جىنسى ئالاقە ساقلىق ۋە كېسەللىنىش بىلەن زۆرۈر مۇناسىۋەتكە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، قەدىمكى ھۆكۈمالار «ساقلىقتىكى چىقىرىش» بابىغا كىرگۈزگەن
جىنسى ئالاقە ئىنسانلار ۋە ھايۋانلار توپىدىكى ئەر بىلەن ئايال ياكى چىشى بىلەن ئەركەك ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر خىل جىنسى مۇناسىۋەت بولۇپلا قالماي بەلكى پۈتۈن دۇنيادىكى جانلىق مەخلۇقات، ئىنسانلار، ھايۋانلار، ھاشاراتلار ۋە گىياھلارنىڭ ئەسلى تەبىئىتىدە مەۋجۇت بولغان ئۇرۇق-نەسىل قالدۇرۇش، ئۆز نەسلىنى ئەبەدىي داۋاملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر خىل تەبىئىي تەقەززا ۋە تەبىئىي ئىستەكتىن ئىبارەتتۇر. بۇ پائالىيەت كۆزگە كۆرۈنىدىغان جانلىقلاردا بولۇپلا قالماي، مىكروسكوپ ئاستىدا كۆرگىلى بولىدىغان ئۇششاق جانىۋارلاردىمۇ مەۋجۇت. مەخلۇقات ئارىسىدا جىنسى ئالاقە مۇناسىۋىتى توختايدىكەن، شۇ مەخلۇقنىڭ نەسلى تۈگەيدۇ دەپ قارىلىدۇ.
يېقىنقى زاماندىن بۇيان دۇنيادا جىنسى ئالاقە مەسىلىسى قانداقتۇر «جىنسى ئەركىنلىك» دېگەن غايەت زور زىيانلىق شوئار تۈپەيلىدىن، ئېغىر ئىجتىمائىي، ئەخلاقى ۋە خەتەرلىك كېسەللىك مەسىلىلەرنى تۇغدۇردى.
ھايۋانلاردا، ئۆسۈملۈكلەردە جىنسى ئالاقە نوقۇل نەسىل قالدۇرۇشتىن ئىبارەت تەبىئىي تەقەززا ئاساسىدا ئاڭسىز ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ئەمما، يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋان ھېسابلىندىغان ئىنسانلار بۇ پائالىيەت نەسىل قالدۇرۇش مەسىلىسىدىن ھالقىپ شەھۋانى لەززەتلىنىش مەسىلىسىگە ئايلىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، قەدىمدىن ھازىرغىچە ناھايىتى نۇرغۇن ئىجتىمائىي پاجىئەلەرگە سەۋەبچى بولۇپ كەلمەكتە. بۈگۈن 21-ئەسىرگە كەلگەندە، غەيرى قانۇنىي ئەخلاقسىز جىنسى ئالاقە ئىشلىرى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن راك كېسەللىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ تەھدىتلىك بولغان «ئەيدىز» كېسەللىكىنى تارقاتقۇچى تۈپ ئامىل بولۇپ قالدى. ئەيدىز كېسەللىكىگە قارشى تۇرۇش، ئۆز ئەۋلادى، ئۆز مىللىتى، ۋەتەنداشلىرنىڭ سالامەتلىكى، ھاياتى، پاراۋان تۇرمۇشىنى قوغداش ئۈچۈن، ھەر بىر شەخس جىنسى ئالاقىسىنى قانۇنىي، ئەخلاقى يول بىلەن ئېلىپ بېرىشى، جىنسى مۇناسىۋەت ھەققىدىكى ئىلىمى ساۋاتلاردىن خەۋەردار بۇلىشى، تەشۋىقات قىلىشى زۆرۈر.
ئىلىمى قائىدە ۋە ئىنسانىي ئەخلاققا مۇۋاپىق نورمال ئېلىپ بېرىلىدىغان جىنسى ئالاقە ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ئادەملەرنىڭ تەن سالامەتلىكى ئۈچۈن مۇھىم ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى بولغىنىدەك، ئۇنى مۇتلەق تەرك ئېتىش، ۋاقتى يەتكەندە ئۆيلەنمەسلىكمۇ ئىنسان تەبىئىي ھاياتىنىڭ قانۇنىيىتى، تەلىپى ۋە تەقەززاسىغا خىلاپ ئىشتۇر.
ئىنسان ئۆمرىنىڭ ھەر بىر باسقۇچىدا يەنى ياشلىق، ئوتتۇرا ياشلىق، قېرىلىق مەزگىللىردە ئەر ياكى ئايال بولسۇن، جىنسى ئالاقە ئۈچۈن مۇۋاپىق مەزگىل ۋە ئىلىمى قائىدىلەر بولىدۇ.
يۇقىرىقىلارغا رىئايە قىلغاندا، جىنسى ئالاقىدىن ئۈنۈملۈك نەتىجىلەر قولغا كېلىشى مۇمكىن. بۇ قائىدىلەرگە رىئايە قىلمىغاندا، سالامەتلىك، ئەقلى، ئەخلاقى، جىسمانىي جەھەتلەردىن ۋە ئىقتىسادى جەھەتلەردىن زىيانلىق ۋە خەتەرلىك نەتىجىلەر كېلىپ چىقىشى چوقۇم. ئىنسانلار 15~25 ياشلار ئارىلىقىدا بالاغەتكە يىتىدۇ. يەنە ئۇنىڭدا جىنسى شەھۋانى تەلەپ ئويغىندۇ. شۇ ۋاقىتتا ئۆيلەنگەن ياخشى، ئەمما ئۆيلىنىش يېشى 30 ياشتىن ئېشىپ كەتمەسلىك لازىم.
جىنسى ئالاقە مەسىلىسىنىڭ ئادەمنىڭ ئۆمۈر كۆرۈشى بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى بار. يەنى ئۇنىڭ نورمال بۇلىشى تېز قېرىماسلىق ئۈچۈن پايدىلىق. جىنسى ئالاقە بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىش تېز قېرىش ۋە تېزراق ئۆلۈش ئۈچۈن ئالدىرغانلىق بولىدۇ.
ئالىملارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ياش ۋە بەدىنى ساغلام ئادەملەردە جىنىس ئالاقە ھەپتىسىگە 3-2 قېتىمدىن ئارتۇق بولماسلىقى لازىم. ھەپتىدە بىر قېتىم ئۆتۈلگىنى مۇۋاپىق. 30-40 ياش ئارىلىقىدا ھەر ئىككى قېتىملىق جىنسى ئالاقە ئارىلىقى بىر ھەپتىدىن كەم بولماسلىقى لازىم. 50 ياشتىن ئاشقاندا تەبىئىي تەلەپنىڭ تەقەززا قىلىشى بويىچە ئايدا بىر ئىككى قېتىم، 60 ياشتىن ئاشقاندا تەرك ئەتسىمۇ بولىدۇ ياكى ئىككى ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزسىمۇ بولىدۇ. 60 ياشتىن ئاشقاندا بۇ مەسىلە ئۆزلۈكىدىن توختاشقا باشلايدۇ. يۇقىرىقى قائىدىلەرگە رىئايە قىلغانلار 60-70 ياش بەلكى 80 ياشقىچە توختىماسلىقى؛ قائىدىگە رىئايە قىلمىغاندا 40-50 ياشلاردا كاردىن چىقىشى مۇمكىن.شۇنى قەيت قىلىپ ئۆتۈش لازىمكى، بالاغەتكە يېتىش دەۋرى توشماي ھەمدە ئۇقۇش ۋەزىپىسى تۈگىمەي تۇرۇپ ھەر خىل شەھۋانى رومان، ھېكايىلەرگە بېرىلىش، شەھۋانى رەسىم كىنولارنى كۆرۈش، ياش ئۆسمۈرلەردە شەھۋانى ھېسسىياتنى مەزگىلدىن بۇرۇن قوزغاپ، ئۇلارنى ناچار سۆھبەت، ناچار قىلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئېلىپ كېلىدۇ. نەتىجىدە ئۇلار جىسمانىي جەھەتتىن زەئىپلىك، ئەقىل جەھەتتىن دۆتلۈك، ئەخلاقى جەھەتتىن پاسكىنچىلىق پاتقىقىغا پېتىپ قېلىپ، ئۆزىنىڭ ئىستىقبالىنى بۇزىدۇ. جەمئىيەتنىڭ تەلىپىدىن چىقالمايدۇ. بەزىلەر ئادەم ھاياتىدىكى ئەڭ ھۇزۇر-ھالاۋەتلىك نەرسە جىنسى ئالاقىدىكى «لەززەت» دەپ تونۇيدۇ ۋە داۋاملىق شۇ خىيالدا يۈرۈيدۇ. بۇ ئىنتايىن پەسكەش ھايۋانى خىيال. ئىنسان شەھۋانىيەت ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ شەرەپلىك تۆھپىلەرنى قوشۇش ئۈچۈن دۇنياغا كەلگەن جىنسى ئالاقىنى نەسىل قالدۇرۇش يولىدىكى بىر خىل نورمال ھەرىكەت دەپ بىلىپ، نورمالنى شۇغۇللىنىش لازىم.