ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلارئانا ۋە بالابوۋاق بالىنى قۇچاقلاپ كۆتۈرگەندە ئۇسۇلغا دېققەت قىلىڭ

بوۋاق بالىنى قۇچاقلاپ كۆتۈرگەندە ئۇسۇلغا دېققەت قىلىڭ

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

بوۋاقلار ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئالاھىدىلىكى بېشى چوڭ ، ئېغىر ، سۆڭەك بىر قەدەر بوش ، مۇسكۇللىرى تەرەققىي قىلىپ بولالمىغان بولۇپ ، بىر قەدەر كۈچسىز ئاجىز كېلىدۇ

1 ئايلىق بولغان بوۋاقلار بېشىنى پەقەت بىردەملا كۆتۈرەلەيدۇ ، 3 ئايلىق بولغاندا ئاندىن سەل-پەل تۈزراق قىلىپ بېشىنىڭ ئېغىرلىقىغا بەرداشلىق قىلىپ كۆتۈرەلەيدۇ . شۇڭلاشقا 1~3 ئايلىق بولغان بوۋاق بالىنى قۇچاقلاپ كۆتۈرگەندە كۆتۈرۈش ئۇسۇلغا دېققەت قىلىش كېرەك . بۇ جايدا دېققەت قىلىدىغان مەسىلە ، بالىىڭ بېشىنى ياخشى تېرەپ تۇرۇش كېرەك .

1~2 ئايلىق بولغان بوۋاق بالىنى ئاساسلىق تەكشى ياتقۇزۇپ قۇچاقلاپ كۆتۈرۈش كېرەك ، ياكى سەل يانتۇراق قىلىپ كۆتۈرسىمۇ بولىدۇ . تەكشى ياتقۇزۇپ كۆتۈرگەندە بالىنى تەكشى ھالدا كۆتۈرگۈچىنىڭ قۇچىقىغا ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك . مەيلى تەكشى ھالدا كۆتۈرسۇن ياكى يانتۇراق كۆتۈرسۇن ، كۆتۈرگۈچىنىڭ بىر ئالدى بېلىكى چوقۇم بالىنىڭ باش قىسمىنى تېرەپ تۇرۇشى ، يەنە بىر بېلىكى بالىنىڭ كاسىسى ھەم بېلىنى تېرەپ تۇرۇشى كېرەك . سۈتنى ئاسان ياندۇرىۋېتىدىغان بالىلارنى ئامال بار يانتۇ كۆتۈرۈش كېرەك ، بۇنداق قىلغاندا بالىنىڭ سۈت ياندۇرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ياكى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ .

3 ئايلىق بولغان بوۋاق بالىلارنى ئاساسلىق يانتۇ كۆتۈرۈش ياكى تۈز كۆتۈرسە بولىدۇ . بالىنى تۈز كۆتۈرگەندە ئىككى خىل ئۇسۇل ئارقىلىق كۆتۈرسە بولىدۇ : بىر خىلى بوۋاق بالىنىڭ دۈمبىسىنى كۆتۈرگىچىگە قارىتىپ كۆتۈرۈپ كۆتۈرگۈچىنىڭ بىر بېلىكىگە ئولتۇرغۇزىۋېلىپ ، يەنە بىر بېلىكى بىلەن بالىنىڭ كۆكرەك قىسمىنى توسۇپ ، بالىنىڭ بېشى بىلەن دۈمبىسى كۆتۈرگۈچىنىڭ ئالدى كۆكرىكىگە تەككۈزۈپ تۇرسا بولىدۇ . يەنە بىر خىل كۆتۈرۈش ئۇسۇلى بالىنى كۆتۈرگۈچىگە قارىتىپ بىر بېلەككە ئولتۇرغۇزۇپ ، كۆتۈرگۈچىنىڭ يەنە بىر قولى بالىنىڭ گەجگىسى ، دۈمبە قىسمىنى تېرەپ تۇرۇش كېرەك . بۇ ئارقىلىق بالىنىڭ كۆكرەك قىسمىنى كۆتۈرگۈچىنىڭ كۆكرىكى ھەم مۈرىسىگە تېرىتىپ تۇرسا بولىدۇ .

بۇنىڭدىن سىرت بالىنى كۆتۈرگەندە بالىنى قوغداش بىلەن بىرگە بالىنىڭ راھەت بولۇش بولماسلىقىغا دېققەت قىلىش ھەم بالىغا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرىش كېرەك . بالىنى كۆتۈرۈپ ئالغاندا ھەم يەرگە قويغاندا ھەرىكەت چوقۇم ئاستا سىلىق بولۇشىغا دېققەت قىلىش كېرەك .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ