ئانا سەھىپەجىنسىيەتجىنسىي ساغلاملىقئەر-خوتۇنلار جىنسىي مۇھەببىتىنى ماسلاشتۇرۇش سەنئىتىگە ماھىر بولۇش كېرەك

ئەر-خوتۇنلار جىنسىي مۇھەببىتىنى ماسلاشتۇرۇش سەنئىتىگە ماھىر بولۇش كېرەك

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى شۇنى سەمىمىي ئەسكەرتىدۇكى: ئەر-خوتۇن بىر-بىرىنىڭ پەرقىگە تېخىمۇ دىققەت قىلىشقا ۋە ئۇنى تەڭشەشكە مۇھتاج

ئەگەر ئەر ھەمىشە جىنسىي ئالاقە ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكىلا دىققەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ پسىخىك تەلىپىگە سەل قارىسا، جىنسىي يۇقىرى پەللىگە يېتىشنى سۈپەتلىك ئەمەلگە ئاشۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، ئىنسانلارنىڭ جىنسىي ئالاقىدىن رازى بولۇش-بولماسلىقى جىنسىي ئالاقە قىلىۋاتقان ئىككىيلەننىڭ پسىخىك ئىنكاسىنى سېزىش ئىقتىدارىغا باغلىق بولىدۇ.

ئەر-خوتۇنلارنىڭ جىنسىي پائالىيىتىنىڭ مەركىزى ۋە ئاچقۇچى جىنسىي يۇقىرى پەللىگە يېتىشتۇر. لېكىن ئەر-خوتۇننىڭ جىنسىي يۇقىرى پەللىگە يېتىش ئۇسۇلىدا ناھايىتى زور پەرق بولىدۇ. ئەرلەر جىنسىي ھەرىكەت ماھارىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئېتىبار بەرسە، خوتۇنلار ھېسسىياتلىق ھەرىكەتلەرگە بەكرەك مايىل بولىدۇ.

شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى مۇتەخەسىسى مۇنداق دەيدۇ: بىزنىڭ ئۇزۇن يىللىق كىلىنىكىلىق داۋالاش جەريانىمىزدا شۇنى بايقىدۇقكى، جىنسىي تۇرمۇشتا ئەرلەرنىڭ ھەممىدىن بەك ئەھمىيەت بېرىدىغىنى جىنسىي ئالاقە قېتىم سانى ۋە جىنسىي يۇقىرى پەللە قېتىم سانىنىڭ قانچىلىكلىكى، جىنسىي ھەرىكەتنىڭ كونكرېت ئۇسۇلى بولۇپمۇ جىنسىي ئالاقە ئۇسۇلى؛ ئۇنىڭدىن قالسا ئەركىلىتىش ھەرىكىتىنىڭ تۈرلىرى ۋە ھالىتى، ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش ئەھۋالىدۇر. ئاياللارنىڭ كۆپىنچە بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئالدى بىلەن ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئاندىن ئەكسىچە تەرتىپ بويىچە ئاجىزلىشىپ بارىدۇ. نىكاھقا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئامىللار ئىچىدە، جىنسىي ئالاقە ئۇسۇلىنىڭ ئەرگە بولغان رولى ئۈچىنچى ئورۇنغا تىزىلغان بولسا، خوتۇنغا بولغان رولى پەقەت 7-ئورۇنغىلا تىزىلغان.

ئەر بىلەن خوتۇننىڭ جىنسىيەتنى ئىپادىلەش ئۇسۇلىدا پەرق بولۇشى نورمال ئەھۋال. چۈنكى ئەرلەرنىڭ جىنسىي غىدىقى جىنسىي ئەزاسىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، جىنسىي يۇقىرى پەللىگە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى بەخت تۇيغۇسىغا پەقەت جىنسىي ھەرىكەت ماھارىتىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىقلا ئېرىشەلەيدۇ. ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا ئەرلەر خوتۇنى قانائەتلەندۈرەلمىگەندە، بەزىلەر مۇشۇ سەۋەبتىن ئاشنا تۇتىدۇ ۋە پاھىشۋازلىق قىلىدۇ. ئەرلەر ئىچىدە جىنسىي ئالاقە ئۇسۇلىدىن رازى بولماي يات ئايال بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىشنى ئويلايدىغانلىرى 70 كە يېتىدۇ، ئوخشاش ئەھۋالدىكى ئاياللار پەقەر 25 نىلا ئىگىلەيدۇ. خوتۇنغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ جىنسىي سەزگۈر رايونى ئاساسەن پۈتۈن بەدىنىگە تارقالغان بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە جىنسىي ھەۋىسى بىرقەدەر ئاستا قوزغىلىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئۇزاقراق ۋاقىت ھەر جەھەتتىن مۇۋاپىق غىدىقلانغاندىلا جىنسىي يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ. ئەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ پسىخىك تەلىپىنىڭ ئەمەلگە ئېشىش -ئاشماسلىقى فىزىئولوگىيىلىك تەلىپى ۋە ھەرىكەت تەلىپىنىڭ ئەمەلگە ئېشىش-ئاشماسلىقىنىڭ ئالدىنقى شەرتى. مۇشۇنداق بولغاچقا، ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن جىنسىي تۇرمۇشتا زىددىيەتتىن ساقلىنالمايدۇ. ئەر خوتۇنىدىن ئاۋارىچىلىقى تۈگىمەيدۇ دەپ ئاغرىنسا، خوتۇن ئېرىدىن ئۆزىنى ئويۇنچۇق ئورنىدا كۆرۈپ ھېلى ئۇياققا، ھېلى بۇ ياققا ئىتتەردى دەپ رەنجىيدۇ.

پەرقنىڭ بولۇشى نورمال ئەھۋال بولسىمۇ، ئۇنىڭغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن، جىنسىي تۇرمۇشتا ماسلاشقىلى بولمايدۇ. ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن بۇنى ئېنىق تونۇشۇى كېرەك. نۇرغۇن ئەر-خوتۇنلارنىڭ جىنسىي تۇرمۇشتا ماسلىشالماسلىقىنى يۇقىرىقى ئىككى چوڭ ئاساسىي جىنىس پەرقى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ھېچبىركىمنىڭ سەۋەنلىكىدىن بولغان ئەمەس. جىنسىي ئالاقە ئۇسۇلىنىڭ تامامەن ئوخشاش بولۇشىنى ئۈمىد قىلغاندا، نەتىجە ئارزۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ چىقىدۇ. جورىسىغا قاتتىق تەلەپ قويۇش ۋە يولدىشىنى ئەيىبلەشتىن باشقىنى بىلمىگەندە، زىددىيەت ۋە تونۇنۇشنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى ۋە كېڭىيىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ. پەرقنى ئېتىراپ قىلىش ئەمما ئۇنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىشقا ئۇرۇنماسلىق— ئەر-خوتۇنلارنىڭ جىنسىي تۇرمۇشتا بىر-بىرىگە ماسلىشىشتىكى چوڭ پرىنسىپ.

ئىنسانلارنىڭ جىنسىي ھەرىكىتىنى ئىپادىلەش ئۇسۇلى خىلمۇ-خىل بولۇپ، پەقەت ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن سىناقتىن ئۆتكۈزۈشكە جۈرئەت قىلىدىغان ھەمدە توختىماي ئىزدىنىدىغانلا بولسا، پەرقنى جەزمەن كىچىكلىتەلەيدۇ. مەسىلەن، ئەرنىڭ تەلىپىدىكى مەلۇم بىر خىل جىنسىي ئالاقە ئۇسۇلىنى خوتۇنى تولىمۇ غەلىتە ۋە ھېسسىياتنى ئىپادىلەشكە ئەپسىز ھېس قىلىشى، باشقا بىر خىل ئۇسۇل بولسا ئۇنىڭ رومانتىك تەلىپىگە ئىنتايىن ئۇيغۇن كېلىشى مۇمكىن. خوتۇنىنىڭ بەزى شىرىن-شېكەر سۆزلىرى ئېرىگە قۇرۇق گەپنى تولا قىلغاندەك ۋە تېتىقسىز تۇيۇلۇشى، ھېسسىياتنى قوزغايدىغان باشقا بەزى سۆزلىرى ئېرىنى ھاياجانلاندۇرۇشى ۋە تەشەببۇسكار ماسلاشتۇرۇشى مۇمكىن. قىسقىسى، ئەر بىلەن خوتۇن ئىزدىنىشكە جۈرئەت قىلغاندىلا، ئىككىيلەن ياقتۇرىدىغان ئۇسۇلنى تېپىپ چىقالايدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-31

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-31 / 08:03:21

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ