ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربالىلار كېسەللىكلىرىبوۋاقلاردىكى ھۆل تەمرەتكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

بوۋاقلاردىكى ھۆل تەمرەتكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ھۆل تەمرەتكە بوۋاقلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان تېرە كېسەللىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بىر خىل ئاللېرگىيىلىك كېسەللىك ئۇنىڭ قوزغىلىشى ئېرسىيەتلىك رېئاكسىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك دائىم زىققا، يەلتاشما قاتارلىق كېسەللىكلەر بىلەن تەڭ قوزغىلىدۇ

بوۋاقلاردىكى ھۆل تەمرەتكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

كالا سۈتى، تۇخۇم، راك قاتارلىق غەيرىي ئاقسىلغا زىيادە سەزگۈر بولۇپ، ئانا سۈتى بىلەن باققان بالىغا قارىغاندا سۈت پاراشوكى بېرىپ باققان بالىدا كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، مۇھىتنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى، تالالىق كىيىم، يۇڭ رەختتىن تىكىلگەن كىيىم ۋە سوپۇنمۇ تېرىنى غىدىقلاپ ھۆل تەمرەتكىنى پەيدا قىلىدۇ.

ھۆل تەمرەتكە ئاساسەن يۈز، پېشانە، قاش، ماڭلاي، قۇلاق ئەتراپىدا بولىدۇ. ئېغىر بولغاندا پۈتۈن بەدەنگە تارايدۇ، دەسلەپتە قىزىل رەڭلىك سۇلۇق دۆڭچە ئەسۋە پەيدا بولۇپ، ئاخىرىدا قاقاچ بولۇپ چۈشۈپ كېتىدۇ. بالا، تېرىسى قىچىشقانلىقتىن بىئارام بولىدۇ، تېرە تاتىلاش ئارقىلىق زەخىملەنگەندىن كېيىن قانايدۇ–دە، باكتېرىيە بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىدۇ. ھۆل تەمرەتكە ساقايغاندىن كېيىن تاتۇق بولمايدۇ. بالىدىكى ھۆل تەمرەتكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بالىدىكى زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش كېرەك.

كالا سۈتى رېئاكسىيە بېرىدىغان بالىلارغا كالا سۈتى بەرگەندە سۈتنى ئۇزاق قاينىتىش ياكى سۈتكە پۇرچاق تالقىنى قاتارلىق قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ بېرىش كېرەك. شۇ ئارقىلىق بوۋاقتىكى ھۆل تەمرەتكىنى يېنىكلەتلىكى بولىدۇ. مەيلى ئانا سۈتى بىلەن باققان بالا ياكى سۈت پاراشوكى بىلەن باققان بالا بولسۇن قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنىمۇ ئارىلاشتۇرۇپ بېرىپ، بوۋاقنىڭ يېمەكلىك قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا ھۆل تەمرەتكە بولغان بالىنىڭ بەدىنىنى يۈز سوپۇنى، بەدەن يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، قىزىق سۇ بىلەن يۇيماسلىق كېرەك. پەقەت ئىلمان سۇ بىلەن يۇيۇپ، ھۆل تەمرەتكىنىڭ ئاينىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. بالىغا كىيىمنى بەك قېلىن كىيدۈرمەسلىك، يۇڭ كىيىملەرنىڭ بەدەنگە تېگىپ غىدىقلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش زۆرۈر.

پات–پات بالىنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈپ، تىرناقلىرىنى ئېلىپ تۇرۇش بىلەن بىرگە ۋىتامىن C، كالىتسىي سۇيۇقلۇقى، خلور فېنىرامىن قاتارلىقلارنى دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بېرىش لازىم. بۇ كېسەللىكنى داۋالاشقا ۋاقىت ئۇزۇن كېتىدۇ، ئاسان قوزغىلىدۇ. كۆپ ساندىكى بوۋاق بىر–ئىككى ياشتا ئاران ساقىيىدۇ. شۇڭا، بوۋاقلارغا بولغان كۈتۈشنى چوقۇم ياخشى قىلىش كېرەك.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-11-01

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-10-29 / 05:31:20

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ