ئائىلىدىكى ئىشلاردا توغرا-خاتا مەسىلىسىگە كۆپ ئېسىلىۋالماي، كېلىشىش-كېلىشەلمەسلىك مەسىلىسىنى كۆپرەك ئويلۇشۇش كېرەك،چۈنكى ئائىلە پىرىنسىپنى ئەمەس، بەلكى مۇھەببەتنى سۆزلەيدىغان جاي.
ئائىلىنىڭ يىلتىزى ۋە روھى بولىدۇ،ھەر ئىككىلىسى ئايالنىڭ قولىدا بولىدۇ.شۇڭلاشقا كونىلار،ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن،يەر قىلغانمۇ خوتۇن،ئايال قىلسا ئائىلىسىگە،ئەر قىلسا بالىسىغا،دەپ ئىيتقان.
ئەرلەرنىڭ ئۈچ چوڭ مەركىزى ئىھتىياجى:
1)ھۆرمەتلىنىش ۋە ئىززەتلىنىش؛
2)مۇلايىملىق؛
3)ئىتىراپ قىلىنىش، قوللاش، چۈشۈنىش.
ئاياللارنىڭ ئۈچ چوڭ مەركىزى ئىھتىياجى:
1)بىخەتەرلىك تۇيغۇسى؛
2) رومانتىكىلىق؛
3) ئەركىلىتىش.
ئەر-ئاياللارئوتتۇرىسىدىكى ئۈچ چوڭ مەسىلە:
1)چۈشۈنىش (مىنىڭچە،ئالدى بىلەن ئۆزىنى، ئاندىن جۆرىنىۋە باشقىلارنى چۇشىنىش كىرەك.ئۆز-ئۆزىنى چۈشۈنىش- ئىنسان ئۈچۈن بەسى مۈشكۈل ،ئەممائەڭ مۇھىم ھەم ناھايىتى ئەھمىيىتلىك ئىش،ئۆزىنىچۈشۈنىشكە مۇيەسسەر بولالمىغان كىشى ھەرگىزمۇ باشقىلارنى چۈشىنەلمەيدۇ ) ۋە ئۈنۈملۈك پىكىر ئالماشتۇرۇش مەسىلىسى؛
2) ئىقتىسادى مەسىلە؛
3) جىنسى تۇرمۇش مەسىلىسى (مىنىڭچە،دىنى ئىتىقاتى كۈچلۈك ۋە ھاۋايى ھەۋىسىنى تىزگىنلىيەلەيدىغان كىشىلاردە بۇ مەسىلە چوڭ مەسىلە ھىساپلانمايدۇ،ئەلۋەتتە،تەدبىرىنى قىلماقمۇ زۆرۈر).
ئەر-ئاياللارئوتتۇرىسىدىكى كۆپەيتىشكە تىگىشلىك ئۈچ ئىش:
1)جۆرىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈش؛
2) جۆرىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆپرەك بايقاش؛
3) مۇسبەت ئىنىرىگىيىگە تولغان(مىنىڭچە،ئاددىراق قىلىپ،توغرا ، ئاكتىپ كۆزقاراشقا تولغان ۋە ياخشى نەتىجە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سۆز ،دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ) گەپنى كۆپرەك قىلىش كېرەك.
ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ئازايتىشقا تىگىشلىك ئۈچ ئىش:
1) زارلاش؛
2) ئەيىپلەش؛
3) خاتا چۈشۈنىش.
ئەر ئاياللار چىقىشىپ ئۆتۇشنىڭ تۆت خىل ئۇسۇلى:
1) جۆرىسىنىڭ ياخشى تەرىپىنى كۆپرەك ئويلاش؛
2) جۆرىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىدىن كۆپرەك ھوزۇرلىنىش؛
3) جۆرىسىنىڭ قىيىنچىلىقىنى چۈشۇنۇپ ھالىغايىتىش (قەدىرلەشنىڭ مىسالى مۇشۇ،قەدىرلەشنى بىلمەيدىغان ئادەم جۆرىسىنى ئالماشتۇرغان بىلەنمۇ ئۇزاققىچە بىرگە بولالىشى ناتايىن)؛
4) جۆرىسىنىڭ يىتەرسىزلىكلىرىگە نىسپىتەن كەڭ قورساق بولۇش (كەڭ قورساق بولالمايدىغان ئادەم،ئاجرىشىپ ،قايتا توي قىلغان ھالەتتىمۇ يەنىلا خۇشال بولالمايدۇ ).
ئەر ئاياللارئوتتۇرسىدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك تۆت جۈملە سۆز:
1) كەچۇرۇڭ، مەن خاتالىشىپتىمەن.
2) مەن سىزگە ئىشىنىمەن؛
3) مەن سىزدىن پەخىرلىنىمەن؛
4) مەن سىزنى سۆيىمەن.
ئەر ئاياللار چىقىشىپ ئۆتۇشتىكى تۆت ئورتاقلىق:
1) ئورتاق ھاياتلىق نىشانى؛
2) ئورتاق مۇھىت؛
3) ئورتاق سۆھبەت تىمىسى؛
4) ئورتاق دوست.
دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ نەرسە- مۇھەببەت، ئەڭ كۈچلۇك قورال –تەسىرلەندۇرۇش.