بۇنى ئەھۋالغا قاراپ بەلگىلەش كېرەك ھاراق قان شېكىرىنى بەزىدە يۇقىرى ئۆرلىتىۋەتسە بەزىدە تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ ھاراق ئىچكەن ۋاقىتتا ئازراق نەرسە يەپ، قان شېكىرىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك
ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەر، يەنى ئۈزۈم ھارىقى ۋە پىۋا قاتارلىقلار تەركىبىدىكى كاربون سۇ بىرىكمىلىرى قان شېكىرىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ. شۇڭا ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى تۆۋەن ئارىلاشما ئىچىملىكلەر، مەسىلەن: مىنېرال سۇ، گازلىق سۇ، قەھۋە، قۇۋۋەتلىك ئىچىملىكلەر ۋە پەمىدۇر شەربىتى قاتارلىقلارنى تاللاپ ئىچىش كېرەك.
ئەگەر سىز 2-تىپلىق دىيابېت بىمارى بولسىڭىز بەدەن ئېغىرلىقىڭىز ئېشىپ كەتكەن بولسا سىز چوقۇم ھاراق ۋە پىۋا قاتارلىق ئىچىملىكلەرنى قەتئىي ئىچمەسلىكىڭىز لازىم.