسىي تەربىيە سۈپىتىدە جىنسىيەتنى سۆزلەش بەزى بىر قىسىم كىنو، رەسىملىك كىتاپ ئىچىدىكى كۆرۈنۈش ۋە جىنسىي ئەزالارنى سۈپەتلەش بىلەن جىنسىي ھەرىكەتلەر پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ئىش، شۇڭلاشقا ئائىلە باشلىقلىرى جىنسىيەتنى بەك رەڭدارلاشتۇرىۋەتمەسلىكى، جىنسىيەتنى بىر ھاياسىز، ساغلام بولمىغان تېمىدەك قىلىپ كۆرسەتمەسلىكى كېرەك. ئەمەلىيەتتە بىز سەبھى قەلىبلەرنى بۇ مەسلىگە كىرگۈزۈپ، خاتىرجەم ھالدا بالىڭىزغا جىنسىيەت توغرىسىدا ھەممىنى سۆزلەپ بەرسىڭىز، بۇ چاغدا بۇ تېمىدا ئازادە سۆزلەشكىلى بولىدىغانلىقىنى، قىيىن ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىسىز.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-03-01

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-02-06 / 10:14:06

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ