دوختۇرلار تورى

تەن ساقلىق زور بايلىق

ئەگەر ئەر-ئايال ئىككىسى يۇقۇملانغان بولسا، تۇرمۇشتا نىمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟

ئەگەر ئەر-ئايال ئىككىلىسى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان بولسا، ئۇلارتۇرمۇشتا باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قۇيۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،ئۆزىنى ياخشى كۈتۈشتىن باشقا يەنە ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشتا گاندوك ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشى،قايچىسىمان يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك

داۋاملىق بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانماي جىنسى مۇناسىۋەت قىلسا ياكى قارشى تەرەپنىڭ قېنى بىلەن ئۇچراشسا، بۇنىڭمۇ ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە مەلۇم دەرىجىدە خەتىرى بولىدۇ. ئەلۋەتتە ئەر-ئاياللارنىڭ بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشى ۋە بىر-بىرىگە يېقىنچىلىق قىلىشى ئىنسانچىلىقتىكى نورمال ئىش.

بىراق ۋىرۇسنىڭ ئۆز-ئارا ئۆتۈشۈشىدىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. چۈنكى ئىككى ئادەمنىڭ تېنىدىكى HIV ئازدۇر-كۆپتۇر تىپ جەھەتتىن ئوخشىمايدۇ. شۇڭلاشقا يۇقۇملانغۇچى يەنە ئوخشىمىغان تىپتىكى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانسا، كېيىنكى داۋالىنىش ۋە باشقا تەرەپلەرگە قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

ئۇندىن باشقا ئەگەر ئىچىدىكى بىرسىنىڭ بەدىنىدىكى ۋىرۇس ئەسلىدە ئاز بولسا، قارشى تەرەپتىن يۇقتۇرىۋالغان ۋىرۇسلار بىلەن ئۆز بەدىندىكى ۋىرۇسنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنى يەنىمۇ بىر قەدەر ئىلگىرلىگەن ھالدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ. شۇڭلاشقا يۇقۇملانغان ئەر-ئاياللار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى جىنسى مۇناسىۋەتتە گاندوك ئىشلىتىش ۋە ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك ئىنتايىن زۆرۈر.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرىست جەمئىيىتى تورىدىن ئېلىندى

مەزكۈر مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-12-26

مەزكۈر مەزمون ئاخىرقى قېتىم يېڭىلانغان ۋاقىت: 2020-12-05 / 07:18:26

سەمىمىي ئەسكەرتىش
بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمۇنلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

نۇر دوختۇر Doctor Nur
نۇر دوختۇر Doctor Nurhttp://dohturlar.com
تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ!

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

قالدۇرۇلغان باھالار

سۆز قالدۇرۇش

Please enter your comment!
Please enter your name here

سوتسىيال تاراتقۇلىرىمىز

1,661FansLike
697FollowersFollow
1,870SubscribersSubscribe

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر