ئانا سەھىپەئالامەتلەرچوڭ-كىچىك تەرەتچوڭ تەرەتتىكى قاننىڭ سەۋەبلىرى نېمە؟

چوڭ تەرەتتىكى قاننىڭ سەۋەبلىرى نېمە؟

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

 

چوڭ تەرەتنىڭ قاناشنىڭ ئالتە خىل كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەبى بار.

چوڭ تەرەت قاناش ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك ئالامىتى ھىساپلىنىدۇ. بەزى كىشىلەر چوڭ تەرەتنىڭ قانىشىنى كۆرۈپ بەك قورقىدۇ ، ئۈچەي راكىدىن ئەنسىرەيدۇ ، چۈنكى ئىنتېرنېتتىكى نۇرغۇن ئۇچۇرلاردا چوڭ ئۈچەي راكى ياكى تۈز ئۈچەي راكى چوڭ تەرەتتە قاننىڭ ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دېيىلگەن. قانداقلا بولمىسۇن ، تۈز ئۈچەي راكىدىن باشقا ، چوڭ تەرەتتە قان پەيدا قىلىدىغان باشقا كېسەللىكلەرمۇ بار ، چوڭ تەرەتتىكى قاننىڭ راك بولۇشى ناتايىن. بۈگۈن بىز چوڭ تەرەتتىن قاننىڭ قانداق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى سۆزلىمەكچى.

ئەڭ باشتا ئىككى خىل رەڭدىكى تەرەتنى كۆرۈپ بېقىڭ.

قىزىل رەڭلىك، قىزىل قان ئارىلاش تەرەت: ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدا يېڭى پەيدا بولغان قانلار، مەسىلەن مەقەت ئەتراپى قاناش، تۈز ئۈچەي قاناش،… قاتارلىق ئەھۋاللاردا قان ھەزىم قىلىش يولىدا ئۇزۇن قالمايلا تەرەت بىلەن ئارىلىشىپ سىرتقا چىقىدۇ. شۇڭا ھېلىھەم قىزىل رەڭدە كۆرۈنىدۇ.

قارا تەرەت: كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ھەزىم قىلىش يولىدىكى قانلارنىڭ تەرەت بىلەن ئارىلىشىش، ئۇزۇن تۇرۇپ قېلىش سەۋەبلىك قارىداپ كەتكەن بولىدۇ. ئەگەر بۇ قارا رەڭلىك تەرەت تەركىبىدىكىسى ھەقىقەتەن قان بولسا، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئۈستۈنكى ھەزىم قىلىش يولى قاناشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، بەزى دورىلار(تۆمۈر تولۇقلاش مەھسۇلاتى)، يېمەكلىكلەر، ئۇزۇن ۋاقىت قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشمۇ قارا تەرەت شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ. شۇڭا توغرا دىئاگنوز قويۇش بەك مۇھىم.

 

(1) گېمروي

痔疮
Hemorrhoid
hemoroid basur

گېموروي چوڭ تەرەتتىكى قاننىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەبى ، بۇ كېسەللىك سەۋەبلىك قاناش ياشلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۇ دائىم چوڭ تەرەت ئۈستىدە قان ، قان تامچىلاش ۋەياكى قەغەز بىلەن سۈرتكەندە قان كۆرۈلىدۇ، چوڭ تەرەت بىلەن قان بىلەن ئارىلاشمايدۇ. چوڭ تەرەتتىكى قاننىڭ ئالامەتلىرىدىن باشقا ، گېمروينىڭ باشقا ئالامەتلىرى كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى بولىدۇ، يەنى مەقەت ئەتراپى ياكى ئىچى قىچىشىشى ،دائىم نەم بولۇپ قېلىش، مەقەت ئىچىدىكى گىموروي گۆش پارچىسى سىرتقا چىقىپ قېلىشتەك ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ.

چوڭ تەرەت قىلغاندا بېسىم سەۋەبلىك، بەزىدە گېمروي گۆشى ئىششىپ چىقىدۇ. چوڭ تەرەتتىن كېيىن ، گۆش ئىششىقى ئۆزلۈكىدىن يېنىپ كېتىدۇ.

گېمرويغا دىئاگنوز قويۇش تەس ئەمەس، مۇناسىۋەتلىك بۆلۈم دوختۇرى كۆرۈش، تۇتۇش، كېرەك بولغاندا ئانوسكوپ (مەقەت ئىچىنى كۆرۈش ئەسۋابى) بىلەن دىئاگنوز قويىدۇ.

كۆپىنچە گېمروي كېسەللىكىنى دورا بېرىش، ، يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىش ، مەقەت ئەتراپىدىكى تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش ، چوڭ تەرەت ئادىتىنى ئۆزگەرتىش، ئۇزۇن ئولتۇرماسلىق… قاتارلىق داۋالاش ئارقىلىق گېمروينىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ. پەقەت گېمروي ئېغىر قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندا ۋە ئىچكى گېمروينى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمىغاندا ، ھايات ۋە خىزمەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ ، بۇ ئەھۋاللاردا ئوپېراتسىيە ھېسابلىنىدۇ.

گېمورويدا بولىدىغان قاننىڭ رەڭگى: كۆپىنچە ئەھۋاللاردا قىزىل قان بولىدۇ

 

(2) ئۈچەي مۇنچاق گۆش ۋە ئۈچەي راكى

ئۈچەي مۇنچاق گۆش:
肠息肉
polyp
polip

ئۈچەي راكى:
肠癌
colon cancer
kolon (bağırsak) kanser

ئۈچەي مۇنچاق گۆش ۋە ئۈچەي راكىمۇ چوڭ تەرەتتىكى قاننىڭ ئالامەتلىرى سۈپىتىدە ئىپادىلىنىدۇ. چوڭ تەرەتتە قىزىل قان پەيدا بولىدۇ، بۇ قىزىل قان چوڭ تەرەت بىلەن ئارىلىشىپ كېلىشى مۇمكىن، قان بىلەن بىللە بەلغەم ياكى يىرىڭ بىلەن بىللە كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

چوڭ ئۈچەي مۇنچاق گۆش ئۈنۈپ قېلىش ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە ھىساپلىنىدۇ، ئەمما ئەگەر داۋالانماي تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يول قويۇلسا ، ئۇلار راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

ئۈچەيدىكى مۇنچاق گۆش راكقا ئايلىنىش ۋاقتى تەخمىنەن 5 يىلدىن 10 يىلغىچە بولىدۇ ، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، ئۈچەيدە مۇنچاق گۆش بايقىغاندا دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە داۋالىنىش ئېلىپ بېرىش لازىم. كۆپىنچە ئەھۋاللاردا بايقىغان ھامان ئېلىۋېتىلىدۇ.

ئۇچەي مۇنچاق گۆش ياشلاردا، ئوتتۇرا ياشلاردا، ياشانغانلاردا كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى بولىدۇ.

ئۈچەي راكى بولسا كۆپىنچە ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا كۆرۈلىدۇ.

چوڭ ئۈچەي راكى چوڭ تەرەتتىكى قاننىڭ ئالامەتلىرىدىن باشقا ، يەنە قورساق ئاغرىش ، قورساق كۆپۈش ، تەرەت ئادىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ، ئىچ سۈرۈش ۋە قەۋزىيەت ئالمىشىپ پەيدا بولۇش، تەرەت قىلىش قىيىن بولۇش… قاتارلىقلار. ،

ئەگەر سىزدە گېمروي تارىخى بولمىسا ، ھەمدە ئوتتۇرا ياشقا كىرگەندە تۇيۇقسىز چوڭ تەرەتتە قان ئالامەتلىرى كۆرۈلسە ، چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشىڭىز كېرەك.

بالدۇر بايقاش ۋە ۋاقتىدا ئوپىراتسىيە قىلىش،ئۈچەي راكىنى داۋالاشتىكى ئاساسلىق ۋە ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى ھىساپلىنىدۇ.

ئەگەر ئۈچەي راكى تەرەققىي قىلىپ كەتكەن بولسا ئوپېراتسىيەدىن باشقا يەنە رادىئوئاكتىپلىق داۋالاش ۋە خىمىيىلىك داۋالاشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئاخىرقى دەۋىر ئۈچەي راكىغا نىسبەتەن ، خىمىيىلىك داۋالاش ۋە نىشانلىق داۋالاش ئاساسلىق داۋالاش ئۇسۇلى.

ئۈچەي مۇنچاق گۆشى، ئۈچەي راكى دا تەرەتتە كۆرۈلىدىغان قاننىڭ رەڭگى: كۆپىنچە ئەھۋاللاردا قىزىل رەڭدە بولىدۇ، ياكى كۆز بىلەن كۆرۈش تەسراق بولىدۇ.

 

(3) ئۈچەي ياللۇغى

肠炎
enteritis
bağırsak iltihabi (bağırsak enfeksiyonu, enterit)

چوڭ ئۈچەي ياللۇغى، چوڭ تەرەتتە قاننىڭ ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. باكتېرىيە ياكى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان يۇقۇملۇق ئۈچەي ياللۇغى ، شۇنداقلا جاراھەت ئۈچەي ياللۇغى ، كرون كېسىلى ۋە رادىئاتسىيە ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىقمۇ ئۈچەي ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە قاناش پەيدا قىلىدۇ.

ئۈچەي ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىمارلاردا چوڭ تەرەتتىكى قاندىن باشقا، يەنە بىر قاتار كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن ، مەسىلەن جىددىي خاراكتېرلىك قورساق ئاغرىش ، ئىچ سۈرۈش ، قىزىش ، كۆڭلى ئاينىش ، قۇسۇش قاتارلىقلار.

باكتېرىيە يۇقۇملۇق ئۈچەي ياللۇغى ، داۋالاشنىڭ پرىنسىپى يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش ، كېرەك بولغاندا ئانتىبىئوتىك دورىلارنى ئىشلىتىش ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سۇ ۋە ئېلېكترولىتنى (يەنى بەدەندىن قېچىپ كەتكەن تۇزنى) تولۇقلاش ئاساس قىلىنىدۇ

كرون كېسىلى ۋە يارا ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىق ئۆزلۈكىدىن ئىممۇنىتېت خاراكتېرلىك ئۈچەي ياللۇغى ، ئېنىق سەۋەبى ئېنىق ئەمەس ، ھەمدە ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، ئۈچەي يولىنىڭ ئالاھىدە ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاچقا، مىكروپقا قارشى دورا بېرىش ئەمەس، بەلكى ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى بېرىش، ئالامەتلەرگە قارىتا داۋالاش كېرەك. بۇ تۈردىكى داۋالاشلارنى دوختۇرلار قارار بېرىدۇ

 

(4) مەقەت يېرىلىش

肛裂
Anal fissure
Makat çatlağı (makat fissür)

مەقەت يېرىلىشمۇ ياخشى سۈپەتلىك كېسەللىك بولۇپ، تۈز ئۈچەي ۋە مەقەت ئەتراپى شىللىق پەردىسى يېرىلىش سەۋەبلىك بۇزۇلۇپ ، كىچىك جاراھەتلەر شەكىللىنىدۇ.

چوڭ ئۈچەي ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىمارلاردا دائىم قەۋزىيەت ، قۇرۇق تەرەت ، ئۇزۇن مۇددەت تەرەت قىلىش قىيىن بولىدۇ ، چوڭ تەرىتى زورلانغان ۋاقىتتا بەك قاتتىق ۋە قېلىن تەرەت شەكىللەنگەچكە، بۇ تۈز ئۈچەي شىللىق پەردىسىنىڭ يېرىلىپ ،مەقەت يېرىلىش مەقەت يىرتىقى، مەقەت يارىسى شەكىللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ يېرىقتىكى قىلقان تومۇرلار يېرىلىپ تامچىلاپ قاناش، تەرەتتە قىزىل قان كۆرۈنۈش، قەغەزدە قان كۆرۈش ئەھۋاللىرى بولىدۇ

مەقەت يېرىلىش بىمارلىرىدا قاناشتىن سىرت يەنە چوڭ تەرەت قىلغاندا مەقەت ئەتراپىدا قاتتىق ئاغرىش، بولۇپمۇ پىچاق كەسكەندەك ئاغرىق ھىس قىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇ يېرىق ئەتراپىدىكى ئوچۇقتا قالغان نېرۋا ئۇچلىرىنىڭ تەرەت غىدىقلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ، بۇ ئاغرىق نەچچە مېنىوتتىن كېيىن ئاندىن قويۇپ بېرىدۇ.

ئاغرىق ، قەۋزىيەت ۋە قاناش قاتارلىق تىپىك ئالامەتلەرنى ئاساس قىلىپ ، مەقەت يېرىلىش ئەۋالىغا ناھايىتى ئاسانلا دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ.

مەقەت يېرىلىش كۆرۈلگەن بىمارلار دەسلەپكى ۋاقىتلاردا تەرەت ئادىتىنى ئۆزگەرتىشى ، قەۋزىيەتنى داۋالاش،  ئاغرىق توختىتىش مەرھىمى ئىشلىتىش، ئىسسىق سۇ تەلەڭگىدە ھورلىنىپ ئولتۇرۇپ بېرىش … قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن داۋالىنىدۇ. ئەگەر مۇتەئەسسىپ داۋالاش ئۈنۈم بەرمىسە مەقەت ئېغىزى ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش لازىم.

 

(5) ئۈستۈنكى ئاشقازان-ئۈچەي يولىنىڭ قانىشى سەۋەبلىك تەرەتتە قان كۆرۈش

上消化道出血
upper digestive tract bleeding
üst sindirim yolu kanaması

كۆپىنچە ئەھۋاللاردا، تەرەتتىكى قانلار چوڭ ئۈچەي ئوتتۇرا ئاخىرقى قىسىملىرى، تۈز ئۈچەي، مەقەت تىن كېلىدۇ. ئەمما ئاز ئەھۋاللاردا ئۈستۈنكى ھەزىم قىلىش يولى يەنى ئاشقازان، ئىنچىكە ئۈچەي قاناش سەۋەبلىكمۇ تەرەتتە قان كۆرۈلۈش ئەھۋاللىرى بولىدۇ. ئۈستۈنكى ھەزىم قىلىش يولى قاناش كۆرۈلگەندە تەرەتنىڭ رەڭگى كۆپىنچە ئەھۋاللاردا قاپقارا ياكى ئاز تولا يېشىل ئارىلاش قارا رەڭدە بولىدۇ. پەقەت ئۈستۈنكى ھەزىم قىلىش يولىدا كۆپ مىقتاردا قاناش ئەھۋالى بولغاندا ئاندىن قىزىل قان ئارىلاش تەرەت كۆرۈلىدۇ.

ئۈستۈنكى ھەزىم قىلىش يولى قاناش يۈز بەرگەندە ، بەدەندە ئېغىر دەرىجىدە قانسىزلىق سەۋەبلىك ھالسىزلىنىش، بېشى قېيىش، ئىچى ئېلىشىش، قان قۇسۇش، ئېغىز بۇرۇندىن قان كېلىش، قوساق ئاغرىش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى بولىدۇ.

ئەگەر قاپقارا تەرەت كۆرگەندە، ھەم ئۈستۈنكى ھەزىم قىلىش يولى قاناشتىن شۈبھىلەنگەندە، چوقۇم جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە بېرىش لازىم. بۇ تۈردىكى بىمارلارغا ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاشقازان ئۈچەي يولىغا شىلەڭكە سېلىپ تەكشۈرۈش لازىم.

 

(6) سىستېمىلىق كېسەللىكلەر

系统性疾病
systemic diseases
sistemik hastalıklar

چوڭ تەرەتتە قان پەيدا قىلىدىغان كېسەللىكلەر ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرىدىن باشقا ، قان سىستېمىسى كېسەللىكلىرى ۋە باشقا سىستېمىلىق كېسەللىكلەردىمۇ كۆرۈلىدۇ ، مەسىلەن ئاق قان كېسىلى ، قان تومۇر قېتىشىش ، جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ، زەھەرلىنىش ، قان تومۇر ئۆسمىسى ، زىيادە سېزىمچانلىق … قاتارلىقلار. بەزى بىمارلار ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىۋاتقان دورىلارمۇ ئاشقازان-ئۈچەينىڭ قانىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ، مەسىلەن ئاسپىرىن، تۆۋەن مولېكۇلا ئېغىرلىق خېپارىن … قاتارلىقلار. بۇ دورىلارنىڭ تەرەتتە قان كېلىش ئىھتىماللىقىنى شۇ دورىنى بەرگەن دوختۇر ئەسكەرتكەن بولۇشى مۇمكىن.

سىستېمىلىق كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان قاناش ئالدى بىلەن ئەسلى كېسەللىكنى داۋالاشقا موھتاج ، بۇنداق بولغاندا ئاشقازان-ئۈچەينىڭ قاناش ئالامەتلىرىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ.

 

ئەگەر چوڭ تەرەت قان بولسا ، مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟

ئەگەر بىر كۈنى چوڭ تەرەت قىلغاندا ، چوڭ تەرەتتە قىزىل قان ياكى قاپقارا تەرەتنى بايقىسىڭىز ، دەرھال سۈرەتكە تارتىپ ، چوڭ تەرەتنىڭ قان مىقدارىنى مۆلچەرلەڭ. ئەگەر پەقەت ئاز مىقداردا قان تامچىلىسا ياكى تەرەت قەغىزىدە قان بولسا ، قورساق ئاغرىش ياكى قورساق كۆپۈش قاتارلىق بىئاراملىق بولمىسا ، ئۇنداقتا گېمروينىڭ ئېھتىماللىقى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ.

چوڭ تەرەتتە ناھايىت ئاز مىقتاردا تامچە قاندىن باشقا، مەقەت ئەتراپى ئاغرىش، ئىچىشىش، قەۋزىيەت ئەھاللىرى بولسا مەقەت يېرىلىش كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن.

ئەگەر سىز قالايمىقان پاكىز بولمىغان يېمەكلىكلەرنى يەپ قالغان بولسىىڭىز، ئاندىن قورساق ئاغرىش ، قىزىش، چوڭ تەرەتتىكى قان قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى بولسا، ئۈچەي ياللۇغى كېسەللىكلىرىنى ئويلىشىشىڭىز كېرەك.

چوڭ تەرەتتە تۇيۇقسىز قان ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەر ياكى ياشانغان كىشىلەر چوقۇم ئاشقازان-ئۈچەي ئۆسمىسىنىڭ ئېھتىماللىقىنى ئويلىشىشى كېرەك ھەمدە بالدۇرراق دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ ، ئۈچەي راكى ياكى ئۈچەي مۇنچاق گۆش باريوقلۇقىنى ئېنىقلىشى كېرەك. ئەگەر قاپقارا تەرەت بولسا ، يېمەكلىك ياكى دورىلارنىڭ تەسىرىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن ، ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئويلىشىش ۋە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

بۇلار چوڭ تەرەتتىكى قاننىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئالتە سەۋەبى ، ئۇنىڭ كۆپچىلىككە ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەگەر چوڭ تەرەتتە قان بولسا ، دوختۇرخانىغا بېرىپ دوختۇرغا كۆرۈنۈش ، ئېنىق دىئاگنوز قويۇش ، ئاندىن قەرەللىك داۋالاشنى قوبۇل قىلىش كېرەك.

 

مەقەتتىن قان كەلمىگەن ئەمما تەرەتتە «قان» كۆرۈلۈش سەۋەبلىرى:

1. تۆمۈر تولۇقلاش ساغلاملىق كاپسۇللىرى، دورىلىرى چوڭ تەرەتنى قارا رەڭ قىلىپ قويۇش ئىھتىماللىقى بولىدۇ. بەزىدە بۇنى قاپقارا تەرەت يەنى قان دەپ قالىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ.

2. بەزىدە خانىم قىزلارنىڭ ئادىتى قالايمىقانلىشىش ئەھۋاللىرىدا، كۆرگەن ئادەت قېنىنى مەقەتتىن كەلگەن دەپ خاتالىشىپ قالىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ.

 

چوڭ تەرەت قان كېلىش ئاساسلىق سەۋەبلىرى, قان ئارىلاش تەرەت, قان ئارىلاش تاھارەت

نۇرمەمەت دوختۇر

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-12-03

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-05 / 05:33:06

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ