ئانا سەھىپەتۇرمۇشتۇرمۇش ساۋاتلىرىدوختۇرلار پەرھىز تۇتىدىغان ئىشلار

دوختۇرلار پەرھىز تۇتىدىغان ئىشلار

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

سۆڭەك كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى ئادەتتە يۇمشاق ئورۇندۇق ياكى سافادا ئۇزاق ئولتۇرمايدۇ. سۆڭەك كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى شۇ چاۋ مۇنداق دېدى:«يۇمشاق ئورۇندۇق ياكى سافا بەل ئومۇرتقىسى بىلەن ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ فىزىئولوگىيەلىك قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغان بولغاچقا، سۆڭەك كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى ھەتتا ئۆيىدىكى سافادىمۇ ئۇزاق ئولتۇرمايدۇ».

ھەزىم قىلىش كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى قېنىق چاي ۋە قەھۋەنى كۆپ ئىچمەيدۇ. ھەزىم قىلىش كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى چېن شىنلىن مۇنداق دېدى:«قەھۋە بىلەن قېنىق دەملەنگەن چاي ئاشقازان ــ قىزىلئۆڭگەچ رېفلېكىسىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن چىرىتىشچانلىقى كۈچلۈك ئاشقازان كىسلاتاسى ئاشقازان ــ كېكىردەككە تەسىر قىلىپ، يېمەكلىكنىڭ تەتۈر ئايلىنىشىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ ئاخىرىدا قىزىلئۆڭگەچ راكىغا تەرەققىي قىلىدۇ».

جىگەر كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى يەر ياڭىقى مۇرابباسىنى كۆپ يېمەيدۇ، چۈنكى قۇرۇتۇلغان يەر ياڭىقىنىڭ پاختىلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئاسان بىلگىلى بولمىغاچقا، ناۋادا بۇزۇلۇپ قالغان يەر ياڭىقى ئارىلىشىپ قالغان مۇراببانى يەپ سالسا، جىگەر راكىغا گىرىپتار بولۇشتىن ئەنسىرەيدۇ.

تېرە كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى پۇتىنىڭ مۈڭگۈز قاتلمىغا تەگمەيدۇ ۋە تېرىسىگە ئاقارتقۇچى ماي سۈرتمەيدۇ، چۈنكى تېرىنىڭ ئۆزىدە قوغدىنىش سىستېمىسى بار؛ ناۋادا پۇتنىڭ مۈڭگۈز قاتلىمى ئېلىۋېتىلسە، بۇ سىستېما بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. تېرىنى ئاقارتىش ئۈنۈمى بار يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىغا فىلۇئورېسسېنسىيە رېئاكتىۋى قوشۇلىدىغان بولغاچقا، تېرىنىڭ سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

ئاياللار كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى كۆزەينەك تاقايدۇ، چۈنكى قۇياش نۇرىدىكى ئېنفرا قىزىل نۇر كۆزگە ئېغىر زىيان سالىدۇ.

ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى كىسلاتالىقى كۈچلۈك يېمەكلىكلەرنى يېمەيدۇ، بوتۇلكىنىڭ ئاغزىنى چىشى بىلەن ئاچمايدۇ، ياڭاق قاتارلىق قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى چىشى بىلەن چاقمايدۇ، كاربونلۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچمەيدۇ، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ئېغىزىنى چايقاشنى ئۇنتۇمايدۇ.

قۇلاق ــ بۇرۇن، يۇتقۇنچاق كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى ئاپتوموبىل تېز سۈرئەتتە كېتىۋاتقاندا ئاپتوموبىلنىڭ ئەينىكىنى چۈشۈرمەيدۇ، چۈنكى ئاپتوموبىلنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 80 كىلومېتىردىن ئاشقاندا، ئاڭلاش ئىقتىدارى ئاسان تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-03-31

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-03-28 / 07:58:36

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ