ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرسۆڭەك كېسەللىكلىرىبويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ ئۈچ خەتەرلىك باسقۇچى

بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ ئۈچ خەتەرلىك باسقۇچى

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ ئۈچ خەتەرلىك باسقۇچى

بىرىنچى خەتەرلىك باسقۇچ. كىشىلەر سەھەر ئورنىدىن تۇرغاندا، چوڭ مېڭە خىزمەتنى باشلايدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئوكسىگېن ۋە ئېنېرگىيىنىڭ سەرپىياتى بىراقلا ئاشىدۇ، بولۇپمۇ بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ بويۇن ئومۇرتقا تاختىسى پولتىيىپ چىقىپ قان تومۇرىنى بېسىۋېلىپ، قان بويۇندا نورمال ئايلىنالماي، چوڭ مېڭىگە ئوكسىگېن يېتىشمەيدۇ. شۇڭا سەھەردە تۇرغاندا باش قېيىش، باش ئاغرىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، ئېغىرراق بولغاندا، مېڭىگە قان چۈشۈشتەك خەتەرلىك ئەھۋاللارمۇ يۈز بېرىدۇ.

ئىككىنچى، ئۈچىنچى خەتەرلىك باسقۇچ. چۈش سائەت 12دە ۋە چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتىن – ئالتىگىچە بولغان ئارىلىقتا بويۇن تېلىپ بويۇن ئومۇرتقا تاختىسى قان تومۇرىلىرىنى بېسىۋېلىپ، قاننىڭ ئايلىنىشىنى نورمالسىزلاشتۇرىدۇ. بىراق، چوڭ مېڭە جىددىي ھالەتتە بولغاچقا، ئۇنىڭ ئوكسىگېن ۋە ئېنېرگىيىگە بولغان سەرپىياتى زىيادە ئېشىپ، يۈرەك بېسىمىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، باش قېيىش، كۆز تورلىشىش، قان بېسىمى نورمالسىز بولۇش، يۈرەك سېلىش، دەم سىقىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، يۈرەك سانجىقى قاتارلىق خەتەرلىك ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىمۇ زور بولىدۇ.

بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى بۇ ئۈچ خەتەرلىك باسقۇچتىن باشقا، قانداقلا ۋاقىتتا قوزغالسۇن، ئاغرىقنىڭ غولىدىكى ئاغرىش روشەن بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا باش قېيىش، كۆزى قاراڭغۇلىشىش، يۈرەك سېلىش، دەم سىقىلىش، كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇش، پۇتتا ماغدۇر بولماسلىقتەك ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ. شۇڭا بۇ كېسەلنى ئىزچىل داۋالىتىشتىن باشقا، ياخشىسى، بالدۇرراق ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇۋەتكەن ياخشى.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-12-27

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-27 / 08:22:08

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ