ئانا سەھىپەتۇرمۇشئائىلە ۋە تۇرمۇشئېرىڭىزنىڭ ئاچچىقىنى بېسىۋېلىشىغا ياردەم قىلىڭ

ئېرىڭىزنىڭ ئاچچىقىنى بېسىۋېلىشىغا ياردەم قىلىڭ

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

كۈنلەر دائىم خۇشال ئۆتىۋەرمىگىنىدەك، ئەرلەرمۇ پات- پات رەنجىپ تۇرىدۇ. ھەرقانچە دۆت خوتۇن بولسىمۇ ئېرىنىڭ رەنجىپ قالغانلىقىنى بىلەلەيدۇ. ھەرقانچە ئەقىلىق ئايالمۇ ئېرى رەنجىپ قالغاندا ئالاقزادە بولۇپ كېتىدۇ.

جەمئىيەتنىڭ بېسىمى بارغانسىرى ئەرلەرنى خاپىغان قىلىپ قويىۋاتىدۇ، پۇل تاپقۇسى كەلسىمۇ تاپالماسلىق، مائاشىنى يەتكۈزەلمەسلىك، خوتۇن – بالىلىرىنى باشقىلارغا ئوخشاش راھەت تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرەلمەسلىكتىن قورقۇش، ئۆزى بىلەن تەڭ دېمەتلىكلەرنىڭ ئۆزىدى ئېشىپ كېتىشى، خىزمەت ئورنىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئېرشەلمەسلىك، باشلىقىدىن ياكى باشقىلاردىن كۆڭلى رەنجىپ قېلىش، شۇنىڭ بىلەن ئۆيگە كەلگەندە دەردىنى ئۆيدىكىلەردىن ئېلىش- خېلى بىر قىسىم ئەرلەرنىڭ ئادىتىگە ئايلانماقتا.

بەزى تۇغما خاپىغان كىشىلەرمۇ بار، پسخىكىسى تازا ساغلام ئەمەس، ھەممىلا ئادەمدىن ئۈستۈن تۇرۇشنى ئويلاش، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قىلچىلىك ھۆرمەتسىزلىك قىلىشنىمۇ كۆتۈرەلمەسلىك، ئۆزىنىڭكىنىلا توغرا دېيىش، ئېچىلىپ كەتكەندە ھەممىلا ئادەمگە چاقچاق قىلىپ، خوتۇن – بالىلىرىنىمۇ خۇش قىلىپ، تۇتۇلۇپ قالغاندا ھېچكىمگە قاراپمۇ قويماي بۇقىدەك ئۆتۈپ كېتىش- بۇنداقلارنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى.

« سۈزۈك سۇدا بېلىق بولماس، رەنجىگەكنىڭ دوستى» دېگەندەك، ھەممىلا ئادەم بۇنداقلاردىن بىزار بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىشى تېخىمۇ يۈرۈشمەي، ئۇ تېخىمۇ رەنجىپ، ئۆيدىكىلەرنىمۇ پاراكەندە قىلىۋېتىدۇ.

ئېرىڭىز مەيلى قانداق سەۋەب بىلەن رەنجىگەن بولىشىدىن قەتئىنەزەر سىز ئوت ئۈستىگە ياغ چاچىدىغان ئىشنى قىلماسلىقىڭىز، ئېرىڭىزنىڭ ئاچچىقىنى بېسىۋېلىشقا يارىدەملىشىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز كېرەك.

بىر ئەقىلىق، مۇنەۋۋەر ئايال ئەرلەرنى قانداق تېزگىنلەشنى ئوبدان بىلىدۇ. بولۇپمۇ ئەرلەرنىڭ قالايمىقان رەنجىشىگە يول قويمايدۇ، ئەرلەرنىڭ غەزىپىنى، ئاچچىقىنى چېقىرىۋېتىشكە ئەمەلىيەتتە ئانچە كۆپ ماھارەتنىڭ لازىمى يوق، ياخشى ئاياللارنىڭ ھەممىسىگە ئايان، ئەرلەر رەنجىپ قالغاندا سۈكۈت قىلىش- ئالتۇن بىلەن باراۋەردۇر.

زامانىۋى ئاياللارنىڭ ئوسال مىجەزلىك ئەرلەرنى ئۆزگەرتىشىدىكى بەش چوڭ تەدبىر:

(1) ئۈندىمەسلىك.

(2) ئۈنسىز كۆيۈنۈش.

(3) ھەرگىز مۇرەسسە قىلماسلىق.

(4) ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ قىلىش.

(5) سۆرەلمىلىك قىلىش.

ياخشى خوتۇن بولۇشنى ئويلىغان ئاياللار ئېرىنىڭ مىجەزىگە باقمىسا بولمايدۇ. ئۇ قانداق قىلغاندا ئېرىنىڭ ئىشەنچىنى يوقىتىپ قويماسلىقىنى، شۇنداقلا ئۇششاق ئىشلارغا قېيداپ قالماسلىقىنى بىلىشى كېرەك.
– بالزاك

كىم غەملىك كۈندە يار ۋە مۇڭدىشىڭ بولار،
شادلىق كۈنۈڭدە يەنە يولدىشىڭ بولار.
– پەرىددىدىن ئەتتار

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-01-13

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-01-01 / 05:45:27

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ