دوختۇرلار تورى

تەن ساقلىق زور بايلىق

بەدەن گۈزەللىكىنىڭ ئۆلچىمى قايسىلار؟

بەدەن گۈزەللىكىنىڭ ئۆلچىمى قايسىلار؟

1.بەش ئەزاسى بىجىرىم، كۆزى چوڭ-نۇرلۇق، ياش بىلەن ماسلاشقان بولۇش.

2.ئۇستىخىنى كېلىشكەن، بەدەننىڭ ﮬەرقايسى قىسىملىرىنىڭ نىسبىتى مۇۋاپىق بولۇش.

3.ئەرلەرنىڭ مۇسكۇللىرى تەرەققىي قىلغان ، تەڭپۇڭ بولۇش ، ئاياللارنىڭ بەدىنى تولغان؛ ﮬەددىدىن ئارتۇق سېمىز بولماسلىق.

4.ئىككى مۈرىمۇ تاناسىپ بولۇش ،ئەرلەرنىڭ مۈرىسى كەڭ ،ئاياللارنىڭ يۇمىلاق ،تۆۋەنگە ئازراق قىيپاش بولۇش .

5.ئومۇرتقىسى كەينىدىن قارىغاندا تۈز ، ياندىن قارىغاندا نورمال فىزئىلوگىيىلىك ئەگرىلىككە ئىگە بولۇش، تاغاق سۆڭىكىدە بىنورماللىق بولماسلىق .

6.كۆكرەك قەپىزى كەڭ ، نىسبىتى ماس بولۇش . ئەرلەرنىڭ كۆكرەك مۇسكۇلى چىڭ ، تولۇق بولۇش،ئاياللارنىڭ كۆكسى تولغان ، تىك ياندىن قارىغاندا ئاياللارغا خاس روشەن فىگۇرىغا ئىگە بولۇش.

7. بەل ئىنچىكە، كۈچلۇك ، سېلىندىر شەكىلدە بولۇش ، قورساق قىسىم تۈز بولۇش.

8.ساغرا يۇمىلاق بولۇش؛ ئەرلەرنىڭ ساغرىسى يېتىلگەن بولۇش ؛ ئاياللارنىڭ ساغرىسى تۆۋەن بولۇپ قالماسلىق .

9.پۇت ،يوتا ۋە پاقالچاق ئۇزۇن ، يان پاقالچاق مۇسكۇللىرىنىڭ جايلاشقان ئورنى ئېگىزرەك ﮬەم گەۋدىلىك بولۇش .

10.ئومۇمىي گەۋدىدىن قارىغاندا ، كىشىنى تەڭپۇڭسىزلىق ﮬېس قىلدۇرمايدىغان بولۇش .

11. تېرىسى قىزغۇچ ، سىلىق بولۇش .

12.ﮬەركىتى ماسلاشقان ، ئۆلچەملىك ، رەتلىك بولۇش .

(ﮬوسۇن تۇزەش توغرىسىدا سوئال جاۋاپلار ) دىگەن كىتاپتىن ئىلىندى .

مەزكۈر مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-04-22

مەزكۈر مەزمون ئاخىرقى قېتىم يېڭىلانغان ۋاقىت: 2022-04-16 / 07:19:42

سەمىمىي ئەسكەرتىش
بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمۇنلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

نۇر دوختۇر Doctor Nur
نۇر دوختۇر Doctor Nurhttp://dohturlar.com
تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ!

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

قالدۇرۇلغان باھالار

سۆز قالدۇرۇش

Please enter your comment!
Please enter your name here

سوتسىيال تاراتقۇلىرىمىز

1,600FansLike
697FollowersFollow
1,850SubscribersSubscribe

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر