دۇنيا بۆرەك كۈنى ( World Kidney Day , WKD) دۇنياۋى كۆلەمدە بۆرەكنىڭ مۇھىملىقى ، بۆرەك كېسەللىكلىرىگە بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈش بۇ ئارقىلىق بۆرەك كېسەللىكلىرىنىڭ سانىنى ۋە يامان تەسىرىنى ئازايتىشقا ئالاقىدار تەشۋىقات پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىدىغان بىر كۈن.
دۇنيا بۆرەك كۈنى ھەر يىلى 3-ئاينىڭ ئىككىنجى پەيشەنبە كۈنىگە تەسىس قىلىنغان.
2022 يىلى دۇنيا بۆرەك كۈنى :
3-ئاينىڭ 10-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.
مەزكۈر خاتىرە بايرام كۈنى تۇنجى بولۇپ، 2006-يىلى باشلانغان بولۇپ، 66 دۆلەتتە مەزكۈر كۈن ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلەنگەن. ئىككى يىل ئىچىدە بۇ سان 88 دۆلەتكە يەتكەن. دۇنيا بۆرەك كۈنىدە ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، خەلقىئارا بۆرەك كېسەللىكلىرى جەمئىيىتى ( International Society of Nephrology, ISN ) ۋە خەلقىئارا بۆرەك فوندى فېدىراتسىيىسى ( International Federation of Kidney Foundations, IFKF) ئارىسىدىكى باغلىنىش مۇناسىۋەت تېخىمۇ كۈچىيىشىگە تۈرتكە كۈچ بولۇپ كەلمەكتە.
بۆرەك كېسەللىكلىرى دىگەن ئىسىمنى ئاڭلىغاندا كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا ھېلىھەم ئېغىر، خەتەرلىك، داۋالاش تەس، ھايات خەۋپكە يېتىدىغان، ئائىلە ئىقتىسادى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرايدىغان بىر كېسەللىك دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە ھازىر ناھايىتى كۆپ بۆرەك كېسەللىكلىرىنى ئۈنۈملۈك داۋالىغىلى بولىدۇ ۋە ئېغىر نەتىجىلەر كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بۇ سەۋەبلىك بۆرەك كېسەللىكلىرىگە بولغان تونۇشنى ئاشۇرۇش، پەقەت ئۆزىمىزگىلا پايدا بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئەتراپ، ئائىلە ۋە جەمئىيەتكىمۇ ناھايىتى مۇھىم پايدىسى بولىدىغانلىقىنى بىلىشىمىز لازىم.
دۇنيا بۆرەك كۈنى 2006-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە، ھەر يىلى ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر ئېلىپ كېلىنمەكتە ۋە ھەر يىللىق دۇنيا بۆرەك كۈنىگە بىر تېما بېرىلىپ كەلمەكتە. تۆۋەندە 2006- يىلىدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ھەربىر دۇنيا بۆرەك كۈنىدىكى تېمىلار تىزىملىكى بېرىلدى:
2022 Kidney Health for All – Bridge the gap to better kidney care
2021 Kidney Health for Everyone Everywhere – Living Well with Kidney Disease
2020 Kidney Health for Everyone Everywhere – from Prevention to Detection and Equitable Access to Care
2019 Kidney Health for Everyone, Everywhere
2018 Kidneys & Women’s Health. Include, Value, Empower
2017 Kidney Disease & Obesity – Healthy Lifestyle for Healthy Kidneys
2016 Kidney Disease & Children – Act Early to Prevent It!
2015 Kidney Health for All
2014 Chronic Kidney Disease (CKD) and aging
2013 Kidneys for Life – Stop Kidney Attack!
2012 Donate – Kidneys for Life – Receive
2011 Protect your kidneys: Save your heart
2010 Protect your kidneys: Control diabetes
2009 Protect your kidneys: Keep your pressure down
2008 Your amazing kidneys!
2007 CKD: Common, harmful and treatable
2006 Are your kidneys OK?
مۇناسىۋەتلىك تور بىكەتلەر تۆۋەندە بېرىلدى:
https://www.worldkidneyday.org
دوختۇرلار تور بېكىتىمىزنىڭ سۈيدۈك كېسەللىكلىرى سەھىپىسى ۋە باشقا سەھىپىلەردىنمۇ بۆرەكنى ئاسراش، بۆرەك كېسەللىكلىرىگە ئائىت مەزمونلارنى تاپالايسىز.
https://dohturlar.com/category/bilim/kisellikler/suyduk-yoli-borek-kisellikliri
باشقا دۇنيا ساغلام كېسەل خاتىرە كۈنلىرىنى بىلىپ باقماقچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئادرىسنى زىيارەت قىلىڭ: