بىر ئائىلىنىڭ بەختلىك بولۇشى ياكى بولماسلىقى شۇ ئائىلىنىڭ بىناكارلىرى بولغان ئەر–خوتۇننىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىغا باغلىق بۇ ئورتاق تىرىشچانلىق مۇنۇ جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ:
1. ئەر–خوتۇن پۇل، نام–مەنپەئەت ۋە مەرتىۋە ئۈچۈن بىرلەشكەن بولماستىن بەلكى بىر–بىرىنى سەمىمىي ياخشى كۆرۈش ئاساسىدا بىرلەشكەم بولۇشى؛
2. ئائىلە ئىشلىرىنى باراۋەر ئاساستا ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئائىلە ئىشلىرىنى تالىشىپ قىلىشى، ھاردۇق يەتكەندە بىر–بىرىنىڭ ھالىغا يېتىشى؛
3. ئەر–خوتۇن ئۆينى بىللە باشقۇرۇپ، ئىقتىسادنى پىلانلىق، جايىدا ئىشلىتىشى؛
4. ئاتا–ئانىلارنى، ئۇرۇق–تۇغقانلىرىنى ھۆرمەت قىلىشى، پەرزەنتلىرىنى ئوبدان تەربىيەلەپ، قوشنا–قۇلۇملار بىلەن ئىناق ئۆتۈشى؛
5. خىزمەتتە بىر–بىرىنى قوللاپ، بىر–بىرىگە ئىشىنىشى؛
6. بىر–بىرىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى چىرايلىق كۆرسىتىپ، تۈزىتىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك.