بۆرەكنىڭ شەكلى يېشىل پۇرچاققا ئوخشاپ قالىدۇ. قورساق بوشلۇقىنىڭ كەينىگە، ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ۋە قوۋۇرغا سۆڭىكىنىڭ ئاستىغىراق جايلاشقان. جىگەر بولغانلىق سەۋەبىدىن، ئوڭ بۆرەك سول بۆرەككە قارىغاندا 1-2 سانتىمېتىر پەستىراق بولىدۇ.
قۇرامىغا يەتكەن بىر ئادەمنىڭ بۆرەكنىڭ ئۇزۇنلۇقى: 8-14 سانتېمىتېر، كەڭلىكى: 5-7 سانتېمىتىر، قېلىنلىقى: 3-5 سانتىمېتىر ئەتراپىدا. ئېغىرلىقى 134-148 گىرام ئەتراپىدا.
قاندىن كېرەكسىز ماددىلارنى سۈزۈۋېلىپ سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ سۈيدۈك شەكىللەندۈرۈش ۋە بۇ كېرەكسىز ماددىلارنى سۈيدۈك بىلەن چىقىرۋېتىش، قان بېسىمىنى كونترول قىلىش، قىزىل قان ھۈجەيرىسى ئىشلەپ چىقىرىش، ۋىتامىن د ۋە كالتسىي تەڭشەش قاتارلىق مۇھىم روللارنى ئۆتەيدۇ.