ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ھەققىدە ھىكايە ۋە ئىبرەتلەربىر زەھەر چەككۈچى قىزنىڭ يۈرەك ساداسى

بىر زەھەر چەككۈچى قىزنىڭ يۈرەك ساداسى

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

(بىر زەھەر چەككۈچى قىزنىڭ يۈرەك ساداسى)
ئىللىقلىق بولمىسا ئادەم يولىدىن ئازدۇ

مەن ئەسلىدە يامان قىزلاردىنمۇ ئەمەس ئىدىم،كىچىكىمدىن ئەقىللىق بولۇپ ، قېرىنداشلىرىمنىڭ ھەممىسى ماڭا ئامراق ئىدى.مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا، مەن سىنىپتىكى ياخشى ئوقۇغۇچىلاردىن ئىدىم.نەتىجەم يامان ئەمەس ئىدى .لېكىن مەن قايتا-قايتا مەكتەپ ئالمىشىپ يۈردۈم ، توختىماي ئۆزگىرىۋاتقان مۇھىتقا كۆنەلمىگەنلىكتىن ، ئۆگىنىش نەتىجەم بارغانسىرى تۆۋەنلەشكە باشلىدى.

ھېلىمۇ ئىسىمدە بىر قېتىم يېڭىدىن بىر مەكتەپكە ئالماشقان ۋاقتىمدا ، مۇئەللىم مېنىڭ بۇرۇنقى نەتىجەمنى كۆرۈپ ، ئىشەنمىگەن قىياپەتتە: «بۇ سىزنىڭ نەتىجىڭىزمۇ »دەپ سورىدى ، مەن زۇۋان سۇرمىدىم .

نەتىجەم ياخشى بولمىغانلىقتىن مەندىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتكەن ئاتا-ئانام بارغانسىرى مەندىن ئۈمىدسىزلەندى . ئاتا-ئانامنىڭ ماڭا تۇتقان پوزىتسىيىسى بارغانسىرى قوپاللاشتى .

دادام بولسا بىر خىزمەتتىن قالدۇرۇلغان ئىشچى ، ئۇ قارت ئويناشنى ياخشى كۆرەتتى.ھەتتا بىر قېتىم سىرتتا يەتتە كېچە كۈندۈز قارت ئوينىغان ، شۇڭلاشقا پەيچۇسودىكىلەر دائىم دادامنى يوقلاپ تۇراتتى.كېيىن دادام ئۇتتۇرۇپ قويغانلىق سەۋەبىدىن ئەمگەك بىلەن تەربىيلەش ئورنىغا كىرىپ قالدى ، ھەممە ئىشلار كۆڭۈلدىكىدەك بولماي دادامنىڭ ئەسلىدىمۇ كاج مىجەزىنى تېخىمۇ كاجلاشتۇرۇۋەتتى .

بىر قېتىم ئۇ مېنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىمنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ ، مېنى مۇشتلاپ كەتتى ھەتتا كىتابلىرىمنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرىۋەتتى . شۇنىدىن باشلاپ دادام ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بارغانسىرى يېقىنلاشتى . مەنمۇ بارغانسىرى يۈز ئۆرۈشكە قاراپ ماڭدىم .

مەكتەپتە نەتىجەم ياخشى ئەمەس ، مۇئەللىمۇ مېنى ياخشى كۆرمەيدۇ . تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە سىنىپ مەسئۇلىمىز ھەر كۈنى بىزنى سىنىپقا سولۇۋىلىپ تاپشۇرۇقنى تاپشۇرغانلارنىلا چىقىرىۋىتەتتى . ئۇ ۋاقتىلاردا كىتابلىرىم دادام تەرىپىدىن كۆيدۈرۇۋىتلگەچكە ئامال يوق تاپشۇرۇق ئىشلىيەلمەتتىم . مەن مۇئەللىمگە چۇشەندۇرسەم مېنى كەتكۈزىۋىتەتتى . مەن مەكتەپتىن زېرىكىشكە باشلىدىم ، تاپشۇرۇقىنى قەتئىي ئىشلىمەسلا بولدۇم .

ئاخىرى بىر كۈنى مەن مەكتەپتىن ھەيدەلدىم ، ئۇ ۋاقىتتا مەن ئەمدىلا 13 ياش ئىدىم ، ھەممە مەۋجۇدات ماڭا قىزىقارلىق تۇيۇلاتتى ، مەن جەمئىيەتكە چىقىپ بىر قىسىم كۆز بۇيامچىلار بىلەن تونۇشتۇم ، ئۇلار بولسا بىلىمسىز ، ئوغرى-قاراقچى ، بۇلاڭچى ، ئۇرۇشقاقلار ئىدى ، بۇ تۇرمۇش ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى ، ھەمدە خەجلەشكە پۇل بار، كۈنلىرىم ئىنتايىن خوشاللىق ئىدى ، شۇنداق قىلىپ مەن ئۇلار بىلەن بىللە ئويناشقا كىرىشپ كەتتىم .

پۇل تۈگسە بۇلايتتۇق ، دائىم مەن ياخش ماشنىلارنى ئىجارىگە ئېلىپ ، ئۇلارنى كۈتەتتىم ، بۇلانغان ماللارنى ماشىنىغا سېلىپلا قاچاتتۇق . ئىككى ئايدىن كېيىن ، بىزنى پەيچۇسۇ تۇتۇۋالدى ، مەن 14 ياشقا توشمىغىنىم ئۈچۈن كېسىلمىدىم ، ئاتا-ئانام مېنى ئېلىپ ئۆيگە قايتىپ كەلدى .

دوستۇمنىڭ قىزىقتۇرىشى بىلەن 13 ياش ۋاقتىمدا بىرنىچى قېتىم زەھەر چەكتىم

1998-يىلى 9-ئاي ، ئىش تاپالمايۋاتقان مەن بىر قىز تەرىپىدىن كونا دەريا بويىغا كەلدىم . مەن بىر مېھمانخانىدا تۇردۇم . بىر كۈنى ئاخشىمى مەن ئۇخلىيالمايۋاتقان چاغدا يەنە بىر مېھمانخانا ئۆيدىكى ئافاڭ مېنى ئۆيىگە كىرىپ ئويناشقا تەكلىپ قىلدى ، مەن ئۆيگە كىرگەندە ، ئۇلارنىڭ قەغەزنى يۆگەپ بىر ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇم ، مەن قىزىقىپ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى سۇرىدۇم ، ئۇلار بۇ » خېروئىن » دەپ تونۇشتۇردى ۋە مېنى ئىككىنى سۇمۇرۇپ بېقىشقا ئۈندىدى .

قىزىققانلىقمدىن نەچچە قېتىم سۇمۇرۇپ سالدىم ، ئۇ ۋاقىتتا مەن ئىنتايىن بىئارام بولدۇم ، ئۆيگە قايتىپ كېلىپ ياندۇرۇپ كەتتىم ھەمدە پۈتۈن بەدىنىم قىچىشىپ كەتتى . مەن پەقەتلا بىر قېتىمغۇ خۇمارى بولماس دەپ قاراپتىمەن . لېكىن مەن ھازىر بەك پۇشايمان قىلىمەن زەھەر ھەقىقەتەن بىر تېگىپمۇ قويمايدىغان نەرسە ئىكەن .

نەچچە كۈن ئۆتمەي ، مەن ئۆيگە قايتىپ كەلدىم ، پۇلۇم بولمىغانلىقتىن مەن يەنە ئوغرلىق قىلدىم . ئاتا-ئانام بىلىپ قېلىپ مېنى سولاپ قويدى . مەن بىر ئاماللارنى قىلىپ ئىشىكنى ئېچىپ ئوغرلىق قىلىپ ، ئويناپ يۇردۇم ، مۇشۇنداق كۈنلەر يىرىم يىل داۋاملاشتى . 1999-يىلى 6-،7-ئايلار ، مەن ئايۇ بلەن تونۇشتۇم ئۇ مەندىن چوڭ ، كۆز بويامچىلار ئىچىدىكى داڭقى چىققان كۆز بويامچى ئىدى ، بىز بىللە ئوينىدۇق ، ھەر قېتىم بىز بىر ئۆيدە چىكەتتۇق ، چېكىپ بولۇپلا ئۇخلايتتۇق . كېيىن يەنە ئىكى قېتىم چېكىپلا خۇمار بولۇپ قالدىم . بىر كۈنى چېكسەم كۆڭلۈم بىئارام بولاتتى .

زەھەر دېگەن ئىبلىسى بىلەن ئېلىشقان كۈنلەر نېمىدىگەن ئازابلىق ! ئىلگىرى مەن ئۆزۈمنى ئازىراق كونتىرۇل قىلىساملا خۇمار بولۇپ قالماسمەن دەپ قارايتتم . لېكىن مەن بارغانسىرى ئۆزۈمنى كونتىرۇل قىلالمىغىلى تۇردۇم . زەھەر خۇددى ئالۋاستىغا ئوخشاش مېنى چۆگىلەپ كېتەلمىدى . مېنىڭ ياشلىقىمنى ۋە روھىمنى يۇتۇپ كىتۋاتاتتى ، مەن زەھەرگە ئېرىششى ئۈچۈن يالغانچىلىق قىلىپ ، ئادەم ئالدىغىنىمنى كىشلەر بىلمەيتتى ، كىشلەر پەرۋا قىلمايتتى . زەھەرنى كۆرگەن ۋاقتىمدا مۇسكۇل ۋە روھلىرىم گۇمران بولاتتى ، زەھەر بولسىلا قەدىر-قىممىتىمنى يوقتاتتىم ، زەھەر بولسىلا ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببەت يوقلاتتى ، زەھەر بولسىلا مېنىڭ بىر ئېغىزمۇ راسىت گىپىم قىلالمايتتى . زەھەر سېتىۋالدىغان پۇلغا ئېرىشىش ئۈچۈن ، مەن ئايۇنىڭ نەۋرە سىڭلىسىنى ئالداپ شەنشى ئۆلكىسىگە ئەكەلدىم ، كېيىن ئۇنىڭ سىڭلىسى قېچىپ كەتتى ۋە ئايۇگە مەلۇم قىلغاندا ، ئايۇ بىزنىڭ ئۆيگە كىلىپ بىر مۇنچە پاراكەندە قىلدى ، مەن ئىنتايىن يۈزۈم چۇشۇپ كەتكەندەك ھىس قىلىپ ، بىر ئىككى ئادەمنى باشلاپ بېرىپ ، ئۇنىڭ ئەدىپىنى تاز بېرىپ ، بىشىنى يېرىۋەتتىم . مېنىڭ زەھەر چەككەنلىكىمنى بىلگەندىن كېيىن ، دوستلىرمنىڭ ھەممىسى مەندىن ، كېسىلىمنىڭ يۇقۇپ قىلىشىدىن ئۆزىنى قاچۇراتتى . مەن مىڭ بىر مۇشەققەتتە بىر خىزمەت تاپسام ، باشلىق مېنىڭ زەھەر چەككىنلىكىمنى ئاڭلاپ مېنى چىقىرىۋەتتى . مەن خۇددى باشقلار تەرىپىدىن تاشلېۋىتىلگەن ئەخلەتگە ئايلىنىپ قالدىم .

2000-يىلنىڭ بېشى ، مەن ئامالسىز يىزىغا قايتىپ ھايات كەچۈردۇم ، ئاڭلىشىمچە شاڭخەيدە پۇل ئاسان تاپقىلى بولىدىكەن ، مەن كىچكىمدىن باشلاپ ، شۇ يەردە تۇرغان ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇھتنى ئالماشتۇرۇش ئاسانراق زەھەر خۇمارىنى تۈگىتىشنى ئويلىدىم . شۇنىڭ بىلەن مەن بىلەن بىرگە زەھەر چەككەن ئافاڭدىن 600 يۈەن ئېلىپ ئۆزۈم يالغۇز شاڭخەيگە باردىم . بىراق شاڭخەيگە بارغاندىن كېيىن پۇل تېپىشنىڭ تەسلىكىنى ھىس قىلدىم ، ئۇزاق ئۆتمەي 600 يۈەننىمۇ خەجلەپ بولدۇم ئۇنىڭدىن باشقا كىملكىمنى ئېلىپ بارماپتىمەن ، ساقچىلار قاتتىق تەكشۈرەيدىكەن شۇنىڭ بىلەن مەن يەنە يىزامغا قايتىپ كەلدىم . ئۆيدە يېرىم يىل چەكمىدىم ، لېكىن بىر قېتىم سىرتقا چىقىپ ئافاڭنى كۆرۈپ يەنە چېكىپ سالدىم . 2000-يىلى 6-ئايدا مەن ئافاڭدىن ئايرىلىش نىيىتگە كەلدىم . دوستلىرىم بىلەن فۇجۇغا بىرىپ ئىشلىدىم ، ئۇ يەردە بىر ئاسراش ھەققى يىغىدىغان يۇرتىدىشىم ئاخەي بىلەن تۇنۇشتۇم ، ئۇ ماشىنىسىنى ھەيدەپلا تۇرەتتى ، قارىماقتا خىلى پۇلداردەك قىلاتتى ، ئۇ مېنى بەك ياخشى كۆرەتتى ، ئاكتىپلىق بىلەن ماڭا يېقىنلىشاتتى ، بىز ئىككىمىز بىللە بولدۇق .، ئۇ بىر ئاي مېنىڭ ياتاق تامىقىنى بېرىپ ، يەنە 2000 يۈەن پۇلنى ماڭا بەردى . كېيىن يەنە بىر يۇرتىدىشىم ئايۇن بىلەن تۇنۇشتۇم ، ئۇنىڭ فۇجۇندىكى ۋاقتىلىرى ئۇزۇن ئىدى ، نۇرغۇن زەھەر چېكىدىغانلارنى تونۇيتتى ، 8-ئاينىڭ 1-كۈنى ئايۇن ، شۇ ياخشى دوستلىرىنىڭ يىندىن 150 يۈەنلىك مىللىنى ئەكەلدى ، ئۇ مېنى بىلەن يىغىنغا قاتنىشىشىپ بېرىشقا چاقىردى ، شۇنىڭ بىلەن يەنە چېكىپ قالدىم .

ئاخەي بىلگەندىن كېيىن ماڭا ئاچچىقلىدى ، مېنى سولاپ قويۇپ زەھەر تاشلاتقۇزدى ، مەن زەھەر چەككەندىن كېيىنكى پىسخۇلۇگىيىلىك ئىنكاسقا چىدىيالماي ، قولۇمنى كىسىۋالىمەن ۋە ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۈۋالىمەن دەپ ئۇنى قورقۇتتۇم . ئۇ ئامال قىلالماي 3 كۈن سولاپلا مېنى قويۇۋەتتى ، كېيىن ئۇ 2000 يۈەن خەجلەپ مېنى يۇرتۇمغا قايتۇرۇپ ئەكەلدى . مەن قايتىپ كەلگەن كۈنى ، ئايۇ باش ۋە پۈت-قۇللىرىنى كېسىپ ئۆلۈۋاپتۇ ، ئاخەي بىلگەندىن كېيىن يەنە مېنى فۇجۇغا ئەۋەتتى ، لېكىن بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي مەن يەنە چېكىپ قالدىم .

زەھەر مىقتارىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشى بىلەن مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلالماس بولدۇم . 2001-يىلى 7-ئاي ، مەن فۇجۇدىكى بىر 5 يۇلتۇزلۇق مېھمانسارايغا باردىم ، مېھمانلارغا ھەمراھ بولۇپ ياتتىم . بۇ ئىش دەل 2 يىل داۋاملاشتى . 2004-يىلى ئەتىياز، مەن دوستلۇرۇم بىلەن زەھەر چېكىۋاتقاندا ساقچىلار بىزنى تۇتۇپ ، جامائەت-خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ زەھەر تاشلاش ئورنىغا ئەكىرىپ قويدى .

ئىرادىلىك بىلەن زەھەر تاشلاپ يېڭى ھايات بەرپا قىلىش

ئۇ يەرگە كىرگەندىن كېيىن ، مەن يىغلاپ قاقشاپ ، ھەتتا ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۋالمەن دەپ ساقچىلارنى قورقتتىم ، ئۇلاردىن مېنى قويۇۋېتىشنى ئۆتۈندۇم . ساقچىلار ماڭا سەۋىرچانلىق بىلەن نەسىھەت قىلدى ، مېنى تەربىيلدى . ماڭا زەھەرنىڭ زىيىنىنى ھەم ھاياتنىڭ پەلسەپىسىنى سۆزلىدى ، يىتەكچى ئەترەت باشلىقى ماڭا : » قىزچاق ، سىز قورقماڭ ، بۇ ئورۇن سىزنىڭ ئۆيىڭىز، زەھەر خۇمارىنى بېسىش گەرچە ئىنتايىن قېيىن بولسىمۇ ، لېكىن بىز كۆپچىلىك بىرلىكتە تىرشساق چوقۇم سىزنى ئەسلىگە كەلتۇرەلەيمىز ، زەھەردىن ئىبارەت بۇ ئىبلىسنىڭ قوينىدىن قايتۇرۇپ ئەكىلەلەيمىز . سىزنىڭ قەدىر-قىممىتىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۇرەلەيمىز . سىزنىڭ ياشلىق باھارىڭىزنى قايتۇرۇپ ئەكىلەلەيمىز ، سىزگە مەنسۇپ بولغان گۈزەل ھاياتىڭىزنى قايتۇرۇپ ئەكىلەلەيمىز .» ساقچىلار خۇددى قېرىنداشلىرىمدەك تەربىيلەپ مېنى قۇتقۇرۇپ ، قەلبىمگە چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇردى ، مەن قەتئىي زەھەر تاشلاشقا بەل باغلىدىم .

كۆپ يىللاردىن بۇيان ، مەن سىرتلاردا سەرسان بولۇپ يۇرۇپ ، ئاتا-ئانامنىڭ ئىشەنچىسىدىن قالدىم ، ئادەتتە ئۇلار مېنى كۆپ باشقۇرۇپ كەتمەيدۇ ، زەھەر چەككەن ئىشىمنى ئۇلارغا تىنماي كەلگەن . شۇنىڭ بىلەن ئەترەت باشلىقى ئاپامنى ئىزدەپ كىلىپ ئۇنىڭغا مېنىڭ زەھەر چەككەنلىك سەۋەبىمنى ، زەھەر چەككەندىن كېيىنكى جاپالىرىمنى ھەمدە مېنىڭ زەھەر تاشلاش قەتئىي ئىرادەمنى ۋە ئىشەنچىمنى سۆزلەپ بەردى . ئۇ ئاپامدىن زەھەر تاشلاش ئورنى بىلەن ئوبدان ماسلىشىپ ، ئورتاق تىرىشىپ ، مېنىڭ ئۈزۈل- كېسىل زەھەر خۇمارىنى تۈگىتىشىمگە ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلدى .

ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ، ئاپام ھەر ۋاقىت ماڭا ھەمراھ بولدى ، ھەر ۋاقىت ماڭا كۆيۈندى ، كېيىن مەن بۇ مۇھىتتىن ئايرىلىپ چىقىپ كەتتىم ، مەن ساقچى ھەم قېرىنداشلىرىمنىڭ تەربىيىسى ۋە سەمىمىي مېھىر-مۇھاببىتىنى مەڭگۈ ئىسمدىن چىقارمايمەن . قەددىمنى تىك قىلىپ ، دىيانىتىمنى ساقلاپ باتۇرلۇق بىلەن جەڭنى قۇبۇل قىلدىم تا مۇشۇ كەمگىچە مەن زەھەرنى قايتا چەكمىدىم ، يۇرتۇمدا شوپۇرلۇقنى ئۆگىنىپ ، تاكسى شوپۇرى بولۇپ قالدىم ، كۈنلىرىم ئىنتايىن ئازادە ، كەيپىياتىممۇ ئىنتايىن ياخشى مەن ئۆزۈمنىڭ ھايات كوردىناتىمنى قايتا ياراتتىم

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-12-23

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-12-05 / 07:17:39

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ