ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرىدىيابېت بىمارلىرى نېمە ئۈچۈن تاماقنى كۆپ يەيدۇ؟

دىيابېت بىمارلىرى نېمە ئۈچۈن تاماقنى كۆپ يەيدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئومۇمەن يېرىمىدىن كۆپرەك دىيابېت بىمارلىرىدا تاماقنى كۆپ يېيىش ئالامىتى بولىدۇ ئاساسلىق ئىپادىسى: تاماق مىقدارى بۇرۇنقىدىن كۆپىيىدۇ، ھەتتا ئوخشاش جىنستىكى، ئوخشاش ياشتىكى، ئوخشاش خىزمەت قىلىدىغانلارغا قارىغاندا تاماق يېيىشى كۆپىيىپ، قورساق ئېچىش روشەن بولىدۇ

بەزىلەر كېسەل بولغاندىن كېيىن قورسىقى بالدۇرلا ئاچىدۇ، تاماق يەپ قورساق پارتلاپ كەتكەندەك بولسىمۇ، يەنىلا تويمىغاندەك سېزىم بولىدۇ. ئادەتتە بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تاماق مىقدارى پەيدىنپەي ئازلايدۇ، جىنسى، يېشى، ھەرىكەت مىقدارى ئوخشاش بولغانلارنىڭ تاماق مىقدارىدا زور پەرق بولمايدۇ.

ئەگەر بىر ئادەمنىڭ تاماق مىقدارى تۇيۇقسىز ئېشىپ، ئەكسىچە بەدەن كۈچى ئاجىزلاش، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش ئالامىتى كۆرۈلسە دىيابېت كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى بولىدۇ. دىيابېت بىمارلىرىنىڭ تاماقنى كۆپ يېيىشىنىڭ سەۋەبى شېكەر تۈرىدىكى ئوزۇقلۇقلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشى ياخشى بولماسلىقتىن ئىبارەت.

شۇڭا، گەرچە بىمار تاماقنى كۆپ يېسىمۇ بىراق بەدەنگە ئىنسۇلىن يېتىشمەي، يېگەن يېمەكلىكلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى ياخشى بولمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەدەننىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىغا، ئاساسلىقى قورساق ئېچىش ۋە تويۇشنى باشقۇرىدىغان مەركىزىي نېرۋىلارغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەيدۇ، شۇڭا، ئاچلىق سېزىمى شەكىللىنىپ كۆپ يېيىش پەيدا بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، كېسەلنىڭ باشلىنىش دەۋرىدە بەدەندىكى ئىنسۇلىننىڭ سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىمەي ئەكسىچە يۇقىرىلايدۇ. بۇمۇ قورساق ئېچىپ تاماقنى كۆپ يېيىشنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-11-13

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-10-22 / 06:36:09

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ