ساغلاملىق زور بايلىق
ساغلاملىق زور بايلىق

ئەرلەر ئېھتىياجلىق ئوزۇقلۇقلار

ماگنىي . ماگنىي يۈرەك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ۋە يۈرەك مۇسكۇل ھەرىكىتىنى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ ؛ كۆپ پۇرچاق ، باقىلە ، كۆمىقوناق ، پالەك قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە ماگنىي مول بولىدۇ .

ۋىتامىن C . ۋىتامىن C زىيانلىق ماددىلارنىڭ بەدەنگە تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

سىنك. ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى ۋە پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارى يېتەرلىك مىقداردىكى سىنككە ئېھتىياجلىق بولۇپ ، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ، ھايۋانات جىگىرى ، ئاخۇنباش ، گازىر ۋە باقىلەقاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە سىنك بىر قەدەر مول بولىدۇ.

تالالىق يېمەكلىكلەر. تالالىق يېمەكلىكلەرنىڭ مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ئۈچەي راكى ،تاجىسىمان ئارتېرىيە قېتىشىش ، دىيابېت كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ . شۇڭا ئەرلەر قوناق ، تېرىق ، تاتلىق بەرەڭگە شۇنداقلا مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش بېرىشى كېرەك.

سەمىمىي ئەسكەرتىش


  1. بىكەتتىكى مەزمونلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما 100 دە 100 لىق دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. چۈنكى بىر ئادەمنىڭ كېسەل ئالامىتى يەنە بىر ئادەمنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم، دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، مۇنتىزىم دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
  2. ياكى تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقى توغرىسىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئۇيغۇر ئۇيغۇرنى قوللاپ، ئۇيغۇرنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى قوغدىشى، قىممىتىنى نامايەن قىلىشى كېرەك. بىكەتتىكى ھەربىرماقالە دوختۇرلىرىمىزنىڭ كىچە كىچە ئولتۇرۇپ، ئايرىم ۋاقىت چىقىرىپ يېزىلغان، قان تەرىگە كەلگەن ئەمگەك مىۋىسىدۇر . ئەگەر سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، بېكىتىمىزنىڭ مەسئۇللىرى ياكى ئەسلى ئاپتور يازار بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
نۇر دوختۇر Doctor Nurhttp://www.dohturlar.com
تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ!

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

قالدۇرۇلغان باھالار

سۆز قالدۇرۇش

Please enter your comment!
Please enter your name here

سوتسىيال تاراتقۇلىرىمىز

1,249FansLike
163FollowersFollow
1,600SubscribersSubscribe

يېڭى مەزمونلار

spot_img