چېنىقىش ئارقىلىق بەدەن ساغلاملاشتۇرۇشتا تۆۋەندىكى تۆت خىل مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش لازىم:
بىرىنچى، چېنىقىش ئارقىلىق بەدەن ساغلاملاشتۇرۇشنىڭ پايدىسى كۆپ، بىراق ئۇ كېسەل داۋالاشنىڭ ئۆرنىنى باسالمايدۇ. چېنىقىش ئارقىلىق بەدەن ساغلاملاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغاندا كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ. بىراق داۋالىنىشنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، كېسەل بولغاندا ۋاقتىدا داۋالىنىش، كېسەل ياخشى بولغاندىن كېيىن ياكى سالامەتلىك ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ئاندىن چېنىقىپ بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش كېرەك.
ئىككىنچى، پەقەت بەدەندىكى ئوزۇقلۇقلار تەڭپۇڭ بولغاندىلا، ئاندىن ساغلام بەدەنگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. مۇۋاپىق ئوزۇقلانغاندا بەدەنگە ئېھتىياجلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار تەڭپۇڭلىشىدۇ. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ بەدەن چېنىقتۇرغاندا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
ئۈچىنچى، بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش ئۇسۇللىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ھەر كىم ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ھەرىكەتلەرنى تاللىشى لازىم. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، چېنىقىش ئارقىلىق بەدەن ساغلاملاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ياخشى ياكى يامان بولۇشى- قايسى خىل چېنىقىش ئۇسۇلىنى تاللاشتا بولماستىن، بەلكى چېنىقىشنىڭ ئەستايىدىل ۋە مۇۋاپىق بولغان- بولمىغانلىقى، چېنىقىشنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرغان ياكى داۋاملاشتۇرمىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
تۆتىنچى، كىشىلەر ئارىسىدا: يالغۇز چېنىقىش كوللىكتېپ چېنىقىشقا يەتمەيدۇ، دەيدىغان قاراش بار. ئەمەلىيەتتە چېنىقىشنىڭ ئۈنۈمى يالغۇز چېنىقىش ياكى كوللېكتىپ چېنىقىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولماستىن، بەلكى پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك.