ئانا سەھىپەخانىم قىزلارھامىلىدارلىق بىلىملىرىبوۋاق تۇغالماسلىقنىڭ نەچچە ئاساسلىق سەۋەبى

بوۋاق تۇغالماسلىقنىڭ نەچچە ئاساسلىق سەۋەبى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئەر-خوتۇن بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەندىن باشلاپ ھېچقانداق ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنى ئىشلەتمەي 2 يىل ئاشقاندىن كېيىنمۇ ھامىلدارلىق كۆرەلمسە ، تۇغماسلىق كېسلى دەپ دىئاگنوز قويسا بولىدۇ تويدىن كېيىن 2 يىل ئىچىدە ئەزەلدىن ھامىلدار بولۇپ باقمىغانلارنى بىرلە

تۇغۇش مەزگىلىدىكى ئاياللارنىڭ ئىچىدە 8%~17% تى تۇغماسلىق كېسىلى گىرىپتار بولۇشى مۇمكىن . ئوتتۇرا ھېسابتا 10% دىيىلسە بولىدۇ . شۇڭلاشقا تۇغماسلىق كېسىىلىنى دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەل دىسە بولىدۇ .يېقىنقى يىللاردىكى تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا ، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئېغىرلىشىغا ئەگىشىپ ، تۇغماسلىق كېسىلىنىڭ يۈز بېرىش پىرسەنتى بارغانسىرى يۇقىرىلاشقا قاراپ ئاڭغان . مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا ، چەتئەلدىكى تۇغماسلىق كېسىلىنىڭ يۈز بېرىشى 15%~20% ئەتراپىدا ئىكەن ، دۆلىتىمىزدە بولسا 10%~5% ئەتراپىدا ئىكەن .

بوۋاق تۇغالماسلىقنىڭ نەچچە ئاساسلىق سەۋەبى

شۇڭلاشقا تۇغماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان ئاياللاردا بىر توغرا كۆز قاراش ، تونۇش بولۇش كېرەك . ھەم تۇغماسلىقنىڭ بىر قانچە سەۋەبىنى ئېنىق چۈشىنىشى كېرەك :

1.تۇخۇم توشۇش نەيچىسى كېسەللىك ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن تۇغماسلىق
输卵管病变所致不孕

2.تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىش نەيچىسى توسالغۇغا ئۇچراش سەۋەبىدىن تۇغماسلىق
排卵管障碍所致不孕

3.تۇخۇمدان خاراكتىرلىك تۇغماسلىق
卵巢性不孕

4.بالىياتقۇ خاراكتىرلىك تۇغماسلىق
子宫性不孕

5.ھەيز )ئادەت(قالايمىقانلىشىش،بالىياتقۇ قوشۇمچە ئەزاسى ياللۇغى ،جىنسىي يول ياللۇغى قاتارلىق ئاياللار كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن تۇغماسلىق
月经不调、附件炎、阴道炎等妇科疾病引起的不孕

تۇغماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان ئاياللار چوقۇم ئاۋۋال روھىي جەھەتتىكى يالغۇزلۇقنى ، خامۇشلۇقنى ، قورقۇشنى تۈگتىشى ، خوشال خورام ئۈتۈشكە تىرىشىش كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قاراش لازىم . ھەقىقەتەن ، بالا ئەر-ئايال مۇھەببىتىنىڭ جەۋھىرى ،ئائىلىنىڭ خوشال خورام بولۇشىنىڭ بىر مۇھىم ئاچقۇچى . پەن تېخنىكا تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە ، پەقەت تۇغماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئايال بۇ كېسەلگە توغرا كۆز قاراشتا بولسىلا ، مەسىلە ھامانلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ . ئەلۋەتتە بۇ ئەر تەرەپنىڭ كۆيۈنىشى ، بىللە تىرىشىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ . ئاياللار ھامىنى ئاجىز كېلىدۇ ئەمەسمۇ…

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-10-31

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-10-29 / 05:30:40

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ