ئانا سەھىپەتۇرمۇشبايراملار ۋە كۈنلەربۈگۈن خەلقئارالىق سېسىترالار كۈنى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى

بۈگۈن خەلقئارالىق سېسىترالار كۈنى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

بۈگۈن (5 12كۈنى) دۇنيا سېسىتىرالار كۈنى بولۇپ ، 1912 يىلى ھازىرقى زامان سېسىتىرالىق ۋە كۈتۈنۈش كەسپىنىڭ ئاساس تىكلىگۈچىسى ئەنگىلىيەلىك سېستىرا ھەم سىتاتىسكانت  فلورىنس نايتىنگىل (Florence Nightingale ، 1820يىلى 5 ئاينىڭ 12 كۈنى — 1910 يىلى 8 ئاينىڭ 13 كۈنى) نى خاتىرەلەش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان

خەلقئارالىق سېسىترالار كۈنى مۇبارەك بولسۇن
خەلقئارالىق سېسىترالار كۈنى مۇبارەك بولسۇن

فلورىنس.نايتىنگىل ئىتالىيەنىڭ يۇقىرى قاتلاملىرىدىكى ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن ، گىرمانىيەدە كۈتۈنۈش كەسپىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ، لوندوندىكى بىر دوختۇرخانىدا سېستىرا بولۇپ ئىشلىگەن . 1853 يىلى لوندون خەيرى ساخاۋەت دوختۇرخانىسىنىڭ سېستىرا باشلىقى بولغان .

Florence Nightingale فلورىنس.نايتىنگىل
Florence Nightingale فلورىنس.نايتىنگىل

قىرىم ئۇرۇش جەريانىدا نايتىنگىل ئەنگىلىيە ھەربىي تەرەپتارلىرىدىن ئۇرۇش مەيدانىدا دوختۇرخانا ئېچىش ماقۇللۇغىنى ئېلىشقا كۈچىنىڭ يېتىشىچە تىرىشقان ، ھەم ھەربىيلەرگە داۋالاش كۈتۈنۈش مۇھىتى تەمىنلەپ بەرگەن . ئۇ كۆپلىگەن ھەربىي ئارخىبلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق قىرىم ئۇرۇش جەريانىدا ھەربىيلەرنىڭ ئاساسلىق ئۆلۈم سەۋەبىنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىكى يۇقۇملىنىش ھەم ئۇرۇشتىن كىيىنكى يارىلارنىڭ ۋاقتىدا ھەم توغرا بولغان داۋالاش ئېلىپ بارمىغانلىق سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى ، بۇنىڭ ئەكسىچە ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ھەربىي سانىنىڭ ئانچە كۆپ ئەمەسلىكىنى بايقىغان . ئۇ بۇ بايقاشنى ھەم بۇنىڭ ئىچىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى چەمبىرەك سىتاتىسكا ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىپادىلەپ چۈشەندۈرۈش بەرگەن .

Florence Nightingale فلورىنس.نايتىنگىل
Florence Nightingale فلورىنس.نايتىنگىل

نايتىنگىل  1854 يىلى 10 ئاينىڭ 21 كۈنى 38 سېستىرا بىلەن قىرىم پىدائىي دوختۇرخانىسىغا بېرىپ ئىشلىگەن ھەم سېستىرا باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن . بۇنىڭ بىلەن بىرگە قىرىم پەرىشتىسى ھەم چىراق پەرىشتىسى دىگەن نامغا ئېرىشكەن .

فلورىنس.نايتىنگىل
فلورىنس.نايتىنگىل

فلورىنس.نايتىنگىلنىڭ توختاۋسىز تىرىشچانلىقىدىن ، ئەينى ۋاقىتتىكى سېستىرالارنىڭ جەمئىيەتتىكى مەرتىۋىسىمۇ تۆۋەن قاتلاملاردىن بارغانسىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ھەتتا ئەڭ يۇقىرىغا پەللىگە يەتكەن . «نايتىنگىل» دىگەن ئىسىممۇ سېستىرالارنىڭ ۋەكىلى بولۇپ قالغان . نايتىنگىلنىڭ سېستىرالىق كەسپىدە قالدۇرغان ئىش ئىزلىرى كېيىنكى ۋاقىتلاردىمۇ داۋالاش كۈتۈنۈش ساھەسىدە داستان بولغان . بۇ ھەم 1912 يىلىدىن تارتىپ ھەر يىل 5ئاينىڭ 12 كۈنىنىڭ سېستىرالار كۈنى بولۇپ بېكىتىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىدۇر .

ئاخىرقى سۆزسېستىرالار دوختۇرخانىدىكى مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى . سىز ھەرگىز دوختۇرخانىغا بېرىپ دوختۇرغا كۆرۈندۈم ، دوختۇرلار مېنى داۋالايدۇ ، شۇڭا دوختۇرلارغا ھۆرمىتىم بار ، سېستىرالارنى كۆزگە ئىلمىساممۇ بولىدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭ . بۇنداق خىيالدا بولىدىغانلار ناھايىتى كۆپ ساندىكىلەرنى ئېگەللەيدۇ ھەم سېستىرالارنى بوزەك قىلىدىغان ، زوراۋانلىق قىلىدىغان مىساللارمۇ ناھايىتى كۆپ .

ئەمما شۇنى ئېنىق بىلىشىڭىز لازىمكى ، سېستىرالار بولمىسا دوختۇرخانا ھەرگىز دوختۇرخانا بولالمايدۇ ھەم سىزمۇ دوختۇرخانىدىن سالامەت داۋالىنىپ چىقالمايسىز . سېستىرالار دوختۇرخانىدىكى ئېغىر يىنىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ ، سىزگە كۈندىلىك بېرىلىدىغان دورىنى تەييارلاش ، تەڭشەش ، ياتقان مۇھىتىڭىزنىڭ نورمال بولۇش ، ئېلىپ بېرىلغان ئوپىراتسىيەدە ئىشلىتىدىغان ھەربىر پىچاق ، داكا ، يىپ يىڭنىلەرنىڭ تولۇق بولۇشى بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇ سېستىرالار تەييارلايدۇ . تۇغۇت بۆلۈمىدە پەقەتلا تۇغۇت دوختۇرلىرىلا كۈچ چىقارمايدۇ ، سېستىرالارنىڭ شۇ تۇغۇت ئالدى كەينىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان كۈتۈنۈش ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى سېستىرالار قىلىدۇ … بۇ يەردە سېستىرالارنىڭ بۇ يەردە ھەربىر ئىشىنى ساناپ بەرسەم نەچچە بەتمۇ توشمايدۇ .

شۇڭا ھەربىرىمىزنىڭ دوختۇرلارنى ھۆرمەتلىگەندەك ، سېستىرا ھەدە سىڭىللىرىمىزنى ھۆرمەتلىشىڭلارنى ، ئۇلارنى قەدىرلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز .

 

 

باشقا دۇنيا ساغلام كېسەل خاتىرە كۈنلىرىنى بىلىپ باقماقچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئادرىسنى زىيارەت قىلىڭ:

دۇنيا ساغلام كېسەل خاتىرە كۈنلىرى تىزىملىكى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-05-12

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-28 / 10:39:08

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ