ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ساۋاتلىرىبىر نەچچە خىل خەتەرلىك ھەرىكەتنىڭ ئەيدىز يۇقۇملاندۇرۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى

بىر نەچچە خىل خەتەرلىك ھەرىكەتنىڭ ئەيدىز يۇقۇملاندۇرۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ئاياللارنىڭ ئەيدىزدىن قانچىلىك يىراقلىقى ئۇلارنىڭ خەتەرلىك ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مېدىتسىنا مۇتەخەسسىسلىرى بىر نەچچە خىل خەتەرلىك ھەرىكەتنىڭ يۇقۇملاندۇرۇش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى:

ئەيدىزنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش يوللىرى: نورمال بولمىغان جىنسىي ئۇچرىشىش، زەھەرلىك چېكىملىك چىكىش، قان سۇيۇقلۇقى ياسالمىلىرىنى ئىشلىتىش ۋە ئانىدىن بالىغا بىۋاسىتە يۇقۇش قاتارلىقلار.

ئامېرىكا لوس – ئانژېلېس كۆپىيىش تېببىي تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىسىتاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەيدىزنىڭ تارقىلىش يوللىرى ئىچىدە نورمال بولمىغان جىنسىي ئۇچرىشىشتىن يۇقۇش نىسبىتى زور سالماقنى ئىگىلەيدىكەن، تەخمىنەن 70% – 80% ئەيدىز ئاغرىقى مۇشۇ سەۋەبتىن بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان، بۇ تۈردىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىچىدە يات جىنستىكىلەر بىلەن بولغان جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇش%70 تىن كۆپرەكنى، بەچچىۋازلىقتىن يۇقۇملانغانلار % 5 – %10 نى ئىگىلەيدىكەن.

تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېلىپ بارغان تەھلىلدىن ئەرلەردىن ئەرلەرگە يۇقۇشنىڭ خەتەرلىك دەرىجىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى، باشقىلىرى ئەردىن ئايالغا، ئايالدىن ئەرگە، ئايالدىن ئايالغا يۇقۇش رەت تەرتىپى ھاسىل قىلىدىغانلىقى بايقالغان.

جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش شەكلىدىن قارىغاندا، غەيرىي يولغا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشنىڭ خەتەرلىك دەرىجىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى، قوغدىنىشسىز جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش ۋە ئېغىز ئارقىلىق جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشنىڭ خەتەرلىك دەرىجىسى ئۇنىڭدىن كېيىن تۇرىدىغانلىقى بايقالغان.

ئۇنىڭدىن باشقا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇشچانلىقى يەنە يۇقۇملانغۇچىنىڭ يۇقۇملىنىش مەزگىلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدىغانلىقى، كېسەلنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى يۇقۇشچانلىقى ئەڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقى، چۈنكى بۇ مەزگىلدە يۇقۇملانغۇچىنىڭ بەدىنىدە مىكروب تەركىبى ئەڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقى بايقالغان. ئىككىنچى ئورۇندىكىسى قان ۋە قان ياسالمىلىرىنى قوبۇل قىلىشتىن يۇقۇش بولۇپ، يۇقۇش ئېھتىماللىقى %90 تىن يۇقىرى بولغان؛ شىپرسنى ئورتاق ئىشلىتىپ ياكى دېزىنفېكسىيە قىلىنىشى ياخشى بولمىغان شىپرىسنى ئىشلىتىپ ۋېنادىن زەھەرنى ئوكۇل قىلىش سەۋەبلىك ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇش ئېھتىماللىقى ئۇنىڭدىن كېيىن تۇرىدىكەن.

بىر قىسىم كىشىلەر داۋالاش ئەسۋابلىرىنىڭ تازىلىقى ياخشى بولماسلىقتىنمۇ ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋالىدۇ، بۇ داۋالاش ئەسۋابلىرى مەنبەلىك يۇقۇش دەپ ئاتىلىدۇ، مەسىلەن: ئوكۇل سالدۇرغاندا، ئوكۇل بېشى سەۋەبلىك يۇقۇش ياكى باشقا بۇلغانغان ئەسۋابلارنىڭ تېرىنى غىدىقلىشى ياكى تېرىگە چاپلىشىشى سەۋەبلىك يۇقۇش ئېھتىماللىقى تەخمىنەن %0.5 – % 0.3 نى تەشكىل قىلىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-05-07

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-03-28 / 08:23:19

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ