ئەمچەككە زىيانلىق ئامىللار

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

1- كيىم-كىچەكنىڭ زىيادە تار بولۇشى، سۈنئىي تالالىق بولۇشى ئەمچەككە زىيانلىق بولۇپ، قىز-ئاياللار تار لىپتىكلەرنى تاقىسا ۋە تار كىيىملەرنى كىيسە، كۆكرەك قىسىمى بىسىمغا ئۇچراپ، سۈت بېزى كىچىكلەپ كېتىدۇ. ئەمچەك توپچىسى ياخشى يېتىلمەي ئچىگە كىرىپ كىتىدۇ. سۈت نەيچىسى قىسقىرىپ كېتىدۇ، ھەتتا ئېتىلىپ قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەمچەك سولىشىپ، شەكىلى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، ئەمچەك توپچىسى ئولتۇرۇشۇپ قالىدۇ.

2. يېمەك-ئىچمەكنىڭ ناچار بولۇشى، قۇۋۋەتلىك يېمەسلىك، ئورۇقلاش دورىلىرىنى كۆپ ئىشلىتىشنىڭمۇ زىينى بولۇپ، ئەمچەكنىڭ تولۇق ئۆسۈپ يېتىلىشىنى توسۇپ قويىدۇ.

ئەمچەككە زىيانلىق ئامىللار

ئۇندىن باشقا ھاراق ئىچىش ئەڭ زىيانلىق بولۇپ، سۈت بېزى راكىنى پەيدا قىلىدۇ.

3. ئەمچەك تازلىقنىڭ ياخشى بولماسلىقى، ياز پەسلىدە ۋە باشقا ۋاقىتلاردا ئۇنى پات-پات يۇيۇپ تۇرماسلىق، بولۇپمۇ ھامىلدارلىق، بالا ئېمىتىش مەزگىلدە يۇيۇپ تۇرمىغاندا ئاسانلا كېسەل پەيدا قىلىدۇ، يەنى سۈتنىڭ بۇزۇلۇپ قېلىشى، سۈت بېزى ياللۈغى قاتارلقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. ئېغىر بېسىمغا يەنى ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇشقا ئۇچراش، ئەمچەك زەخمىلىنىش قاتارلقلارمۇ ئەمچەككە زىيانلىق بولۇپ، ئاسانلا ئەمچەكتە تۈگۈنچە شەكىللىنىپ قىلىپ، ئۇنى ۋاقتىدا داۋالىماسلىقتىن ھەرخىل يامان كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە ئەمچەك توپچىسىنىڭ زەربە تۈپەيلىدىن ئىچىگە كىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ.

5. بالىنى تولۇق ئېمىتمەسلىك، بالدۇر سۈتتىن ئايرىۋىتىش، ۋاقتىدا ئېمىتمەسلىك قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سۈتىنىڭ ئەمچەكتە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ بۇزۇلۇپ، يەرلىق ئورۇننى غىدىقلىشى سەۋەبىدىن سۈت بېزى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم ئەمچەك دائىم چىڭقىلىش ھالىتىدە تۇرۇۋىلىپ، ئەمچەكتە مونەكچە شەكىللىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېغىر بولغاندا سۈت بېزى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6. مۇۋاپىق چېنىقماسلىق. ئەمچەككە مۇناسىۋەتلىك تەنتەربىيە ھەركىتى بىلەن شۇغۇللانماسلىق سەۋەبىدىن ئەمچەك تولۇق يېتىلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

7. زىيادە سېمىزلىك ۋە رادىئاكتىپلىق نۇرلار بىلەن كۆپ ئۇچرىشىشمۇ سۈت بېزى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

8. روھى ئامىلنىڭمۇ سۈت چىقىرىشقا تەسىرى بولىدۇ. ئېمتىش مەزگىلىدىكى روھى ئازاب، ھەددىدىن زىيادە ئاچچىقلىنىش، خىيالچان بولۇش قاتارلىقلارمۇ چوڭ مېڭە پوستىلىقى ئارقىلىق ھىپوفىزنىڭ رولىغا تەسىر كۆرستىپ، سۈت كەلتۈرگۈچى ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشنى ئازايتىش نەتىجىسىدە سۈت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىۋىتىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-10-03

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-10-01 / 07:09:40

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ