ئانا سەھىپەجىنسىيەتجىنسىي ساغلاملىقئەر ئايال جىنسىي تۇرمۇشتا ئورتاق قانائەت تېپىش ئۇسۇللىرى

ئەر ئايال جىنسىي تۇرمۇشتا ئورتاق قانائەت تېپىش ئۇسۇللىرى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

جىنسىي تۇرمۇشتا ھەر ئىككى تەرەپ تولۇق قانائەت تېپىشنى ئارزۇ قىلغۇچى ئەر-ئاياللار دەسلەپتە ئەر-ئايال جىنسىي ئىقتىدارىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ۋە ئەر ئاياللاردىكى پەرىقلەرگە مۇناسىۋەتلىك جىنسىي بىلىمنىڭ ئاساسىي نۇقتىلىرىنى چۈشىنىۋالغاندا، جىنسىي تۇرمۇشتا تېخىمۇ ياخشى ئورتاق قانائەت تاپقىلى بولىدۇ.

جىنسىي فىزئولوگىيە ۋە پىسخىق جەھەتتە ئەر-ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى پەرىق ۋە ئالاھىدىلىكلەرنى يىغىنچاقلىغاندا تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

1.ئەرلەرنىڭ جىنسىي تەلىپى كۈچلۈكرەك بولۇپ ،جىنسىي قوزغىلىشنىڭ پەيدا بولىشىمۇ ناھايىتى تېز بولىدۇ. ئازىراق غىدىقلىنىش بولسىلا دەرھال قوزغىلىپ كېتىدۇ. ئاياللارنىڭ جىنسىي تەلىپى ئەرلەرگە نىسبەتەن ئاجىزراق بولۇپ ، جىنسىي قوزغىلىش ھەيز دەۋرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھەيز كىلىشنىڭ ئالدىدا، يەنى تۇخۇم چىقىرىشنىڭ ئالدى-كەينىدە جىنسىي تەلەپ سەل يۇقۇرى بولۇپ ، جىنسىي قوزغىلىشمۇ سەل تېزرەك بولىدۇ. ئاز ساندىكى ئاياللاردا تۇرمۇش قۇرۇش ئالدىدا جىنسىي تەلەپ ناھايتى ئاجىز ، ھەتتا يوق دېيەرلىك بولىدۇ. تۇرمۇشقا چىققاندىن كىيىن ، جىنسىي تۇرمۇش جەريانىدا جىنسىي تەلەپ تەدىرجى كۈچۈيىشكە باشلايدۇ.

2. ئەرلەرنىڭ جىنسىي قوزغىلىشى تېزرەك بولىدۇ. بالاغەتكە يەتكەن دەۋردە زەكەر بەش سېكۇنۇتتىلا قايىم بولۇشى مومكىن. جىنسىي يۇقۇرى پەللىگە يېتىشىمۇ ، يۇقۇرى پەللىنىڭ داۋاملىشىشىمۇ بىر ئاز قىسقا بولۇپ ، جىنسىي تەلەپنىڭ بېسىقىشىمۇ تېز بولىدۇ. ئەمما ئاياللارنىڭ جىنسىي قوزغىلىشىنىڭ پەيدا بولىشى ئاستىراق بولۇپ ، جىنسىي مۇناسىۋەت باشلىنىپ تاكى يۇقۇرى پەللىگە يەتكىچە بولغان ئارىلىق ۋاقتىمۇ ئەرلەرنىڭكىدىن ئۇزاقراق بولىدۇ. ئادەتتە 5-15 مىنۇتقىچە بولغان ئارىلىقتا ئاندىن جىنسىي يۇقۇرى پەللىگە يېتىپ، ئۇنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىمۇ ئۇزاقراق، جىنسىي ھەۋەسنىڭ بىسىقىشىمۇ ئەرلەرگە قارىغاندا ئاستىراق بولىدۇ.

3.ئەرلەرنىڭ جىنسىي تەلەپ ئارزۇسى ئاساسەن جىنسىي ئەزاغا مەركەزلىشىدۇ. جىنسىي ھاياجانلىنىش پەيدا بولۇپ ، قوزغىلىش باسقۇچىغا كىرگەندىن كىيىن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بەك ئالدىرايدۇ. ئاياللارنىڭ جىنسىي تەلەپتە تاقىلىدىغان دائىرىسى بەك كەڭ ۋە مۇرەككەپ بولۇپ ، جىنسىي ئىنكاسىمۇ ئەرلەرگە قارىغاندا ئاستا بولىدۇ. شۇڭىلاشقا جىنسىي مۇناسىۋەت ئالدىدا ئەر ئۆزىنى سەل تۇتىۋىلىپ ، دەسلەپتە ئايالىنى يۇمۇرستىك، قىزىقارلىق سۆز-ھەركەتلىرى بىلەن جەلىپ قىلىپ سىلاش، قۇچاقلاشششششش، ئۇۋلاش ، سۆيۈش ئۇسسۇللىرى ئارقىلىق ئايالىنىڭ مۇھەببەت سەزگۈ رايۇنلىرىنى غىدىقلاپ بەرگەندە ئايالىدا يولدىشىغا نىسبەتەن كۈچلۈك ھوزۇرلىنىش، مۇھەببەت ھېسياتى كۈچلۈك دولقۇن ياساپ جىنسىي مۇناسىۋەت تەلىپىنى پەيدا قىلىدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدىمۇ ئۆزلۈكسىز مۇھەببەت تۇيغۇ ، نازۇك جايلىرى غىدىقلىنىپ تۇرسا جىنسىي ھوزۇرلىنىش سېزىملىرى تېخىمۇ كۈچىيىپ ، جىنسىي ئىنكاس باسقۇچىمۇ تېزلىشىدۇ. نەتىجىدە جىنسىي يۇقۇرى پەللىگە ئەر-ئايال بىردەك يېتىپ جىنسىي قانائەتلىنىشتىن ئورتاق بەھرىمان بولىدۇ.

ئەر – خوتۇنلار جىنسىي تۇرمۇشتىن ئورتاق قانائەت تىپىشتا توسالغۇ بولىدىغان، ھىسياتقا سوغۇقچىلىق پەيدا قىلىدىغان بەزى ئەھۋاللار بولسا ئىنچىكىلىك بىلەن تەھلىل قىلىپ ، كىلىشەلمەسلىكنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرىنى تېپىپ چىقىشى لازىم. جىنسىي تۇرمۇشتىكى كېلىشەلمەسلىكتە تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدۇ:

1. ئەر تەرەپنىڭ جىنىسي فىزولوگىيە ھەققىدىكى بىلىمىنىڭ يىتەرسىزلىكى ياكى ئايالىغا بولغان كۆيۈنۈشنىڭ يىتەرسىزلىكىدىن ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئالدىدىكى تەييارلىقتا ، دەسلەپتە ئايالىنىڭ جىنسىي ھېسياتىنى قوزغىماي ئۆزىنىلا ئويلاش، ئۆزىدە جىنسىي ھەۋەس پەيدا بولىشىغىلا ئالدىراپ جىنسىي مۇناسىۋەتكە ئۇرۇنۇش، جىنسىي مۇناسىۋەتتە قانائەتلىنىش ھاسىل قىلىپ مەنىنى چىقىرۋىتىپلا ، ئايالىنىڭ جىنسىي ئارزۇسى ۋە جىنسىي ئىنكاسلىرى بىلەن كارى بولماسلىق قاتارلىقلارنى ئوڭايلا سادىر قىلىپ قويىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئايال تەرەپ جىنسىي قانائەتلىنىشكە ئىرىشەلمەي قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇنغا سوزۇلغاندا ، ئايال تەرەپنىڭ جىنسىي تۇرمۇشقا بولغان ھەۋىسىنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى تەبئىي. بۇنىڭدا ئايال كىشى جىنسىي تۇرمۇشنى ئاۋارچىلىق ھېسابلاپ جىنسىي تۇرمۇشتىن سوۋۇش ھەمدە تەرەققى قىلىپ زىرىكىش، سەسكىنىش، ۋە نېرۋا ئاجىزلىشىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مومكىن.

2.ئايالدا ئەر بىلەن بولىدىغان نورمال جىنسىي تۇرمۇش ھەققىدىكى بىلىملەر يېتەرسىز بولسا ياكى ئۇ نۇرمال جىنسىي تۇرمۇشنى << يامان ئىش >>، << شەھۋانىيلىق>>، << ئىپلاسلىق >> دەپ تونۇپ قالسا ، ياكى ھامىلدار بولۇپ قېلىشتىن ۋە تۇغۇتتىن قورقۇپ قالسا، ياكى تۇرمۇشقا چىققاندىن تارتىپ بىرەر قېتىممۇ جىنسىي ھوزۇرلىنىش ۋە جىنسىي قانائەتلىنىشكە ئېرىشىپ باقمىغان بولسا جىنسىي تۇرمۇشتىن بىزار بولۇش سېزىمى پەيدا بولۇپ قالىدۇ. نەتىجىدە، جىنسىي مۇناسىۋەت ۋاقتىدا ئۆز ئىختىيارى ياكى ئارزۇسى بىلەن بولمىغانلىقتىن ، ئېرىگە ماسلىشىپ بېرەلمەسلىك تۈپەيلىدىن جىنسىي تۇرمۇشتا كىلىشەلمەسلىك كىلىپ چىقىدۇ.

3. ئەر-ئايال ئىككەيلەننىڭ بىرەرىدە كېسەللىك ھالىتى بولۇپ قالسا، جىنسىي تۇرمۇشتا كېلىشەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، ئەرلەردىكى قايىم بولماسلىق ( ئەرلىك ئەزا قوپماسلىق)، بوش قايىم بولۇش، مەنىنىڭ بەك تېز چىقىپ كېتىشى ياكى مەنىنىڭ ئېقىپ كېتىشى قاتارلىق كېسەللىكلەر، ئاياللاردا بولسا جىنسىي مۇناسىۋەتتە ماتكا ئاغرىش، جىنسىي ھەۋەسنىڭ (شەھۋەتنىڭ) ئاجىزلاپ كېتىشى، بالياتقۇ سوۋۇپ كەتكەنلىكتىن قىلىشىشقا خوش ياقماسلىق، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن سەسكىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسىدە جىنسىي تۇرمۇشتىكى كىلىشەلمەسلىك (ھەر ئىككىلا تەرەپ قانائەت تاپالماسلىق ) كىلىپ چىقىدۇ. بۇنداق داۋاملىشىۋەرسە ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئەر-خوتۇن مۇھەببىتى ئارىسىغا سوغۇقچىلىق پەيدا بولۇپ ئائىلىنىڭ مۇستەھكەملىكىگە دەز كېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە ۋاقتىدا داۋالىنىش، ئەر خوتۇن بىر-بىرىنىڭ ھالىغا يېتىشى، كەڭ قورساق بولىشى لازىم.

ئەر-خوتۇن يۇقۇردىكى ئەھۋاللار بىلەن تونۇشۇپ چىققاندىن كىيىن ئەڭ ياخشىسى بىرلىكتە ئولتۇرۇپ ، ئۆزلىرىدىكى كېلىشەلمەسلىكنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە چىرايلىق مۇڭدىشىپ ، جىنسىي تۇرمۇشتىكى ماسلىشالماسلىق، كىلىشەلمەسلىك ئەھۋاللىرىنى يېڭىشى لازىم.

ئەر-خوتۇنلار جىنسىي مۇناسىۋەتتە چىن مۇھەبىبىتى، پۈتۈن ۋۇجۇدىدىن ھەمكارلىشىپ جىنسىي تۇرمۇشتىن تەڭ بەھرىمان بولۇپ بىر-بىرىگە يۈكسەك ھاياجان ئاتا قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش لازىم. ھەر ئىككىلا تەرەپ بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەپ ، بىر-بىرىنىڭ ھالىغا يېتىشكەندىلا ئاندىن جىنسىي تۇرمۇشتا بىر-بىرسىدىن رازى بولىدۇ. ئەرلەر پەقەت جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىدىغان چاغدىلا ئايالىغا مۇلايىم بولۇپ كۆرۈنمەستىن بەلكى ئادەتتىكى چاغلاردىمۇ مىھرىبانلىقنى، مۇھەببىتنى ئىزھار قىلىش، ئۆز ئارا ھېسيات ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشلىرى لازىم.

چۈنكى جىنسىي تۇرمۇش ئەر-خوتۇن ئىككىلا تەرەپنىڭ بىردەك قىلىشىشىدىغان ئىشى بولغاچقا ئەر-خوتۇن ئوتتۇرسىدا بىردەك مۇھەببەت تۇيغۇسى مەۋجۇت بولغاندىلا ئاندىن زىچ ماسلىشالايدۇ. ئەر تەرەپ ئۆزىنىڭ شەخسىي ھېسياتىنى قاندۇرۇشنىلا ئويلاپ ، مىجەزىنىڭ ئىتتىكلەپ كېتىشىدىن، ئايالىنىڭ ئىختىيارى بىلەن كارى بولماسلىقتىن ساقلىنىشى لازىم. ئايالمۇ ئەرنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى قاندۇرۇش مېنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپەم دەپ قارىشى لازىم.

ئەگەر بىرلا تەرەپتە جىنسىي ھېسيات تۇيغۇسى قوزغىلىپ قالسا، دەسلەپتە ئۆز ئارا كۆيۈنۈش، سۆيۈنۈش كەيپىياتلىرى ئاستىدا قارشى تەرەپكە ئۆز ئارزۇسىنى ئىما-ئىشارەت قىلىشششش ئارقىلىق بىلدۈرۈش. بۇنداق قىلغاندا قارشى تەرەپكە ئۇشتۇمتۇت چىقىلغانغا قارىغاندا كۆپلىگەن خۇشاللىق بېغىشلىنىدۇ.كۆپلىگەن ئاياللار جىنسىي مۇناسىۋەت ئالدىدا جىنسىي ھەۋىسىنىڭ قوزغىلىشى ئۈچۈن ئەرلىرىنىڭ يېتەكچىلىك رول ئوينىشىغا مۇھتاج بولىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا كەيپىياتى ياخشى بولمايدۇ ياكى يېقىمسىزلىق ھېس قىلىدۇ. قارشى تەرەپنىڭ مەيلىگە ، رازىلىقىغا قارىماي مەجبۇرىي ھالدا جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغاندا ، ئىككىلا تەرەپ جىنسىي ھوزۇرلىنىشنى قولغا كەلتۈرەلمەيلا قالماستىن ، بەلكى كۈنلەرنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ قارشى تەرەپتە جىنسىي مۇناسىۋەتنى يامان كۆرۈش كەيپىياتىنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ.ھەمدە جىنسىي ھەۋەسنى، جىنسىي ئىقتىدارنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ. ھەتتا ئەر-خۇتۇن ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتكە ، ئائىلىنىڭ ئىناقلىقىغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ.

جىنسىي مۇناسىۋەت ئالدىدا ئەر-خوتۇن ئىككىلا تەرەپ بىر-بىرىنىڭ جىنسىي ھېسياتىنى تولۇق ھەركەتلەندۈرۈپ يالقۇنجىتىشى لازىم.

جىنسىي تۇرمۇشتا ماسلىشىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئالدىدىكى تەييارلىقلارنى ئوبدان ئىشلەش كېرەك.ئەر دەسلەپتە جىنسىي ھېسياتنى ئويغىتىدىغان سۆز ۋە ئىما-ئىشارەتلەردىن باشقا ، جىنسىي سەزگۈ رايۇنلىرىنى غىدىقلاش ئارقىلىق ئايالىنىڭ جىنسىي ھېسياتىنى قاتتىق كۈچلەندۈرۈش كېرەك. بۇنىڭغا تەخمىنەن 10 مىنۇتتىن 30 مىنۇتقىچە قەدەر ۋاقىت كېتىدۇ. ئايال تەرەپ ئىنتايىن ھاياجانلانغاندا جىنسىي يولىدىن ككپ مىقداردا سۈيۈقلۇق ئىشلىنىپ چىقىدۇ -دە، جىنسىي يول كىرىش ئېغىزى سىلىقلىنىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
1
+1
1
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-12-27

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-19 / 07:12:56

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ