ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاق بالىلار ساغلاملىقىبوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى نېمىشقا ئاستا بولىدۇ ؟

بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى نېمىشقا ئاستا بولىدۇ ؟

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ھەممىگە مەلۇمكى ، بوۋاقلىق مەزگىلى ئادەمنىڭ بىر پۈتۈن ھاياتىدىكى تەرەققىياتى ئەڭ تېز بولدىغان باسقۇچ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ

بوۋاقلار ئالتە ئايلىقتىن بۇرۇن ئېيىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 800 گرامدىن ئېغىرلايدۇ. 7 – 12 – ئايلىققىچە بولغان ئارىلىقتا ئېيىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 500 گرامدىن ئېغىرلايدۇ .ئەمما بەزى بوۋاقلارنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى ئەمچەكتىنئايرىغاندىن كېيىن يەنى 8- 12 ئايلىققىچە بولغان مەزگىلدە كۆرۈنەرلىك ئاستىلايدۇ. بۇ كۆپىنچە بوۋاقلارنىڭ ئوزۇقلىنىشىىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بوۋاقلار تۇغۇلغاندىن كېيىن ئامال بار ئانا سۈتى ( پەقەت بولمىغاندا كالا سۈتى ) دە ئوزۇقلاندۇرۇش كېرەك . ئانا سۈتىنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ يېمەكلىكلەرنىڭ ئۈچەي يولىداھەزىم قىلىنىشى ۋە نەپەسلىنىشىنى تېزلىتىشكە پايدىسى بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئانا سۈتى يېتەرلىك بولسىلا بوۋاق تۇغۇلۇپ ئالدىنقى يېرىم يىلدا بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى تېز بولىدۇ .

ئەمما قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بەرگەندىن كېيىن يەنى 7 – 8 ئايلىق مەزگىلىدە بوۋاقلار كۈندە ئىككى قېتىم قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ئانا سۈتى ئورنىدا ئىستېمال قىلىدۇ . توققۇز ئايلىق بوۋاقلار كۈندە ئۈچ قېتىم قوشۇمچە يېمەكلىكنى ئانا سۈتى ئورنىدا ئىستېمال قىلىدۇ. ئاتا – ئانىلار بالىغا ئۇچ ۋاق تاماق بېرىۋاتقاندىكىن ئەمدۈرمىسەكمۇ بولىدۇ ، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتەبۇ بىر خىل خاتا قاراش . بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يېمەكلىكلىرى كىراخماللىق يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلىدىغان بولغاچقا ، ئۇلارنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل ، كالتىسىي ، فوسفور قاتارلىق مېنىرال ماددىلارنىڭ مىقدارى يېتەرلىك بولمايدۇ . ئۇنىڭئۈستىگە بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئاقسىلنى شۈمۈرۈشى ئاجىز بولغانلىقتىن ، بۇ ۋاقىتتا ئەگەر ئانا سۈتى بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولمىسا ، ئاقسىل ماددىسىيېتىشمەي بوۋاقلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ .

بوۋاقلارنى سۈتتىن ئايرىشنىڭ ئالدى – كەينىدە ئۈچ ۋاقلىق تاماقنىڭ سۈپىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش يەنى گۆش ، تۇخۇم ، جىگەر ، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى قاتارلىق تەركىبىدە ئاقسىل مىقدارى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى بېرىشكە دىققەت قىلىش كېرەك . مانا بۇلار بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلاردىن ئىبارەت.

ئەگەر بوۋاقلارنىڭ تۇرمۇشى تەرتىپسىز ، يەنى مۇقىم بولغان غىزالىنىش ۋاقتى ، ئۇيقۇسى نورمال بولمىسا ، كۈندۈزى ئۇخلاپ كېچىسى ئۇخلىمىسا ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ، بەدەن ئېغىرلىقى ئاشماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بالىلار مۇتەخەسسىسلىرى ئاتا – ئانىلارغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى : 8 -12 ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلارغا ھەر كۈنى 600 مىللىلېتىر ئەتراپىدا سۈت بېرىش ، بوۋاقنىڭ ئوزۇقلىقىنىڭ سۈپىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش ، ئۇلاردا ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ، بولۇپمۇ ئوزۇقلىنىش ، ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ، ھەرىكەت مىقدارىنى كۆپەيتىش كېرەك . بۇنداقبولغاندا بوۋاقلارنىڭ ئېغىرلىقى نورمال ھالەتتە ئېشىپ ماڭىدۇ .

بەختىگۈل نىزاق تەرجىمىسى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-02-20

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-02-06 / 10:12:36

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ