ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇقچېنىقىش جەريانىدا مېۋە سۈيىنى ئاز ئىچىڭ

چېنىقىش جەريانىدا مېۋە سۈيىنى ئاز ئىچىڭ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بەزىلەر بەدەن چېنىقتۇرغاندا مېۋە سۈيىنى كۆپ ئىچىدۇ ئۇلار مېۋە سۈيىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن C ۋە مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنت بار ، چېنىققاندا مېۋە سۈيىنى كۆپرەك ئىچسە ، ۋىتامىن تولۇقلاپلا قالماستىن ، يەنە قەنتنىمۇ تولۇقلاپ ، ھارغىنلىقنى تۈگەتكىلى بولىدۇ ،

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە ، مېۋە سۈيى تەركىبىدە كۆپ مىقداردا قەنت بولۇپ ، بەدەنگە ئېنېرگىيە تولۇقلاشتا ياخشى رول ئوينايدۇ . ئەمما بەدەن چېنىقتۇرغاندا ئەڭ كۆپ خورايدىغىنى يەنىلا سۇ بولغاچقا ، بۇ ۋاقىتتا يەنىلا سۇ تولۇقلاش زۆرۈر . ئەگەر شارائىت يار بەرسە ، ئازراق تۇز سېلىنغان سۇ ئىچسە ، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ .

بەزى كىشلەر ئادەم چېنىققاندا بەدەن قەنتنى خورىتىش ئارقىلىق ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىدۇ . شۇڭا ، چېنىقىش داۋامىدا مېۋە سۈيى ئىچىپ قەنت تولۇقلاش زۆرۈر ، دەپ قارايدۇ .ئەمەلىيەتتە چېنىقىش داۋامىدا قەنت تولۇقلىسا ، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا رول ئوينىشى ناتايىن . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ھەرىكەت قىلىۋېتىپ مېۋە سۈيى ئىچسە ، ئادەمنى تېخىمۇ ئۇسسىتىۋېتىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن چېنىقىش ئۈنۈمىگىمۇ تەسىر يېتىدۇ .

ئۇنىڭدىن باشقا ، مېۋە سۈيى تەركىبىدىكى قەنتنىڭ قۇيۇقلۇقى ئادەتتە %10—%40 بولۇپ ، چېنىقىش جەريانىدا مېۋە سۈيى ئىچسە ، قەنت تولۇقلاش ئۈنۈملۈك بولمايلا قالماي ، بەلكى يەنە ئاشقازاننىڭ يۈكىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ . بۇنىڭ بىلەن كۆپ مىقداردىكى قان ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىشىغا سەرپ قىلىنىپ ، مۇسكۇللارغا يەتكۈزۈلىدىغان قان ، ئوكسېگىن ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلار ئازىيىپ ، ھەرىكەت ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ . ئەمەلىيەتتە چېنىقىپ بولغاندىن كېيىن ، مۇۋاپىق مىقداردا مېۋە سۈيى ئىچسە بەدەنگە ئېنېرگىيە تولۇقلاپ ، ھاردۇق چىقىرىدۇ .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-08-29

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-06-12 / 07:49:47

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ