ئانا سەھىپەئۇيغۇر تېبابەتمەخپىي رىتسىپلاربۆرەك ۋە جىنسىي ئاجىزلىققا داۋا 8 رىتسىپ

بۆرەك ۋە جىنسىي ئاجىزلىققا داۋا 8 رىتسىپ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

) 40گرام سۆلەپ مىسرى سوقۇلۇپ، 100گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ مەلھەم قىلىنىپ، كۈنىگە ئىككى- ئۈچ قېتىم، ھەرقېتىمدا ئون گرامدىن ئىستىمال قىلىپ بېرىلسە، بۆرەك ئاجىزلىق ۋە جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولىدۇ، ئۇيقۇنى ياخشىلاپ، بەدەننى سەمرىتىدۇ.

2) 40گرام كۈدۈر، 20گرام زەنجىۋىل ئايرىم- ئايرىم سوقۇلۇپ، 200گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ مەلھەم قىلىنىپ، كۈنىگە بىر- ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئون گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە، بۆرەك ئاجىزلىق، جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولىدۇ، ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيتىنى ئاشۇرىدۇ.

3) 100گرام تەرەنجىۋىل (يانتاق شېكىرى) مۇۋاپىق مىقداردىكى ئىسسىق سۇدا ئېرىتىلگەندىن كېيىن، بۇ ئېرىتمە سۈزۈۋېتىلىپ 300گرام يېڭى كالا سۈتىگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ، سۇس ئوتتا قويۇلغۇچە قاينىتىلىپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 20گرامدىن ئىچىلىدۇ. بۇ دورا بۆرەك ئاجىزلىق بىلەن جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، ئۇيقۇسىزلىق، تولا چۈش كۆرۈش، ئورۇقلۇق ۋە ئومومىي بەدەن ئاجىزلىق قاتارلىقلاردىن قۇتۇلۇشتا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.

4) 20گرام نوقۇت، 20گرام سۆلەپ مىسرى يۇمشاق سوقۇلۇپ، 100گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كۈنىگە ئىككى- ئۈچ قېتىم، ھەرقېتىمدا ئون گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە، بۆرەك ئاجىزلىق ۋە جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، مەنى تۇتالماسلىققىمۇ شىپا بولىدۇ.

5) 20گرام شاقاقۇل، ئون گرام كاۋاۋىچىن، ئون گرام سەۋزە ئۇرۇقى سوقۇلۇپ، 100گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كۈنىگە ئىككى- ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 15گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە، بۆرەك ئاجىزلىق، جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، ئەر- ئاياللاردىكى سىزلام (سۆزنەك) كېسىلىگىمۇ شىپا بولىدۇ.

6) ئالدى بىلەن 50گرام بادام مېغىزى، 50گرام پىستە مېغىزى، 30گرام پىياز ئۇرۇقى، 20گرام ئۇسۇڭ ئۇرۇقى تەييارلىنىدۇ، ئاندىن بادام مېغىزى بىلەن پىستە مېغىزى ئايرىم، قالغانلىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ سوقۇلۇپ، 300گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كۈنىگە ئىككى- ئۈچ قىتىم، ھەر قېتىمدا 15گرامدىن ئىستىمال قىلىنسا، بۆرەك ئاجىزلىق بىلەن جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، سەۋدادىن بولغان ئۇيقۇسىزلىققا شىپا بولىدۇ، ئادەمنىڭ زېھنىنى ئاچىدۇ.

7) 50گرام ياڭاق مېغىزى، 50گرام ئاقلانغان كۈنجۈت، 20گرام چامغۇر ئۇرۇقى، 20گرام زەنجىۋىل، 20گرام بىدە ئۇرۇقى تەييارلىنىدۇ. ياڭاق مېغىزى بىلەن كۈنجۈت ئايرىم، قالغانلىرى بىرلەشتۈرۈپ سوقۇلۇپ، 400گرام ھەسەلگە تەكشى ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 15گرامدىن ئېستىمال قىلىنسا، بۆرەك ئاجىزلىقى بىلەن جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولىدۇ.

8) 30گرام ھۆل زەنجىۋىلنى پاكىز يۇيۇپ پوستىدىن ئاجرىتىپ، 90مىللىلىتىر سۇ بىلەن پىشۇرغاندىن كېيىن سۈزۈۋىلىنىپ، ئۇنىڭ سۈيىنى 90گرام ھەسەل بىلەن قاينىتىپ، قىيامى تەڭشەلگەندە سۈزۈۋىلىنغان زەنجىۋىلنى قىيامغا سېلىپ مۇراببا تەييارلاپ، مۇراببا كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا تاماقتىن كېيىن ئون گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. ئەگەر ھۆل زەنجۋىل تېپىلمىسا، نەمخۇش يەرگە ئورەك كولاپ، قۇرۇق زەنجىۋىلنى ئورەككە سېلىپ، ئورەكنىڭ ئۈستىگە ھۆل قۇم تۆكۈپ، زەنجىۋىل 20كۈنگىچە كۈندە بىر قېتىم ئارىلاشتۇرۇپ بېرىلسە، ھۆل ھالەتكە كېلىدۇ. بۇ دورا بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، ئاشقازان ئاجىزلىق، نېرۋا ئاجىزلىق، دوۋساقنى سوغۇق ئېلىپ كېتىش، قېرىلاردىكى سۈيدۈك تۇتۇلۇش قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ.

يۇقۇرقى رېتسىپلارنى ئەرلەرلا ئىشلىتىپ قالماستىن، ئاياللار ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ، قايسى ئۇسۇلنى قوللىنىشتىن قەتئىينەزەر، دورا ئىستېمال قىلغۇچى دورىنى ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى، ياش قۇرامى، بەدەن قۇۋۋىتىگە قاراپ بىر ئايدىن ئۈچ ئايغىچە كۆرسىتىلگەن ئۆلچەم بويىچە ئۈزۈلدۈرمەي ئىشلىتىشى لازىم.

دورىلارنى ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن ھەسەلنى قاچىغا ئېلىپ، قاچىنى قايناۋاتقان سۇغا چىلاپ ھەسەلنى ئېرىتىپ، ھەسەلنىڭى كۆپۈكىنى ئېلىۋىتىپ ھەسەل قولنى كۆيدۈرمىگىدەك دەرىجىدە سوۋۇغاندىن كېيىن، ھەسەلنىڭ ئۈستىگە دورىلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم قىلىش، مەلھەم پۈتۈنلەي سوۋۇپ بولغىچە قاچىنىڭ ئاغزىنى ياپماسلىق كېرەك.

بۇ دورىلارنى ئىستېمال قىلىۋاتقاندا سوغۇق سۇ، سوغۇق ئىچىملىك ۋە ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش، مۇۋاپىق تۈردە بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-08-09

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-05 / 06:12:14

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ