ئانا سەھىپەئەرلەر يىگىتلەرئەرلەر ساغلاملىقىئەرلەر جىنسىي كۈچىنى قانداق ساقلاپ قالالايدۇ؟

ئەرلەر جىنسىي كۈچىنى قانداق ساقلاپ قالالايدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ھازىرقى زاماندىكى ئەرلىرىمىزدە بەدەن چېنىقتۇرۇپ ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراش ئېڭى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ قېلىۋاتىدۇ ئەمەلىيەتتە ئەرلىرىمىزمۇ ئەسلى ئۆزىنى ئاسراپ تۇرۇشى لازىم ئىدى بولۇپمۇ جىنسىي ساغلاملىقىمىزغا ئەھمىيەت بېرىپ ، جىنسىي كۈچىمىزنى ساقلاپ قېلىشقا دېققەت قىلساق بولاتتى قانداق قىلغاندا جىنسىي كۈچىمىزنى يەنى جىنسىي ئىقتىدارىمىزنى ياخشى ساقلىيالايمىز؟

جىنسىي ئىقتىدار بارلىق قۇرامىغا يەتكەن ئەرلىرىمىزنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىسى . چۈنكى جىنسىي ئىقتىدارىمىز ، جىنسىي كۈچىمىز ئۇرغۇپ تۇرسا ، ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىز تېخىمۇ ئاشىدۇ . ئەر ئاياللىق ئائىلە ساپاسىنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز . تۆۋەندە ئەرلەر جىنسىي كۈچىنى ياخشى ساقلاپ قېلىشىغا ياردىمى بولىدىغان بىر قانچە نۇقتىنى سۆزلەپ ئۆتمەكچىمىز.

تولۇق ئۇيقۇڭىزغا كاپالەتلىك قىلىڭ.

بەزى خىزمەتچى ئەرلەر كۈندۈزى بەك ئالدىراش ئىشلىگەنلىكتىن ، كەچتە ئۆيگە قايتىپ كېلىپ كارىۋاتقا ئۆزىنى ئېتىپ ھارغىنلىق سەۋەبىدىن ئارام ئېلىشقا ئالدىرايدۇ . بۇ ۋاقىتتا جىنسىي تۇرمۇش ئېلىپ بارسا ھارغىنلىقنىڭ ئۈستىگە ھارغىنلىق قوشۇلىدۇ . بۇنداق رىتىمدىكى ئائىلىلەر جىنسىي تۇرمۇشنى ئەتتىگەن ئويغانغان ۋاقىتقا توغرىلاپ ئۆتكۈزسە بولىدۇ . ئەتتىگەن ئويغانغاندا ئادەمنىڭ مېڭىسى ھېلىھەم تورمۇزلىنىپ تۇرغان ھالەتتە بولغاچقا ، ئىتتىك ھېسسىيات كەلمەسلىكى مۇمكىن . شۇڭا ئەتتىگىنى بالدۇرراق تۇرۇپ تەييارلىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ . ئەمما كېچىلىك ئۇيقۇغىڭىزنىڭ ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك بېرەلىسىڭىز ، ئەتتىگەنلىك جىنسىي تۇرمۇشنىڭ بىر كۈنلۈك روھلۇق بولۇشىڭىزغا زور ياردىمى بولىدۇ .

دائىم چېنىقىپ تۇرۇڭ.

ئاستا يۈگۈرۈش ياكى مېڭىش ، بەدەننىڭ تۆۋەن قىسمىنى بەكرەك چېنىقتۇرۇپ بېرىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جىنسىي ئىقتىدارىڭىزنىڭ ئۇرغۇپ تۇرۇشىغا ياردەمچى بولىدۇ . جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ مۇكەممەل بولۇشى ئاساسلىقى بېلىڭىز ھەم پۇتىڭىزدا . بېلىڭىز ، پاچىقىڭىزنى دائىم چېنىقتۇرۇپ بەرسىڭىز ، جىنسىي تۇرمۇشنىڭ تېخىمۇ لەززەتلىك بولۇشى ئۇزاق بولۇشىغا كاپالەتلىك بەرگىلى بولىدۇ .

ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك بېرىش.

ئەرلەر كۆپرەك سىنىك ماددىسى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى ھەمدە جىنسىي ئىقتىدارغا پايدىسبى بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىش لازىم . مەسىلەن بېلىق ، خەيدەي ، ياڭاق ، بۆرەك ، قوي گۆشى ، تۆگە گۆشى ، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار .

بەك سەمىرىپ كەتمەسلىك لازىم.

خىزمەتكە چىققان ۋەياكى توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئەرلەرنىڭ ئەڭ چوڭ مەسىلىسى سەمىرىپ كېتىش. سەمىرىپ كەتكەندىن كېيىن بەدەن ئاجىزلىششقا قاراپ ماڭىدۇ . قېلىن تېرە ئاستىدىكى نېرۋا ئۇچلىرى ئەر ئايال ئىككى تەرەپنىڭ ياخشى ھېسلىرىنى ئېلىشقا ئامالسىز قالىدۇ . شۇڭا سەمىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
3
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-04-07

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-04-01 / 06:13:04

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

بىر باھا بار

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ