داس بوشلىغى ياللۇغى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

داس بوشلىغى ياللۇغى 盆腔炎

تۇشۇش نەيچىسى ۋە ئۇىڭ ئەتىراپىدىكى قوشۇمچە توقۇلمىلار،داس بوشلىغى قورساق پەردىلىرى ياللۇغلىرى ئۇمۇملاشتۇرلۇپ داس بوشلىغى ياللۇغى دەپ ئاتىلدۇ

داس بوشلۇغى ياللۇغىنى ئۆتكۇر خاراكتىرلىك داس بوشلۇغى ياللۇغى ۋە سوزۇلما خاراكتىرلىك داس بوشلۇغى ياللۇغى دەپ ئىككى تۇرگە بولىندۇ.

 

داس بوشلىغى ياللۇغى 盆腔炎

 

 

ئۆتكۇر خاراكتىرلىك داس بوشلۇغى ياللۇغى

سەۋەبى:

تۇغۇتتىن ،بويىدىن ئاجرىغاندىن كىيىن ھىيىز مەزگىلدە يۇقۇملىنىشتىن بولىدۇ.

بالياتقۇ بوشلۇغىدىكى ئوپراتسيە مەشغۇلاتى كەلتۇرۇپ چىقارغان ياللۇغلىنىش .

ھىيىز دەۋىردىكى تازىلىقنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن بولىدۇ.

بولۇپمۇ ھىيىز مەزگىلىدە تازىلىقى ياخشى بولمىغان قەغەز ئىشلىتىش،ھىيىز مەزگىلىدە جىنسى مۇناسىۋەتتە بولۇش قاتارلىقلار ياللۇغلىنىشنى كەلترۇپ چىقىرىدۇ.

باشقا ئەزالاردىكى يۇقۇملىنىشنىڭ بىۋاستە يامىرشى يەنى ئۆتكۇر سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى،قورساق پەدە ياللۇغى قاتارلىقلاردىن كىلىپ چىقىدۇ.

يۇقۇملىنىش خاراكتىرلىك تارقىلىشچان كىسەللىك،جىنسى مۇناسىۋەت تازىلىقىغا دىققەت قىلماسلىق،بالدۇر جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش،كۆپ جىما قىلىش،جىنسى مۇناسۋەت ھەددىدىن كۆپ زىيادە بولغۇچىلاردا،جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۇزگۇچنىڭ كىسەللىك ئانتىگىنى تاجاۋۇز قىلىپ يۇقارقى كىسەللىكنى چىقارغان .

قان ۋە سەپرا خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئى ئۆزگىرىشىدىن بولىدۇ.

سوزۇلما خاراكتىرلىك داس بوشلۇغى ياللۇغىنڭ قوزغۇلۇش سەۋەبىدىن بولىدۇ.

بالياتقۇ تۇغۇت چەكلەش ئۈزۈكى سالدۇرغاندىن بولىدۇ.

كىلىنىك ئىپادىسى :

دەسلەپتە قىزىتما،قورساقنىڭ ئاستى ئاغىرىش قوشلۇپ كىلىدۇ،ئىغىر بولغاندا يۇقۇرى قىزىتما،توڭۇپ تىترەش،يۇرەك سوقۇشى تىزلىشىش،باش ئاغىرىش بولىدۇ.قورساق پەردىسىدە ياللۇغ بولسا قۇسۇش،قورساق كۆپۇش،داس بوشلۇغى يىرىڭلىق ئىششىغى بالياتقۇ كەينىدە بولسا ئىچى سۇرۇش،قۇرۇق ئىنجىق ،تۇز ئۈچەي غىدىقلىنىش ئالامەتلىرى بولىدۇ ھىيز مەزگىلىدە كىسەللىك قوزغالغاندا ھىيىز مىقدارى كۆپيىش دەۋرىى ئۇزىراش بولىدۇ،ھىيىز كەلمىگەن ۋاقىتتا بولسا ئاقق خۇن كۆپ كېلىدۇ.

خالتىلىق ئىششىق دوۋساققا تەسر كۆرسەتكەندە سىيىش قىينلىشىش،سۇيدۇك قىتىمى كۆپيىش بولۇپ دوۋساق ياللۇغىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىپ سۇيدۇك ئاغىرىتپ كىلىدۇ.

بالياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغىدا كىسەل قوزغاتقۇچى جاراسىملار ئوخشاش بولمىغاچقا ئالامەتلىرنىڭ ئىغىر يىنىكلىكىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتىريەسىدە يۇقۇملانغاندا ئالامەتلىرىمۇ يەڭگىل بولىدۇ بەدەن تىمپۇراتۇرىسى38ئەتراپىدا بولىدۇ.كوپىنچە48سائەت ئىچىدە يۇقۇرى قىزىتما كۆرۈلىدۇ.قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمى سەل-پەل ئاغىرىيىدۇ،چىللە خۇنى كۆپىنچە دۇغلۇق ۋە سىسىق پۇرايدۇ.بالياتقۇنىڭ ئەسلىگە كىلىشى ياخشى بولمايدۇ،قان ئىرىتكۇچى زەنجىرسىمان شارچە باكتىريەسىدىن يۇقۇملانغاندا ئالامەتلىرىمۇ ئىغىر بولىدۇ.ياللۇغ بلاياتقۇنىڭ مۇسكۇل قەۋىتىگىچە بارىدۇ.كىسەل ئۇشتۇمتۇت توڭلاپ قاتتىق قىززىپ بەدەن ھارارىتى40~39بولۇپ قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمى ئاغىرىيدۇ،بالياتقۇنى باسقاندا ئاغىرىش ئىىنق بىلىنىدۇ،چىللە خۇنى ئانچە كۆپ بولمايدۇ،پۇرىغىمۇ بولمايدۇ.

داس بوشلۇغى بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىلار ياللۇغلانغاندا بىماردا قىزىتما توڭۇپ تىترەش بولۇپ بەدەن تىمپۇتۇرسى37.5 ~39بولىدۇ.تاكى قورساق قىسمىنىڭ بىر تەرىپى ياكى ئىككىلاتەرىپى ئاغىرىيدۇ.

داس بوشلغىنى تەكشۇرگەندە:جىنسى يول قىزارغان كوپ مىقداردا يىرڭلىق ئاجرالما ماددىلار بولىدۇ يىرىڭلىق ئاجىرالما ماددىلار بالياتقۇ بوينىدىن قاراپ ئىقىپ بالابوينى شىللىق پەردىسى ياللۇغى ياكى بالاياتقۇ بوينىنڭ ئۆتكۈر يۇقۇملىنىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

ئالدىنى ئىلىىش:

⑴تۇغۇت بويىدىن ئاجىراش،ھىيز مەزگللىرىدىكى تازىلىققادىققەت قىلىش.

⑵تۇغۇت ۋە ئاياللار بۇلۇم،ئوپىراتسىيەخانىدىكى دىزىمفكسىيەگەدىققەت قىلىپ ئوپىراتسىيە ۋاختىدىكى مىكىروپسىز مەشغۇلات ئىلىپ بىرىش بۇلۇپمۇ سۇنئى ئۇسۇلدا ھامىلدارلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسى قىلدۇرغاندا بالىياتقۇ ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ھالقىسى سالدۇرغاندا،بالىياتقۇ ئچى قىرىپ تازىلىغاندا قاتارلىقلاردا ئوپىراتسىيەدىن كىيىنكى پەرۋىشنى ياخشى قىلىپ يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىىنى ئىلىش لازىم.

⑶جىددى خاراكتىرلىك داس بوشلىغىنى داۋالىغاندا ۋاختىدا داۋالاش تەلتۇكۇس ساقايتىش،ئاستا خاراكتىرلىك داس بوشلىقىغا ئوزگىرىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش لازىم.

⑷جىنسى تۇرمۇشتىكى تازىلىققا دىققەت قىلىش،جىنسى مۇناسىۋەتتىن يۇقۇدىغان كىسەللەرنى ئازايتىش،ھىىيز كەلگەن ۋاقىتتا جىنسى مۇناسىۋەت قىلماسلىق لازىم.

داۋالاش:

داۋالاشتا ئالدى بىلەن بىمارنى ياتقۇزۇپ ئارام ئالدۇرغۇزۇش، ياللۇغلىنىشنى چەكلەش ئۇچۇن بىمارنى يىرىم ياتقۇزۇش ھالىتىدە ياتقۇزۇش ئاياللار بۇلۇمىدىكى ھاجەتسىز تەكشۇرۇشلەردىن ئامال بار ساقلىنىش ئۇزۇقلۇقنى كۇچەيتىپ بىمارنىڭ تەبىئەت كۇچىنى ئاشۇرۇش لازىم شۇنىڭدەك يۇقۇملىنىشقا قارشى ھەمدە قاننىڭ،سەپىرانىڭ ئوتكۇرلىكىنى پەسەيتىكۇچى قان تازىلىغۇچى دورىلار ئشلىتىلىدۇ

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-11-20

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-11-18 / 12:41:34

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ