ئەر-خوتۇن بىر تەرەپ ياكى ئىككى تەرەپتە دىيابېت كېسەللىكى بار ئەر-خوتۇنلارغا تەس بولغان مەسىلە بالىلىق بولۇش-بولماسلىقتۇر. كۆپلىگەن تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دىيابېت بىمارلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى باشقا ئادەملەرگە قارىغاندا ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ.
بىراق بۇ دىيابېت بىمارلىرى پەرزەنتلىك بولسا بولمايدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. مۇھىم بولغىنى دىيابېت كېسىلى بولغان ئاياللار پەرزەنتلىك بولماقچى بولسا، بالا تۇغۇلۇشتىن بىر ئاي بۇرۇن ياكى پۈتۈن ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە چوقۇم قاندىكى شېكەرنى تىزگىنلىشى كېرەك. بولمىسا ئانا ۋە بالىغا ئىنتايىن زور خەتەر يېتىدۇ.