ئانا سەھىپەبىلىمچىش كېسەللىكلىرىچىشنىڭ ساغلاملىقىغا سەل قارىماسلىق كېرەك

چىشنىڭ ساغلاملىقىغا سەل قارىماسلىق كېرەك

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

چىشنى كۆزىتىش ئارقىلىقمۇ ئادەمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا باھا بەرگىلى بولىدۇ تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللارنى بالدۇرراق بايقاش چىشنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراشقا پايدىلىق

چىشنىڭ قىزىرىپ، سارغىيىپ قېلىشى

چىشنىڭ قىزىرىپ قېلىشى، ئادەتتە، چىش مىلىكى قانىغانلىقتىن بولىدۇ، ئەمما ئاساسلىق سەۋەب ۋىتامىن C نىڭ يېتىشمىگەنلىكىدىندۇر. مەسىلەن: بەدەندە ۋىتامىن Cكەمچىل بولسا ئاسانلا چىش مىلىكى ياللۇغلىنىپ، چىش مىلىكى قاناش ۋە چىش مىلىكى ئىششىش قاتارلىق كېسەللەر كۆرۈلىدۇ، بۇنداق چاغدا چىش مىلىكى يوغىناپ ۋە ئۇزىراپ، يۇمشاق ھالەتكە كېلىپ قالىدۇ، سەللا بېسىلسا قانايدۇ. ئىششىغان چىش مىلىكى چىش تاجىنى قاپلىۋېلىپ، سىرتقى يۈزى چىرىش، جاراھەتلىنىش ۋە يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ چىش قاتتىق ئاغرىيدۇ ۋە ئېغىز پۇرايدۇ. بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش، دوختۇرنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ۋىتامىن C نى تولۇقلاش ھەم داۋالىتىش كېرەك.

چىشنىڭ سارغىيىپ قېلىشىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. چىشنىڭ سارغىيىپ قېلىشى، ئاساسلىقى، فىتورلۇق چىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقتىن بولىدۇ. فىتورلۇق چىش كېسىلى چىشنىڭ يېتىلىپ كالتسىيلىشىش دەۋرىدە ئادەم بەدىنى فىتورنى زىيادە قوبۇل قىلغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئېلىمىزنىڭ بەزى رايونلىرىدىكى تەبىئىي سۇلارنىڭ تەركىبىدە فتورنىڭ مىقدارى زىيادە يۇقىرى بولۇپ، بۇ ئاسانلا شۇ رايونلاردىكى كىشىلەردە فىتورلۇق چىش كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، چىشنىڭ سارغىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يەنە باشقا سەۋەبلەرمۇ بار. مەسىلەن: تاماكا چېكىش، قېنىق چاي ئىچىش، قەھۋە ئىچىش، شۇنىڭدەك بەزى جۇڭيى دورىلىرىنى ئىچىش قاتارلىقلار.

چىشنىڭ قارىداپ، قوڭۇر رەڭگە كىرىپ قېلىشى

چىش بەزىدە قوڭۇر ياكى قارا رەڭگە كىرىپ قالىدۇ، بۇنداق ئەھۋال قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئارىسىدا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى قۇرت يېگەن چىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشتۇر.

قۇرت يېگەن چىش تېيىز قۇرت يېگەن، ئوتتۇرا ھال قۇرت يېگەن ۋە چوڭقۇر قۇرت يېگەن چىشتىن ئىبارەت ئۈچ خىلغا ئايرىلىدۇ. دەسلەپتە چىش ئېمالىدا قوڭۇر رەڭلىك ياكى قارا قوڭۇر رەڭلىك داغلار پەيدا بولىدۇ ۋە چىشنىڭ سىرتقى يۈزى يىرىكلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن چىشنىڭ سىرتقى يۈزى بۇزۇلىدۇ. چىشلارنىڭ قوشنا يۈزىنى قۇرت يېيىش دەسلەپتە چىشلارنىڭ تېگىشىش يۈزىنىڭ ئاستىنقى تەرىپىدىن باشلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، دەسلەپكى مەزگىلدە ئۇنى ئاسانلىقچە بايقىغىلى بولمايدۇ. چىشنى ئوتتۇرھال قۇرت يېسە چىشنىڭ چىرىشى چىش ئاساسىي ماددىسىغا يەتكەن بولۇپ، چىش ئاساسىي ماددىسىدا تېيىز تۆشۈكچىلەر شەكىللىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئادەم سوغۇق، تاتلىق، چۈچۈمەل يېمەكلىكلەرنى يېسە چىشى سىرقىراپ ئاغرىيدۇ.

لېكىن بۇنداق تەسىرلەر تۈگىتىلگەندىن كېيىن، ئاغرىش دەرھال يوقىلىدۇ. چىشنى چوڭقۇر قۇرت يېسە چىرىش چىش ئاساسىي ماددىسىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغىچە يەتكەن، چىش يىلىكىگە يېقىنلاشقان ياكى چىش يىلىكىگە تەسىر كۆرسەتكەن بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئاغرىقنىڭ چىشى سوغۇق، ئىسسىق، چۈچۈمەل، تاتلىق يېمەكلىكلەر بىلەن ئۇچراشقان ھامان ئاغرىيدۇ، بولۇپمۇ ئىسسىقنىڭ تەسىرىگە ئالاھىدە سەزگۈر بولىدۇ. چىشنى قۇرت يېيىش، ئاساسلىقى، باكتېرىيە، ئېغىز تازىلىقىغا دىققەت قىلماسلىق ۋە يېمەك – ئىچمەك قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئۆز ئارا تەسىرىدىن پەيدا بولىدۇ.

چىش ئاغرىقىنىڭ سەۋەبلىرى خىلمۇ خىل بولىدۇ. چىشنىڭ ئىسسىق، سوغۇق، چۈچۈمەل، تاتلىق يېمەكلىكلەرنىڭ تەسىرىدىن ئاغرىشى، چىش مىلىكىنىڭ ئۆزلۈكىدىن تۇرۇپ – تۇرۇپ ئاغرىشى، چىشنىڭ بوشاپ قېلىشى، چىش مىلىكىنىڭ ئىزچىل ئاغرىشى، چىشنىڭ قاتتىقراق نەرسىلەرنى چىشلىگەندە ئاغرىشى قاتارلىق ھەرخىل چىش ئاغرىقلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس سەۋەبلىرى بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە تېزدىن دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-02-14

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-02-14 / 10:08:42

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ