دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى ئاساسەن شېكەر، ماي، ئاقسىل، سۇ، تۇز، كىسلاتا-ئاساس ئالمىشىش قالايمىقانلىشىشتىن كېلىپ چىقىدىغان، نېرۋا قان تومۇر ئەگەشمە كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىنىڭ يۈز بېرىشتىن ئىبارەت
بۇلار تۆۋەندىكىلەردە ئىپادىلىنىدۇ.
(1) كۆپ سىيىش. قاندىكى شېكەر يۇقىرىلاپ، بەدەن سۈيدۈك ئارقىلىق شېكەرنى كۆپلەپ ھەيدەپ چىقىرىدۇ.
(2) كۆپ ئىچىش، سۈيدۈك كۆپ بولغانلىقتىن بەدەننى سۇ بىلەن تولۇقلاش جەريانى.
(3) كۆپ يېيىش. بەدەن شېكەر ماددىسىنى ياخشى ئىشلەتمىگەچكە، ئېنېرگىيە كەمچىل بولۇشنىڭ ئاقىۋىتى.
(4) كۈچ ۋە بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش. بۇ ئېنېرگىيە كەمچىل بولغانلىقتىن، ماي ۋە ئاقسىل كەملەشنىڭ ئاقىۋىتى (يۇقىرىقى دېيىلگەنلەر ئۈچ يۇقىرىلاش، بىر كەملىك دېيىلىدۇ).
(5) تېرە قىچىشىش، قاندىكى شېكەر يۇقىرى بولغاندا نېرۋا ھۈجەيرىسى غىدىقلانمىغانلىقتىن تېرە قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاسانلا جاراھەت چىقىرىپ تېرە يۇقۇملىنىش يۈز بېرىدۇ.
(6) كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەش، قاندىكى شېكەر يۇقىرىلاش نەتىجىسىدە كۆز كېسەللىكلىرى ئاسانلا قوزغىلىدۇ.
(7) باشقىلار. مەسىلەن: پۇت-قول ئۇيۇشۇش، كۆڭلى ئېلىشىش، نەپىسى سىقىلىش، ئىچ سۈرۈش ۋە سۈيدۈك يىغىلىپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.