ئانا سەھىپەئەرلەر يىگىتلەرئەرلەر ساغلاملىقىئەرلەر دائىم بېلىق يەپ بەرسە دىيابېت كېسىلىدىن ساقلىنالايدۇ

ئەرلەر دائىم بېلىق يەپ بەرسە دىيابېت كېسىلىدىن ساقلىنالايدۇ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ياپونىيەدە ئېلان قىلىنغان بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەرلەر دائىم بېلىق يەپ بەرسە، دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %30ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن.

بۇ تەكشۈرۈشنى ياپونىيە دۆلەتلىك راك تەتقىقات ئورنى قاتارلىق ئورگانلار بىرلىكتە قانات يايدۇرغان. تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئەرلەرنىڭ گاسكون بېلىقى، ساردىنا بېلىقى ۋە شەمشەر بېلىققا ئوخشاش ياغ تەركىبى مول بېلىقلارنى يەپ بېرىشى تەۋسىيە قىلىنغان. تەكشۈرۈشتە قىزىل ئوقيا بېلىق، تۇنا بېلىقى قاتارلىق ياغ تەركىبى تۆۋەن بېلىقلارنىڭ دىيابېت كېسىلىنىڭ خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىسى يوقلۇقى كۆرسىتىلگەن.

تەكشۈرۈشتە يەنە ئاياللار دائىم بېلىق يەپ بەرسە،دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىسى بولمايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ياپونىيە دۆلەتلىك خەلقئارا داۋالاش تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى مۇنداق دېدى: بۇ، ئەرلەر بىلەن ئاياللاردىكى دىيابېت كېسىلىنىڭ قوزغىلىش مېخانىزمىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن.

تەكشۈرۈش ئارقىلىق، كۈندە 170 گىرام بېلىق يەپ بەرگەن ئەرلەرنىڭ دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ كۈندە 40 گىرام بېلىق يەپ بەرگەن ئەرلەرنىڭكىدىن %30 تۆۋەن بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-12-04

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-12-01 / 04:48:19

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ