ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSزەھەرلىك چىكىملىك ۋە ئەيدىزدۇنيادىكى خېروئىن چىقىدىغان رايونلار

دۇنيادىكى خېروئىن چىقىدىغان رايونلار

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

1 شەرقىي جەنۇبىي ئاسيادىكى ” ئالتۇن ئۈچبۇرجەك ” تايلاند ، بېرما ۋە لائوستىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت تۇتىشىدىغان چېگرا رايونى ، ئۇ بېرمىنىڭ شەنباڭ دېگەن جاينىڭ شەرقىي قىسمى ، تايلاندنىڭ چىڭلەي ۋىلايىتى ، چىڭمەي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى ، لائوسنىڭ لاڭنەننا ئۆلك

1. ئالتۇن ئۈچبۇرجەك

شەرقىي جەنۇبىي ئاسيادىكى ” ئالتۇن ئۈچبۇرجەك ” تايلاند ، بېرما ۋە لائوستىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت تۇتىشىدىغان چېگرا رايونى ، ئۇ بېرمىنىڭ شەنباڭ دېگەن جاينىڭ شەرقىي قىسمى ، تايلاندنىڭ چىڭلەي ۋىلايىتى ، چىڭمەي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى ، لائوسنىڭ لاڭنەننا ئۆلكىسى ، فېڭشالى ئۆلكىسى ، ۋۇدۇمۇسەي ئۆلكىسى ۋە لاڭپروباڭ ئۆلكىسىنىڭ غەربىي قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئومۇمىي يەر مەيدانى تەخمىنەن 200 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ . ئاھالىسى بىر مىليون .

بۇ رايون دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئەپيۇن ، خېروئىن ئىشلەپچىقىرىدىغان جاي بولۇپ ، ئەپيۇن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى 700 توننىدىن ئۆرلەپ ، ھازىر 2000 توننىغا يەتكەن . ئۇ يەرنىڭ خەرىتىدىكى شەكلى تۈز بولمىغان ئۈچ بۇرجەككە ئوخشايدۇ . كۆپ يىللاردىن بىرى بۇ يەر ئەپيۇننى تېرىش ، ياساش ، سېتىش بىلەن دۇنياغا داڭ چىقىرىپ كەلمەكتە . ئالتۇن ئۈچ بۇرجەكنىڭ كۆپ قىسمى دېڭىز يۈزىدىن 3000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى قۇيۇق ئورمانلىق بولۇپ ، مۇنبەت تۇپرىقى ئەپيۇن تېرىشقا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ .

19-ئەسىردىكى ئەنگلىيىلكلەر ئەپيۇن ئۇرۇقىنى ئالدى بىلەن ” ئالتۇن ئۈچبۇرجەك ” كە ئەكىرگەن ، شۇنىڭدىن كېيىن ئەپيۇنگۈلى بۇ يەردە كەڭ كۆلەمدە ئىچىلىشىقا باشلىدى . 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھىندىچىنى ئۇرۇشى پارتلاپ ، تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن يەرلىك تاغلىق پارتىزانلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇشىدا ھەممىسى ئەپيۇندىن پايدىلىنىپ زور مىقداردىكى ھەربىي چىقىمنى تولۇقلىغان . نامراتلىقنىڭ ئازابىنى بولۇشىچە تارتقان تاغلىق رايون دېھقانلىرى ، مەجبۇرلاش ۋە مۇكاپاتلاشنىڭ تۈرتكىسىدە يەرلەرنى ئېچىپ ئەپيۇن تېرىدى ، ئەپيۇننىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى تېز ئىلگىرى سۈردى .

بولۇپمۇ 60-يىللاردا ئەپيۇندىن خېروئىننى پىشىقلاپ ئىشلەپ چىققاندىن كېيىن ، بۇ يەردىكى خېروئىننىڭ سودىسى بارغانسېرى جانلىنىپ كەتتى . ھەر يىلى زەھەرلىك بۇيۇملار پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئاققىلى تۇردى . بۇ كۈچلۈك يەر تەۋرىگەندەك دۇنياغا تەسىر كۆرسەتتى .

ئالتۇن ئۈچبۇرجەكتە ئەپيۇننىڭ باھاسى تۆۋەن ، ساپلىقى يۇقىرى بولغاچقا ، خەلقئارالىق زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنىڭ ئالتۇن كانىغا ئايلىنىپ . ئۇ يەرنىڭ ھەر يىلى سىرتقا چىقارغان زەھەرلىك چېكىملىكى دۇنيا زەھەرلىك چىكىملىكىنىڭ %70 نى ئىگىلەيدۇ .

ئۇ يەردىكى زەھەر ( زەھەرلىك چېكىملىك ) ئۈچ تەرەپكە توشۇلىدۇ . بىرى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بازىرى ؛ يەنە بىرى ، ئالتۇن ئۈچبۇرجەكنىڭ ئەتراپىدىكى بازار ؛ ئۈچىنچىسى ، باشقا جايدىكى بازارلار .

يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ، ” ئالتۇن ئۈچبۇرجەك ” رايونىنى ئارامگاھ قىلىۋالغان زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى گۇرۇھىنىڭ خورىكى ئىنتايىن ئۆسۈپ كەتتى . ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى زەھەرلىك چېكىملىك سودا يولى جەنۇب ، غەربكە سوزۇلغان بولۇپ ، زەھەرلىك چېكىملىك تايلاند ، ھىندىستان ، بىنگالدىن ئەتكەس قىلىش ئارقىلىق ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قىتئەلىرىگە يۆتكىلىدۇ . يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ، ” ئالتۇن ئۈچبۇرجەك ” زەھەرلىك چېكىملىك مەنبەيى شىمالغا يۆتكەلدى ، ئېلىمىزنىڭ يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى گۇرۇھى قىسمەن زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى شەرققە يۆتكەپ ، مەملىكىتىمىزنىڭ ئىناۋىتىنى دەستەك قىلىپ يۈننەن ، گۇاڭشى ، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق ئۆلكىلەرنى زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چېگرىدىن ئۆتكۈزۈش يولى قىلىۋالدى ، بۇنىڭ بىلەن مەملىكىتىمىز زەھەرلىك چېكىملىك چېگرىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان دۆلەت بولۇپ قالدى ، مەملىكىتىمىزگە يېڭى زەھەرلىك چېكىملىكلەر مەسىلىسىنى ئېلىپ كەلدى .

ئۇزۇن ۋاقىت داۋام قىلغان تۇراقسىز سىياسىي ۋەزىيەت ۋە قوراللىق قالايمىقانچىلىقلار زەھەر ئىشلەپچىقىرشقا يېشىل چىراغ يېقىپ بەردى . ئالتۇن ئۈچبۇرجەكنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى 19-ئەسىرنىڭ باشلىرى غەرب مۇستەملىكىچىلىرى تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بۇيان ئىزچىل تۇراقسىز بولۇپ كەلدى . بولۇپمۇ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ، كەڭ ئالتۇن ئۈچبۇرجەك رايونى ھۆكۈمەتسىزلىك ھالەتتە بولۇپ كەلدى ، شۇڭا ئۇ يەر ھەر خىل قوراللىق كۈچلەرنىڭ بازىسى بولۇپ قالدى . تاغلىق رايوندىكى خەلقلەردە قىلچە قانۇن ئېڭى يوق ، ئۇلار قانۇننى بىلمەيدۇ ، نېمىنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ . بۇلار ئۇلارنىڭ زەھەرنى كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىشىغا ئوبدان شارائىت بولغان . ئۇ يەردە ھەر خىل قوراللىق كۈچلەر بار . 50- يىللاردىن 90- يىللارغىچە بېرما ، تايلاند ، لائۇس ئۈچ دۆلەت ئارمىيىسى نۇرغۇن قېتىم بۇ رايونغا نىسبەتەن قورشاپ يوقىتىشنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ، ئۈنۈمى دېگەندەك بولماي كەلدى .

2. ئالتۇن ھىلالئاي

” ئالتۇن ھىلالئاي ” رايونى ” ئالتۇن يېرىم ئاي قولتۇقى ” دەپمۇ ئاتىلىدۇ . بۇ رايون تۈركىيىنىڭ شەرقىي قىسمىدىن تارتىپ ، ئىران ، ئاففانىستاندىن ، پاكىستانغىچە بولغان بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بۇ رايوننىڭ يەر مەيدانى 200 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن كۆپ بولۇپ ، بۇ رايوندىكى ئاھالىلەر كۆپ ساندىكىلىرى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ . بۇ يەردە ئەپيۇنگۈل ۋە كەندىر كۆپلەپ تېرىلغاچقا ، ئەپيۇن ۋە خېروئىن كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىدۇ . ئەپيۇننىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 800-700 توننا ، خېروئىننىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 10 توننىغا يېتىدۇ .

خەلقئارالىق زەھەرلىك بۇيۇمنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكىگە ئەگىشىپ ، دۇنيادىكى ئارقىدا قالغان ۋە قالايمىقان ئۇرۇش بولۇپلا تۇرىدىغان بۇ رايون ، ئىنتايىن تېز ھالدا يەر شارىدىكى زەھەرلىك بۇيۇملارنى تېرىش ، پىششىقلاپ ئىشلەش ، بازىسىغا ئايلىنىپ ، ئاففانىستاندىن ، پاكىستاندىن چىققان زەھەرلىك بۇيۇم ، غەرب تەرەپتىكى ئىران ، تۈركىيە ئارقىلىق دۇنياغا تارقىلىدىغان بىر خەلقئارالىق ئەتكەسچىلىك يولى شەكىللەندۈرگەن . يەنە ” بالقان يولى ” ئارقىلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىگە تارقىلىدۇ . جەنۇبتىن بولسا ئەرەب دېڭىزى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىلىدۇ .

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ زەھەرلىك بۇيۇملارنى تازىلاش ئىشخانىسىنىڭ ئىسلامئاباتتىن 1993-يىلى قىلغان دوكلاتىغا قارىغاندا ، 1992-يىلى ياۋروپادا قولغا چۈشۈرگەن خېروئىننىڭ %80-%70 نى ” ئالتۇن ھىلالئاي ” دىن بالقان يولى ئارقىلىق ئەتكەس قىلىپ يۆتكىگەنىكەن .

” ئالتۇن ھىلالئاي ” رايونىدىكى ئاففانىستان ، پاكىستان ، ئىران خەلقئارالىق زەھەرلىك بۇيۇم بازارلىرىدىكى نەشە ، خېروئىن ، مورفىن ئەپيۇننىڭ مۇھىم بازىسى ھېسابلىنىدۇ . دوكلاتقا قارىغاندا ، ھازىر ئاففانىستان دۇنيادا ئەپيۇن ۋە ئەپيۇن تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنى تېرىيدىغان ۋە ئەتكەسچىلىك قىلىدىغان ئەڭ چوڭ رايون ئىكەن ، ئۇ ھەر يىلى ئاز دېگەندە 30 مىڭ گېكتار يەرگە ئەپيۈنگۈل تېرىيدىكەن .

بۇ يەردە پىششىقلاپ ئىشلەپچىقارغان ئەپيۇن زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىرى ئارقىلىق پاكىستان ۋە ئىران ئارقىلىق چەت دۆلەتلەرگە ئەتكەس قىلىنىدۇ . ئاففانىستان دۆلەت ئىچىدە ئۈزلۈكسىز ئۇرۇش ۋە ھۆكۈمەتسىزلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى زەھەرلىك بۇيۇم تازىلاش ئىشخانىسىنىڭ بۇ رايوندىكى خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ئەمەس . بىراق شۇ يېرى ئېنىقكى ، ئاففانىستاندىكى ئەپيۇن تېرىيدىغان يەر ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كۆپ دەرىجىدە ئاشقان . پاكىستانمۇ جەنۇبىي ئاسىيادىكى يەنە بىر ئاساسلىق زەھەرلىك بۇيۇم تېرىيدىغان ۋە ئىشلەپچىقىرىدىغان يەر . 1993-يىلى مەخسۇس ئەپيۇن تېرىيدىغان يەر 18300 گېكتاردىن كۆپ بولغان . بۇنىڭ ئىچىدە %40 دىن كۆپرەك يەر پاكىستاننىڭ غەربىي شىمال تەرىپىدىكى ئاففانىستاننىڭ دىئال قىبلە رايونىغا تۇتىشىدۇ . بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ زەھەرلىك بۇيۇملارنى تازىلاش ئىشخانىسىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا ، پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىي قىسمى ۋە ئاففانىستاننىڭ ئالتۇن ھىلالئاي رايونىدىكى جايلار زەھەرلىك بۇيۇمنى ئاساسلىق ئىشلاپچىقىرىدىغان رايون ، بۇ رايوندا تەخمىنەن 100 دىن ئارتۇق خېروئىن پىششىقلاپ ئىشلەش يەر ئاستى زاۋۇتى بار ئىكەن . بۇنىڭ تەسىرى بىلەن ” ئالتۇن ھىلالئاي ” غا قوشنا بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى قازاقىستان ، قىرغىزىستان ، تۈركمەنىستان ۋە ئەزەربەيجانلارنىڭ چەت رايونلىرىدا ئەپيۇنگۈلنى تېرىش يېقىنىقى يىللاردىن بېرى تېز ئۆرلىمەكتە . بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېقىنقى دوكلاتىغا قارىغاندا ، ئالتۇن ھىلالئاي رايونىدا يېقىنقى يىللاردىن بېرى تېرىش ، ئىشلەپچىقىرىش ، ئەتكەس قىلىش ئەۋج ئېلىپ كەتكەن . بۇنىڭ سەۋەبى ، خەلقئارالىق زەھەرلىك بۇيۇم بازىرىنىڭ ئېھتىياجى ئاشقاندىن باشقا ، مۇھىمى بۇ رايوندىكى زەھەرلىك بۇيۇم تېرىش رايونى ۋە يەر ئاستى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىنىڭ چەت تاغلىق رايونلارغا جايلاشقانلىقىدا . بۇ ھال خەلقئارالىق زەھەرلىك بۇيۇملارغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە ئوڭۇشىسزلىق ۋە قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلدى .

شۇنىڭ بىلەن بىرگە ” ئالتۇن ھىلالئاي ” رايونىدىكى تېرىش ، پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ئەتكەس قىلىشنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ ، شۇنداقلا زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش ئەھۋالى ئېران ، ئاففانىستان ، پاكىستان ئۈچ دۆلەتتە ئېغىر جەمئىيەت مەسىلىسى بولۇپ قالغان . ھازىرقى ئەھۋالغا قارىغاندا ، ئاففانىستان دۆلەت ئىچىدىكى ئىچكى ئۇرۇش تىنچىغىنى يوق . ھازىرغىچە غەربىي جەنۇبىي ئاسىيا ” ئالتۇن ھىلالئاي ” رايونىدىكى زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچلىكى ئۆرلەش ھالىتىدە تۇرماقتا ، زەھەرلىك بۇيۇمغا قارشى تۇرۇش يەنىلا كۆپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىماقتا .

3. كۈمۈش ئۈچبۇرجەك

جەنۇمىي ئامىرىكا قىتئەسىدىكى كولۇمبىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى ، پېرۇنىڭ شەرقىي قىسمى ۋە بولىۋىيىنىڭ شەرقىي شىمالى قىسمىدىكى ئاندىس تېغى ۋە ئامازۇن رايونى كوكائىن ۋە نەشە ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغان جاي بولۇپ ، ئىشلەپچىقىرىلغان نەشە مىقدارى دۇنيادا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان نەشە ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىشى مىقدارىنىڭ 80 پرسەنتىنى ئىگىللەيدۇ . كوكائىن پۈتۈنلەي مۇشۇ جايدىن چىقىدۇ .

جەنۇبىي ئامېرىكىدا كوكائىن تېرىشنىڭ تارىخى ئۇزۇن . يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ كوكائىننى بايقىشىغا 5000 يىلدىن ئارتۇق بولدى . بىر نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان كوكائىن جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى مەلۇم رايونلارنىڭ ئەنئەنىۋى تېرىيدىغان زىرائىتى بولۇپ قالغان . ھىندىئانلار ئۇنى ” ئاجايىپ ئوت ” دېيىشىدۇ . دەسلەپتە كىشلەر ئۇنى دىنىي پائالىيەتلەردە ئىستېمال قىلاتتى . كېيىنچە بولسا ئادەتتىكى ئادەملەر روھلاندۇرۇش ، ھارغىنلىقىنى تۈگىتىش ۋە ئاچلىقتىن ، ئاغرىقتىن ساقلىنىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدىغان بولدى . ھىندىئانلار بولسا كوكائىن يوپۇرمىقىنى چاي دەملەپ ئىچىدۇ .

19- ئەسىردە كىشىلەر كوكائىن يوپۇرمىقىدىن كوكائىننىڭ ئىشقارىنى ئايرىپ مەست قىلىشقا ئىشلەتتى ، 20 – ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا كوكائىننىڭ ئەپيۇندىن كۈچلۈك مەست قىلىش رولى بارلىقىنى بايقىدى .

ئامېرىكىلىق ، ياۋروپالىق ياشلار ئۇنى چېكىپ كوكائىننىڭ مەست قىلىش رولىدىن پايدىلاندى . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ باھاسى تېز ئۆرلەپ ، كەڭ كۆلەمدە كوكائىن ئەتكەسچىلىرى پەيدا بولدى . بولۋىيىدە بىر كىلوگرام كوكائىن ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن 3000 ئامېرىكا دوللىرى ئىشلىتىلىدۇ . ئامېرىكىغا يۆتكەپ ئەكەلسە 40 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىلىدۇ . ياۋروپاغا ئاپارسا 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ساتقىلى بولىدۇ . بۇ ئىش كوكائىن تېرىش ۋە كوكائىننى پىششىقلاپ ئىشلەشنى زور كۆلەمدە تېزلەتتى . ھازىر لاتىن ئامېرىكىسىدا ئون نەچچە دۆلەت كوكائىن ، نەشە ۋە ئەپيۇن تېرىيدۇ .

بۇ يەردە پېرۇ ، بولىۋىيە ، كۇلۇمبىيە كوكائىننىڭ مۇھىم بازىرى . مۇشۇ ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدا بۇ رايوندىكى كوكائىن ئىشلەپچىقىرىش ئىشى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان . ” كۈمۈش ئۈچبۇرجەك ” رايونىنىڭ كىلىماتى ئىسسىق ، قويۇق ئورمانلىق بىلەن قاپلانغان .

كوكائىن پېرونىڭ ئەڭ مۇھىم ئېكسپورت مەھسۇلاتى . يىللىق پايدىسى 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى . پېرۇ ھۆكۈمىتى 1978-قانۇن چىقىرىپ كوكائىننى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر تېرىشقا ھوقۇقلۇق دېگەن بولسىمۇ ، بىراق قانۇنسىز كوكائىن تېرىيدىغان 200 مىڭ مۇدىن ئارتۇق يەر بار . ئۇلار ئايرودروم ۋە ئۈسكۈنىسى ئىلغار بولغان كوكائىن پىششىقلاپ ئىشلەش ئورۇنلىرىنى قۇرۇپ چىققان . يىللىق كوكائىن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 800 توننىدىن ئارتۇق .

بولىۋىيىدە بولسا ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ 2/5 قىسىم يېرىگە كوكائىن تېرىيدۇ . 1986-يىلى بولىۋىينىڭ كوكائىن مەھسۇلاتى 500 توننا ئىدى . ھۆكۈمەت كوكائىن يوپۇرمىقىنى سىرتقا ئېكىسپورت قىلىپ يىلىغا 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى پايدا ئالسا ، ئەكسىچە زەھەرلىك بۇيۇم گۇرۇھلىرىنىڭ قانۇنسىز سودا قىلغان كىرىمى يىلىغا 50-40 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-07-23

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-06-12 / 07:36:38

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ