ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرىدىئابېت كېسىلىنى بالدۇر بايقاش ئۇسۇلى

دىئابېت كېسىلىنى بالدۇر بايقاش ئۇسۇلى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

دىئابېت كېسىلى بالدۇر بايقالسا، ئۇنى بالدۇر داۋالاپ، كېسەلنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزارتقىلى، ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەنلەر دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن:

1. تاماق يەپ بولۇپ ئىككى-ئۈچ سائەت ئىچىدە دائىم ئىچى تىتىلداش، قورسىقى ئېچىش، كۆپ تەرلەش، باش قېيىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ئازراق بىر نەرسە يېگەندىن كېيىن بۇنداق ئالامەتلەر پەسەيگەنلىكىنى ھېس قىلسا، دەرھال تەكشۈرتۈپ دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان-بولمىغانلىقىنى ئېنىقلىتىش كېرەك.

2. تېرىدا دائىم يىرىڭلىق ياللۇغلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، مەسلىلەن: تۈك خالتا ياللۇغى، چىقان چىقىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە.

3. ئاياللاردا سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى يۇقۇملىنىپ تەكرار قوزغىلىپ تۇرىدىغان، جىنىسي ئەزاسى قىچىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە.

4. سەۋەبى ئېنىق بولمىغان مۈچە ئۇچىلىرى نېكروزلانسا.

5. تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار ئىچىدە، كۆپ قېتىم بويىدىن ئاجراش، ھامىلە غەلىتە تۇغۇلۇش، ھامىلە چوڭ تۇغۇلۇش، باش سۈيى زىيادە كۆپ بولۇش قاتارلىق كېسەللىك تارىخى بارلار.

6. قىزىل قان تومۇر قېتىشىش ياكى قان بېسىمى يۇقىرى بولۇش ئالامەتلىرى بالدۇر كۆرۈلگەنلەر.

7. كۆرۈش سېزىمى ئۇشتۇمتۇت ئاجىزلاپ كەتكەن ھەمدە كېسەل سەۋەبى ئېنىق بولمىغانلار.

8. بالىلىق دەۋرىدە ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ ئاستا بولۇش سەۋەبى ئېنىق بولمىغان، تېنى ئاجىز، ئورۇقلار.

9. ياشانغانلاردا سەۋەب ى ئېنىق بولمىغان ھوشسىزلىنىش، قان بېسىمى يۇقىرى بولۇش، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، مېڭە قان تومۇرلىرىدا غەيرىي ئەھۋال كۆرۈلۈش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەنلەر.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-08-15

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-06-12 / 07:40:00

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ