ئانا سەھىپەساغلاملىقئادەم بەدىنىبىر ئادەم كۈندە قانچىلىك ئېنىرگىيە سەرپ قىلىدۇ؟

بىر ئادەم كۈندە قانچىلىك ئېنىرگىيە سەرپ قىلىدۇ؟

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ئادەم بەدىنىدىكى ھەربىر ئورگان، توقۇلما، ھۈجەيرە، ھەتتا ھۈجەيرە ئىچىدىكى ھۈجەيرە يادروسى، ھۈجەيرە ئەزالىرى…، مولىكۇلالارنىڭ ھەممىسى توختىماي ئۆزىنىڭ ھاياتى پائالىيتىنى داۋام قىلىش ئۈچۈن ئېنىرگىيە سەرپىيات قىلماقتا. بەدىنىمىزگە كېرەكلىك بولغان بۇ ئېنىرگىيەلەر دەل بىزنىڭ يەۋاتقان يېمەكلىكلىرىمىزدىن، ئىچىملىكلىرىمىزدىن كېلىدۇ. ھەربىر يېمەك ئىچمەكنىڭ ئېنىرگىيەسى بولىدۇ. بەزى كىشىلەر بۇنى ئىسسىقلىق دەپمۇ ئاتاپ قويىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە ، كۈندىلىك ئېنىرگىيە ئېھتىياجى، ئېنىرگىيە سەرپىياتى ئادەملەرنىڭ كۈندىلىك ھەرىكەت ئەھۋالىغا ئاساسەن ئادەمگە قاراپ ئوخشىماسلىقى مۇمكىن.

قۇرامىغا يەتكەن كىشى ھىچ چېنىقمىغان پەقەت كۈندىلىك نورمال پائالىيەتلىرىنى (تاماق يېيىش، خىزمەتكە ئۆگىنىشكە بېرىش، ئولتۇرۇپ ئىشلەش، ئارام ئېلىش، ئۇخلاش… قاتارلىقلار) قىلسىلا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2000-2500 كالورىيە ئىسسىقلىق سەرپ قىلىدۇ.

ئوخشىمىغان خىزمەت، ئوخشىمىغان پائالىيەتلەر، ئارام ئېلىش ۋاقىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن ئوخشىمىغان ئىسسىقلىقنى سەرىپ قىلىسىز. بۇنىڭدىن سىرت ئەرلەر، ئاياللار، بالىلار، ياشلار، ئوتتۇرا ياش، ياشانغان كىشىلەر، ھامىلە ئاياللار،… بۇ گۇرۇپلارغا ئاساسەنمۇ بەدەن ئوخشىمىغان ئىسسىقلىقلارنى سەرىپ قىلىدۇ.

 

قۇرامىغا يەتكەن بىر كىشىگە كۈندە قانچىلىك ئېنىرگىيە لازىم؟

ئادەم بەدىنىگە بىر كۈندە قانچىلىك ئېنىرگىيە لازىم بولىدىغانلىقىنى، ئىككى نۇقتىنى بىرلەشتۈرۈپ ھېساپلاش لازىم.

1. نۇقتا، ئادەم بەدىنىنىڭ ئاساسىي مېتابولىزىمىغا كېرەكلىك بولغان ئېنىرگىيە.
2. نۇقتا، شۇ ئادەمنىڭ بىر كۈنلۈك ھەرىكەت مىقتارى.

بىرىنجى نۇقتا ئۈچۈن، تۆۋەندىكى فورمۇلا ئارقىلىق، ئادەم بەدىنىنىڭ ئاساسىي مېتابولىزىمىغا كېرەكلىك بولغان ئېنىرگىيەنى ھېساپلىغىلى بولىدۇ.

Mifflin-St Jeor فورمۇلاسى:

10 * W + 6.25 * H – 5 * A – 161
= ئاياللارغا كۈندىلىك مېتابولىزىمغا لازىم بولغان ئېنىرگىيە (كىلوكالورىيە)

10 * W + 6.25 * H – 5 * A + 5
= ئەرلەرگە كۈندىلىك مېتابولىزىمغا لازىم بولغان ئېنىرگىيە (كىلوكالورىيە)

W: بەدەن ئېغىرلىقى (كىلوگرام بويىچە)
A: ياش
س: بوي ئېگىزلىكى (سانتىمېتىر بويىچە)

بۇ فورمۇلاغا ئاساسلانغاندا، 30 ياشلىق بىر كىشى، بوي ئېگىزلىكى 180 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 80 كىلوگرام بولسا، بۇ ئەر كىشىنىڭ كۈندىلىك ئاساسىي مېتابولىزىمغا لازىم بولغان ئېنىرگىيە كۈندە ئەڭ ئاز :

10 * 80+6.25 * 180 – 5 * 30 + 5= 1780

كۈندىلىك ئاساسىي مېتابولىزىمغا لازىم بولغان ئېنىرگىيە دىگەن نىمە؟

ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرە، توقۇلما، ئورگانلارنىڭ ئۆز ھاياتى رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، يەنى بەدەننىڭ، ھۈجەيرىنىڭ، توقۇلمىنىڭ، ئورگاننىڭ يىغىپ ئېيتقاندا شۇ ئادەمنىڭ ئۆلۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن نەپەسلىنىش، يۈرەك سوقۇش، ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىش، ئوزۇقلۇقلارنى قاندىن ئېلىش، پارچىلاش، سۈمۈرۈش، كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىش قاتارلىق مېتابولىزىم پائالىيەتلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئەڭ ئاساسي ئېنىرگىيەنى كۆزدە تۇتىدۇ. يەنى مۇشۇ 30 ياشلىق ئەر كىشى ئۈچۈن، بەدىنىنىڭ ھەرقايسى ئورگانلىرىنىڭ نورمال ئىشلىشى، ھايات قېلىشى ئۈچۈن ئەڭ ئاز دىگەندە 1780 كىلوكالورىيە ئېنىرگىيە لازىم.

ئىككىنجى نۇقتا، يەنى كۈندىلىك ھەرىكەت مىقتارىنى قانداق مۆلچەرلىشىمىز لازىم؟

نورمالدا بىر ئادەمنىڭ كۈندىلىك ئىش ھەرىكەت مىقتارىنى تۆۋەندىكى 5 دەرىجىگە ئايرىيمىز:

1.ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرىدىغان مېدىرلىمايدىغان پائالىيەتلەر (كىتاپ كۆرۈش، ئۇخلاش، كومپىيوتېر ئىشلىرى، تېلىۋىزور كۆرۈش… قاتارلىقلار)

2.يېنىك ھەرىكەتلىك پائالىيەتلەر. ( يول مېڭىش، بېلىق تۇتۇش، چالغۇ چېلىش… قاتارلىقلار)

3.ئورتا ھەرىكەتلىك پائالىيەتلەر. (ئىتتىك مېڭىش، يېنىك گىمناستىكا ئويناش ئارقىلىق چېنىقىپ بېرىش)

4.ئېغىر ھەرىكەتلىك پائالىيەتلەر. (پۇتبول ۋاسكىتبول ئويناش…)

5.ناھايىتى ئېغىر ھەرىكەتلىك پائالىيەتلەر. ( مۇنتىزىم تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ھەرىكەتلىرى، ئېغىر يۈك كۆتۈرۈش، قۇرۇلۇشتىكى ئېغىر ئىشلارنى قىلىش)

ئەگەر سىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىز رېتىمىڭىز، يۇقارقىدىكى پائالىيەتلەرنىڭ بىرسىگە چۈشسە، كۈندىلىك ئېنىرگىيە سەرپىياتىڭىزنى مۇنداق ھېساپلايسىز:

1.ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرىدىغان مېدىرلىمايدىغان پائالىيەتلەر كىشىلەرنىڭ ئېنىرگىيە سەرپىياتى:
كۈندىلىك ئېنىرگىيە سەرپىياتى = كۈندىلىك مېتابولىزىمغا لازىملىق ئېنىرگىيە * 1.2

2.يېنىك ھەرىكەتلىك پائالىيەتلەر كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ئېنىرگىيە سەرپىياتى:
كۈندىلىك ئېنىرگىيە سەرپىياتى= كۈندىلىك مېتابولىزىمغا لازىملىق ئېنىرگىيە * 1.375

3.ئورتا ھەرىكەتلىك پائالىيەتلەر كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ئېنىرگىيە سەرپىياتى:
كۈندىلىك ئېنىرگىيە سەرپىياتى= كۈندىلىك مېتابولىزىمغا لازىملىق ئېنىرگىيە* 1.55

4.ئېغىر ھەرىكەتلىك پائالىيەتلەر كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ئېنىرگىيە سەرپىياتى:
كۈندىلىك ئېنىرگىيە سەرپىياتى= كۈندىلىك مېتابولىزىمغا لازىملىق ئېنىرگىيە * 1.725

5.ناھايىتى ئېغىر ھەرىكەتلىك پائالىيەتلەر كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ئېنىرگىيە سەرپىياتى:
كۈندىلىك ئېنىرگىيە سەرپىياتى= كۈندىلىك مېتابولىزىمغا لازىملىق ئېنىرگىيە * 1.9

ئەگەر سىز قۇرامىغا يەتكەن بىرسى بولسىڭىز، يۇقارقى فورمۇلاغا ئاساسەن ، بەدىنىڭىزنىڭ كۈندىلىك ئېنىرگىيە سەرپىياتىنى ھېساپلاپ باقسىڭىز بولىدۇ.

مەسىلەن ئالدىدىكى 30 ياشلىق، 180 سانتىمېتىر بويى، 80 كىلوگرام ئېغىرلىقى بولغان ئەركىشىنىڭ مېسالىنى داۋام قىلساق، بۇ 30 ياشلىق ئەر كىشى كۈندىلىك خىزمىتى ئىشخانىدا كومپىيوتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ لايىھە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانسا، كۈندىلىك چېنىقمىسا، خىزمەتكە بېرىش ۋە قايتىش ئۈچۈن 10 مىنوتلۇق يوللا ماڭسا ۋە بۇ كىشى ئۆيگە قايتىپ تاماق يەپ بولۇپ تېلىۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرسا، بۇ كىشى ئاساسەن بىرىنجى تۈر يەنى «ئۇزۇن ئولتۇرۇپ مېدىرلىمايدىغان كىشىلەر» تۈرىگە تەۋە بولىدۇ. بۇ كىشىنىڭ كۈندىلىك بەدىنى سەرىپ قىلىدىغان ئېنىرگىيەسى :

10 * 80+6.25 * 180 – 5 * 30 + 5= 1780

1780 * 1.2 = 2136

يەنى بۇ كىشىنىڭ بەدىنى كۈندە 2136كىلوكالورىيە ئېنىرگىيە سەرىپ قىلىدۇ. بۇ سانلىق ئۇچۇرنىڭ بىزگە قانداق پايدىسى بار؟

ئەگەر بۇ كىشى ئورۇقلاشنى پىلانلىسا، كۈندە ئاغزىدىن كىرىدىغان يېمەك – ئىچمەكلەرنىڭ توپلام ئېنىرگىيەسى 2136دىن ئاز بولۇشى كېرەك. شۇندىلا بۇ ئادەم كۈندىلىك تۇرمۇش رېتىمى ئۆزگەرمىگەن ئاساستا، پەقەت يېمەكلىكلەردىكى توپلام ئېنىرگىيەنى ئازايتىش يەنى يېمەكلىكلەرنى ئازايتىش ئارقىلىقلا ئورۇقلىيالايدۇ.

ئەگەر بۇ كىشى سەمىرىشنى پىلانلىسا، كۈندە ئېغىزىدىن كىرىدىغان يېمەك – ئىچمەكلەرنىڭ توپلام ئېنىرگىيەسى 2136دىن كۆپ بولۇشى كېرەك. شۇندقىلا بۇ ئادەم ئىستىمال قىلغان ئوشۇقچە يېمەكلىكلەر پارچىلىنىپ بېرىپ مايغا ئايلىنىپ بەدىنىدە توپلىشىدۇ ۋە بۇ كىشى سەمىرىدۇ.

ئەگەر بۇ كىشى يا سەمىرىشنى يا ئورۇقلاشنى خالىمىسا، كۈندىلكى يېمەك ئىچمەكلەرنىڭ توپلام ئېنىرگىيىسىنى 2136ئەتراپىدا كونترول قىلسىلا، يا ئورۇقلىمايدۇ، يا سەمىرىمەيدۇ.

بالىلارغا كۈندە قانچىلىك ئېنىرگىيە كېرەك بولىدۇ؟

بالىلارمۇ ياش پەرقىگە قاراپ ئوخشىمىغان ئېنىرگىيە لازىم بولىدۇ. مەسىلەن 4 ياشلىق بالىلارغا ئەڭ ئاز 1300 كىلوكالورىيە ئېنىرگىيە لازىم بولسا، 17-18 ياشلىق ياشلارغا 3000 كىلوكالورىيە لازىم بولۇشى مۇمكىن.

 

ياشانغانلارغا قانچىلىك ئېنىرگىيە لازىم؟

ياشانغانلارغىمۇ يۇقارقى فورمۇلا چۈشىدۇ يۇ، ئەمما ياشانغانلارنىڭ بەدىنىدە ئەگەشمە كېسەللىكلەر، بەدەندىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ قېرىغان نۇقتىلارنىمۇ قوشۇپ ئويلىشىش لازىم.

 

كالورىيە، كىلوكالورىيە، كىلوجول لارنىڭ پەرقى بارمۇ؟

ئېنىرگىيەنىڭ بىرلىكى بولغان كالورىيە بىلەن كىلوكالورىيە ئوزۇقلۇقشۇناسلىق ساھەسىدە ئوخشاش مەنىدە دەپ چۈشەنسىڭىز بولىدۇ.

1 كالورىيە = 1 كىلوكالورىيە

1 كىلوكالورىيە = 4.2 كىلوجول

1 calorie = 1 kilocalorie

1 kilocalorie, kcal = 4.2 kilojoule, kJ

 

 

ماقالىنىڭ داۋامى بار

ھەرقايسى يېمەكلىكلەرنىڭ قانچىلىك ئېنىرگىيسى بارلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئادرىسنى زىيارەت قىلىڭ.

https://dohturlar.com/category/ozuqluq-jedwili/ 

يازغۇچى: نۇرمەمەت دانىش

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-20

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-22 / 05:14:06

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ