ئانا سەھىپەبىلىمپايدىلىق ئۇچۇرلاردوختۇرخانىدا دوختۇرلار سىزدىن نىمە سوئاللارنى سورايدۇ؟

دوختۇرخانىدا دوختۇرلار سىزدىن نىمە سوئاللارنى سورايدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

دوختۇردىن مەسلىھەت سورىماقچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى بىرقانچە سوئاللارغا تەييارلىقىڭىز بولسۇن. دوختۇر تېۋىپلەر سىز ياكى بىمارغا مۇناسىۋەتلىك بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى بىلسە، سىزگە ئەتراپلىق مەسلىھەت بېرەلەيدۇ. شۇڭا دوختۇرخانىغا بېرىپ قالسىڭىز، بۇلارغا ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق قىلىپ قويۇڭ.

دوختۇرلار بىماردىن نىمىلەرنى سورايدۇ؟

مەزى بېزى كېسەللىكى بىمارلىرى يېمەك–ئىچمەكتە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار

  1. بىمار قانچە ياش؟ جىنسى نىمە؟ ئېغىرلىقى، ئىگىزلىكى قانچە، كەسپىڭىز نىمە؟ (بەزى كېسەللىكلەر بەدەن ئەھۋالىغا، كەسپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك)
  2. بىماردىكى ئالامەت نىمە؟ قانچىلىك ۋاقىتتىنىڭ ياقى بار ئىدى؟(كونكرىتراق ۋاقىت لازىم، مەسىلەن 5 ئاي، 3 كۈن، 2 سائەت دىگەندەك، ھەرگىزمۇ ئۇزۇندىن بېرى، يېقىننىڭ ياقى دىگەندەك مۈجمەل ۋاقىتنى دىمەڭ. چۈنكى ئۇزۇننىڭ ياقى بەلكىم 10 يىل، 15 يىل بولۇشى مۇمكىن، بۇنى دوختۇر بىلەلمەيدۇ)
  3. بۇرۇن بۇ ئالامەتلەر بارمىتى؟ ياكى يېڭى بولدىمۇ؟ قانداق ۋاقىتتا ياكى قايسى خىل ئەھۋالدا ئېغىرلايدۇ ياكى يېنىكلەيدۇ؟
  4. بۇ ئالامەتلەر ئۈچۈن داۋالىنىش ياكى دورا ئىشلىتىپ باقتىڭلارمۇ؟ تەكشۈرۈش قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟ تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى ھەم ئىشلەتكەن دورىلىرىڭىز يېنىڭىزدا بارمۇ؟ (بۇ ناھايىتى مۇھىم)
  5. بىمارنىڭ باشقا كېسەللىكى بارمۇ؟
  6. ئەگەر بىمار ياش، ئوتتۇرا ياش ئايال بولسا تۇغقانمۇ؟ ھامىلدارمۇ؟
  7. بىمارنىڭ ئاتا-ئانىسىدا، چوڭلىرىدا مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلىرى ياكى كىسەللىكلىرى بارمۇ؟
  8. باشقا قوشۇپ قويىدىغان نوقتىلار بارمۇ؟

 

يۇقارقى سوئاللارمۇ تەسمۇ ئەمەس. ئەمما دەل مۇشۇ تەس بولمىغان سوئاللار سىزنى تەكشۈرگەن دوختۇرلار ئۈچۈن زور پايدىسى بولىدۇ.

 

بۇنىڭدىن سىرت، دوختۇرخانىغا بارغىنىڭىزدا، بۇرۇن تەكشۈرگەن نەتىجىلىرىڭىزنى ئېلىۋالسىڭىز ئەڭ ياخشى بولىدۇ. ئۆيدىمۇ ئۆزىڭىزگە ئايرىم ساغلاملىق ئارخىبى تۇرغۇزۇپ، ئېلىپ مېڭىشقا ئەپلىك بولسا ئەڭ ياخشى بولىدۇ.

 

ئەگەر بۇرۇن ئىشلەتكەن دورىلىرىڭىز بولسا، قۇتىسىنى، ياكى ئىسىم تىزىملىكىنى ئېلىۋالسىڭىز ياخشى بولىدۇ.

 

سالامەت بولۇڭ.

بۇ ماقالىمىزدە دوختۇرلار بىمارلاردىن كۆپ سورايدىغان سوئاللىرىنى رەتلەپ چىقتۇق. تورداشلارغا پايدىسى تىگىپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

دوختۇر سوئالى

دوختۇرلارنىڭ سوئاللىرى

دوختۇرلار نىمىلەرنى بىلگىسى كىلىدۇ

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-05-18

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-03-20 / 07:26:30

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ